ئابدۇقەييۇم مۇساباي

ئورنى Wikipedia

  ئابدۇقەييۇم مۇساباي ، داڭلىق مۇساباي ئائىلىسىدىكى باۋدۇنباينىڭ 2‏-ئوغلى. ئۇ،1917‏-يىلى قەشقەر ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدە تۇغۇلىدۇ. 1926 ‏-يىلىغىچە ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۇقۇيدۇ.1927 ‏-يىلىدىن 1931-يىلىغىچە تۈركىيە ئىستانبۇلدا تۈرك، نېمىس فرانسۇزلاردىن خۇرۇم ئىشلەش، تېرە تىلىش(بىر پارچە تېرىنى بەش-ئالتە پارچە قىلىپ نېپىز تىلىش)، بوياش قاتارلىق تېرە پىششىقلاش تېخنىكىسىنى ئۈگىنىدۇ. 1931-يىلى غۇلجىدىكى جەمەتىنىڭ تېرە زاۋۇتىغا كېلىپ يەنە داۋاملىق بوۋىسى ئېلىپ كەلگەن غۇلجىدىكى مۇھاجىر نېمىسلاردىن تېخنىكا ۋە تىل ئۆگىنىدۇ.        1935-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە ئىلى تېرە زاۋۇتىدا زاپخوز، سودا بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ پولكوۋنىك ۋە ۋىلايەتلىك خارجى ئىشلار باج مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1946-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە جەمەتىنىڭ ئىگىلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ تېرە زاۋۇتىغا باشلىق بولىدۇ.

   1954-يىلى تېرە زاۋۇتى كوپىراتسىيە ھەركىتىگە قوشۇۋېتىلىدۇ. ئابدۇقەييۇم مۇساباي لىچۈن سانائەت شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىگە باشلىق بولىدۇ.1955-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە ئۈرۈمچى سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدە مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، 1957-يىلىغىچە ئىلى تېرە زاۋۇتى(ئەسلىدىكى مۇسابايلارنىڭ تېرە زاۋۇتى)ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ.

     1958-يىلى ئوڭچى دەپ ئەيىپلىنىپ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ تۆت يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. 1962-يىلى 6-ئايدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 1978-يىلىغىچە غۇلجىدا مەدىكارچىلىق قىلىپ جان باقىدۇ.      1978   -يىلى سىياسەت ئەمىلىلىشىپ، قايتىدىن تېرە زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە ئىلى ئوبلاستلىق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ. 1980-يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىدۇ ۋە 1988-يىلىغىچە ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولىدۇ.

   ئابدۇقەييۇم مۇساباي تۇنجى ئەۋلاد يېتۈك كەسپى خادىم بولۇپلا قالماي، تۈرك، نېمىس، رۇس تىللىرىنى پىششىق بىلىدىغان زىيالى ئىدى. ئۇ بىر مەزگىل مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ماتېرىياللىرى ۋە ئىدارە-جەمىيەتنىڭ رۇسچە -نېمىسچە ماتېرىياللىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندىن تاشقىرى، 1985-يىلى «گۆر ئوغلى» دىگەن تۈركچە ئەدەبى روماننى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرىدۇ.

      ئابدۇقەييۇم مۇساباي 1988-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى 71يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولىدۇ.


ماقالە ۋە رەسىملەر شىرىپ خۇشتار تاغىمىز يازغان «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.