ئابدۇقادىر داموللا
ئابدۇقادىر داموللا | |||||
---|---|---|---|---|---|
مىللىتى | ئۇيغۇر |
ئابدۇقادىر داموللام ئۇيغۇرلار ئاريسىدىن چىققان مەشھۇر ئىسلام ئالىمى ،ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى.
خەلقپەرۋەر، مەرىپەتچى شائىر ئابدۇقادىر داموللا 1862-يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ،1924-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئابدۇقادىر داموللا بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىنى ئۆز يۇرتىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ۋە بۇخارا مەدرىسىلىرىدە ئۇزاق مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلغان . ئىلىم - پەن بىلەن خەلقنى ئاقارتىش، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش شۇئارى ئاستىدا بارلىق ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىنى مىللىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش ، يېڭىچە ئىلىم - پەن ۋھ مەدەنىيەتنى گۈللەندۇرۈشكە سەرپ قىلىپ ،< ئاممىغا نەسىھەت >،<زۆرۈر ئەقىدىلەر >، < گۆدەكلەرگە تەلىم >، < ھەقىقەت جەۋھىرى>، <ئەدەبىياتنىڭ ئاچقۇچى >، < ئىلمىي ھېساپ> قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋە ئىلغار دېموكراتىك خاھىش سىڭدۈرۈلگەن يۇقىرى سەۋىيىلىك شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان .
يېتىملارنىڭ غەمگۈزارى
سوغۇق راسا ئەۋجىگە چىققان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ، ئابدۇقادىر داموللام ھاممام كوچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ، ھاممامنىڭ (مونچا) ئوچىقى ئەتراپىدا كۈلگە كۆمۈلۈپ ياتقان بىر توپ سەرگەردان بالىلارنى كۆرۈپ قالىدۇ . بۇ بالىلارنىڭ باش - كۆزلىرى كۈل بىلەن بۇلغىنىپ قاپقارا بولۇپ كەتكەن ، ئۆسۈپ - چىگىشلىشىپ كەتكەن چاچلىرى گەدىنىگە چۈشكەن ، يېلىڭ - يىرتىق كىيىملىرىدىن قورايدەك ئورۇق بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ قالغان بولۇپ ، ئۇلار كۈندۈزى ناۋايخانا ۋە ئاشپۇزۇللارنىڭ ئالدىدا تىلەمچىلىك بىلەن قورسىقىنى تويغۇزغاندىن كېيىن ، ئاخشىمى سوغۇقتىن پاناھلىنىش ئۈچۈن مۇشۇ يەردە تۈنەيتتى .
كۆزلىرى قۇمچاقتەك ئويناپ تۇرىدىغان بۇ ئىگە - چاقىسىز نارەسىدىلەرنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ، يۈرەك - باغرى ئېزىلگەن داموللام : _ جېنىم بالىلىرىم ، قەشقەردەك بىر چوڭ شەھەردە ھالىڭلار مۇشۇ كۈنگە قالدىمۇ ؟ يۈرۈڭلار ، مەن سىلەرنىڭ قورسىقىڭلارنى تويغۇزۇپ ، مۇزلىغان بەدىنىڭلارنى ئىسسىتاي ! _ دەپ ، بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ئەكىتىدۇ . ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئايالى نائىلە خېنىم يېتىم بالىلارنى بۇ ھالدا كۆرۈپ ، كۆز يېشىنى توختىتالماي قالىدۇ ۋە ئانىلىق مېھرى بىلەن ئۇلارنى ئىسسىندۇرۇپ يۇيۇندۇرىدۇ . ئاندىن تاماق تەييارلاپ ، ئېچىرقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزىدۇ . داموللام بۇ باشپاناھسىز بالىلارنى ئۆزى مۇددەرسلىك قىلىدىغان مەدرىسنىڭ بىكار ھۇجرىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن ، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۇلارنى بېقىپ ، ئۆز شاگىرتلىرى قاتارىدا بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ .
ئاممىغا نەسىھەت
[تەھرىرلەش]بىر مۇنچە تالىپ بالىلار قەشقەر كوچىلىرىدا كىشىلەرگە تەشۋىق ۋەرەقى تارقىتىپ يۈرەتتى . ئۆتكۈنچىلەر يولدىن توختاپ : < ماڭا بىرنى !> ، < ماڭا بىرنى !> دىيىشىپ ، بالىلارنىڭ قولىدىكى قەغەز پارچىلىرىنى يۇلۇۋېلىشاتتى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خەت ئوقۇيالايدىغانلىرى ھۆسنخەت شەكلىدە دانىمۇ دانە يېزىلغان ۋە كىشىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتىدىغان مۇنۇ قۇرلارنى ھاياجان بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇشاتتى .: < ............بۇ دەۋر ئىلىم مەرىپەت دەۋرىدۇر ، جاھالەت ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەستۇر . سەئى ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر ، سۇسلۇق -بىكارچىلىق دەۋرى ئەمەستۇر . باشقا خەلقلەر ئىلىم - مەرىپەت كۆكىدە ئۇچماقتا ، سۇ تەكتىدە ئۈزمەكتە . بىزلەر بولساق ھامان غەپلەت ئۇيقۇسىدادۇرمىز . ئۇيقۇ _ ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر . بۇ تەرزدە داۋاملىق ئۇخلىماق زاۋاللىق ۋە ھالاكەتتۇر . ئۇيقۇدىن بىدار بولايلى ، ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت باردۇر ..........> تەشۋىق ۋەرەقىسىگە يېزىلغىنى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ < نەسىھەتى ئامما > ( ئاممىغا نەسىھەت) دىگەن ئەسىرى بولۇپ ، داموللامنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى بىر نەچچە يۈز نۇسخا كۆچۈرۈپ چىققانىدى . ئابدۇقادىر داموللامنىڭ < نەسىھەتى > گويا قاراڭغۇ روجەكلەردىن بۆسۈپ كىرگەن قۇياش نۇرىدەك خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭۈل قەسىرىنى نۇرلاندۇردى . ئۇلارنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ ، كۈرەشچانلىق ئېڭىنى ئۆستۈردى . شۇنىڭ بىلەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ باشچىلىقىدا چەتئەل جاھانگىر كۈچلىرىنىڭ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى خەلق كۈرىشىنىڭ يېڭى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى .
ئالىمنىڭ ئۆلۈمى
[تەھرىرلەش]1924-يىلىنىڭ يەر -جاھاننى زۈلمەت قاپلىغان بىر كېچىسى ئابدۇقادىر داموللام ئۆز كۈتۈپخانىسىدا ئولتۇرۇپ ، ئىلمىي مۇتائىلە قوينىغا چۆكۈپ كەتكەنىدى . توساتتىن بىر شەپە ئاڭلانغاندەك بولدى - دە ، داموللام : < كىم ؟> دىگەن سۇئال بىلەن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئۈلگۈرمەستىنلا شام يورۇقىدا ۋال -ۋۇل قىلغان بىر زەھەرلىك پىچاق ئالىمنىڭ كۆكسىگە سانجىلدى . داموللام سۇسقىنا ئىڭراپ ، ئوتقاشتەك گىلەم ئۈستىگە يىقىلدى . ۋەتەن - مىللەت ئىشقىدا ئوت بولۇپ كۆيگەن يالقۇنلۇق يۈرەك بۇ ئەجەللىك زەربىدىن قانسىراپ ، ئاستا - ئاستا سوقۇشتىن توختىدى ! .........
بۇ _ چەتئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرى ، مۇتەئەسىپ روھانىيلار ۋە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمران دائىرىلىرى بىرلىكتە پىلانلىغان رەزىل سۇيقەستنىڭ ئۇلارغا ياللانغان ئىت يۈرەك خائىن تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئىدى . بۇ شۇم خەۋەر بىر پەستىلا شەھەر - يېزىلارغا پۇر كەتتى . قەشقەردىكى مۇددەرس - ئالىملار ، ياش تالىپلار ، ھۇنەرۋەن -كاسىپلار ۋە يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كىرگەن دېھقانلار ۋە يېتىم - يېسىرلارنىڭ ھەممىسى چەكسىز قايغۇ - ھەسرەتكە چۆكتى .خەلقنىڭ يىغا - زارى ئاسمان - پەلەككە كۆتۈرۈلدى . ھېيتگاھ مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى .پۈتۈن ئەل- يۇرت مەرىپەت ئاسمىنىدىن بىۋاقىت ئېقىپ كەتكەن بۇ يولچى يۇلتۇز( قۇتۇپ يۇلتۇزى) غا ماتەم بىلدۇردى !.......
خەلق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ دانىشمەن ئالىمىنى يادلاپ ، ئۇنىڭ شەنىگە مۇنداق قوشاقلارنى توقۇپ چىقاردى :
تاغۇ تاشلار تەۋرىنىپ ،
قاتتىق چاقماق چاققانمۇ ؟
تۈمەن دەريا سۇلىرى
بۇگۈن تەتۈر ئاققانمۇ؟
ئاي تۇتۇلماس دەپتىمىز ،
كۈن تۇتۇلماس دەپتىمىز .
داموللامغا دەيۈزلەر
قەست قىلالماس دەپتىمىز .
داموللام شېھىت بولدى ،
ياتار جايى بېھىش بولدى .
داموللامغا قەشقەرلىك
كۆپ يىغلاپ بىھۇش بولدى.....
بۇ قوشاقلار مەيدانغا كېلىپ ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇشتەك قانات چىقىرىپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كەڭ تارقىلىپ كەتتى .