ئابدۇكېرىمجان توختى

ئورنى Wikipedia

ئابدۇكېرىمجان توختى

(نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)


ئەركىن سىدىق


مايكېل جوسېفسون مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر مۇشۇ بىر تال كىچىككىنە گۈل قۇياش نۇرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىر يول تاپالىغان بولسا، سىزمۇ شۇنداق قىلالايسىز. قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش روھىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ھەرگىزمۇ تۆۋەن مۆلچەرلىمەڭ».

ئادەتتىكى كىشىلەردەك كۆرۈنىدىغان بەزى ئادەملەرنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالىشىغا سەۋەب بولىدىغان نەرسە نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ قايناق ھېسسىيات ياكى قاتتىق ئىنتىلىش (passion)دىن ئىبارەت. بىر باشلامچى ياكى لىدېرنىڭ ھاياتىدا ھېچقانداق نەرسە قاتتىق ئىنتىلىشنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.

تۆۋەندىكى قاتتىق ئىنتىلىش ھەققىدىكى تۆت ھەقىقەتكە قاراپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ سىزگە قانداق پايدىلارنى يەتكۈزەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭ:

1. قاتتىق ئىنتىلىش نەتىجە يارىتىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى. سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز سىزنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىڭىز ياكى تەقدىرىڭىز (destiny)نى بەلگىلەيدۇ. ئادەتتىن تاشقىرى ھاياتنى ياشىغان ھەربىر ئادەم ئۇلۇغۋار ئارزۇغا ئىگە ئادەمدۇر. ھەممە ساھەلەر ئۈچۈن ئورتاق بولغان مۇنداق بىر ھەقىقەت بار: ئاجىز تىلەك كىشىنى ئاجىز نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ. بۇ خۇددى بىر تال كىچىك ئوت پەقەت كىچىك ئىسسىقلىقنىلا پەيدا قىلالىغانغا ئوخشاش. سىزدىكى ئوت قانچىكى كۈچلۈك بولىدىكەن، سىزدىكى تىلەكمۇ شۇنچە چوڭ بولۇپ، سىز ئېرىشەلەيدىغان نەتىجىلەرمۇ شۇنچە زور بولىدۇ.

2. قاتتىق ئىنتىلىش سىزنىڭ ئىرادىڭىز (willpower) نىمۇ ئاشۇرىدۇ. قاتتىق ئىنتىلىشنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان باشقا بىرەر نەرسە يوق. ئۇ سىزنىڭ ئىرادىڭىزنىڭ يېقىلغۇسىدۇر. ئەگەر سىز مەلۇم بىر نەرسىنى يېتەرلىك دەرىجىدە قاتتىق ئىستەيدىكەنسىز، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىرادىنى تاپالايسىز. ئاشۇنداق ئارزۇغا ئىگە بولۇشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ئۆزىڭىزدە بىر خىل قاتتىق ئىنتىلىشنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.

3. قاتتىق ئىنتىلىش سىزنى ئۆزگەرتىدۇ. ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ سىز توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى بويىچە ئىش تۇتماي، ئۆزىڭىزنىڭ قاتتىق ئىنتىلىشى بويىچە ئىش تۇتىدىكەنسىز، چوقۇم كۆڭلىڭىزگە پۈككەن ئارزۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى تېخىمۇ تولۇق ئاتا قىلغان، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى ياراتقان بىر ئادەم بولۇپ چىقالايسىز. شۇنىڭ بىلەن سىز باشقىلارغا تېخىمۇ زور تەسىر كۆرسىتەلەيسىز. ئەڭ ئاخىرىدا سىزدىكى قاتتىق ئىنتىلىشنىڭ باشقىلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى سىزنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىڭىزنىڭ تەسىرىدىنمۇ زور بولىدۇ.

4. قاتتىق ئىنتىلىش ئەسلىدە مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان ئىشلارنى مۇمكىنلىككە ئىگە قىلىدۇ. ئىنسانلار مۇنداق يارىتىلغان: بىر نەرسە سىزنىڭ روھىڭىزغا ئوت تۇتاشتۇرغاندا، ئەسلىدىكى مۇمكىنسىزلىك غايىب بولىدۇ. يۈرىكىڭىزدىكى بىر تال ئوت ھاياتىڭىزدىكى ھەممە ئىشلارنى يۈكسەلدۈرىدۇ. قاتتىق ئىنتىلىش ياكى قايناق ھېسسىياتقا ئىگە لىدېرلارنىڭ ناھايىتى ئۈنۈمدار كېلىشىدىكى سەۋەب ئەنە شۇ. ئىنتايىن كۈچلۈك ئىنتىلىشقا ئىگە، ئەمما ماھارەتكە ئۇنچىۋالا باي ئەمەس بىر لىدېر ناھايىتى ماھارەتلىك، ئەمما قاتتىق ئىنتىلىشقا ئىگە ئەمەس يەنە بىر لىدېرغا قارىغاندا بەكراق نەتىجىلىك كېلىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئىككىنچى مەزمۇن مەن «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (9)» دېگەن ماقالەمدە تونۇشتۇرغان جون ماكسىۋېل (John C. Maxwell)نىڭ «ماكسىۋېل كۈنلۈك ئوقۇشلۇقى» دېگەن كىتابىنىڭ 39-بېتى (3-فېۋرال كۈنى)دىكى مەزمۇن بولۇپ، ئۇنىڭ تېمىسى «ئۆزىڭىزنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى ئۆستۈرۈڭ» دىن ئىبارەت.

مەن ھازىرغىچە «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار» دېگەن تېما ئاستىدا تونۇشتۇرغان 43 قېرىندىشىمىزنىڭ ۋە ئۆزۈمنىڭ ھازىرقىدەك بىر ھالەتكە كېلىش ئۈچۈن قانداق قىلغانلىقىنى يۇقىرىدىكى ئىككى مەزمۇن بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ئاساسەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرىدىكى بىر تال كىچىك گۈلدەك بوشاشماي تىرىشىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن يول ئاچقانلىقىنى ھەمدە باشتىن-ئاخىر ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان ئىشقا قاتتىق ئىنتىلىش روھى بىلەن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ قېتىم مەن ئاشۇنداق قېرىنداشلارنىڭ يەنە بىر يېڭى مىسالىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ قېتىم تونۇشتۇرىدىغان ئۇكىمىز مەن ھازىرغىچە تونۇشتۇرغان 44-قېرىندىشىمىز بولۇپ، تۆۋەندىكى مەزمۇننى ھازىر تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىنىمىز ھەسەنجان تەييارلاپ بەردى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەسەنجان ئۇكىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. دېمەك، «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا يوللىنىلىدىغان مەزمۇننى مەن ئەمەس، تونۇشتۇرۇلىدىغان قېرىندىشىمىز ئۆزى ئەمەس، يەنە بىر، ياكى 3-قېرىندىشىمىز تەييارلىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. مەن قولىدىن مۇشۇنداق ئىش كېلىدىغان باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ ماڭا ياردەم قىلىشىنى، ئۆزلىرى تونۇيدىغان «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار»نىڭ ئەھۋالىنى يېزىپ چىقىپ، ماڭا يوللاپ بېرىشىنى سورايمەن. رەسمىي مەزمۇننى ئەمدى باشلايمەن.


ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرى ئابدۇكېرىمجان توختى (تۈركىيە)


ئابدۇكېرىمجان توختى 1977-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى قاراماي شەھرىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئائىلىسىنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن پوسكام نېفىتلىكىگە كۆچۈپ كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پوسكام نېفىتلىكىدە تاماملىغان. 1993-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تۇنجى قاراردىكى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تەسىس قىلىپ، نېفىتلىك رايونلىرىدىنلا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ئابدۇكېرىمجان شۇ يىلى تۇنجى قارار ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ، نەنجىڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە خىتاي تىلىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان. شۇنداقلا 1996-يىللىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش ئىمتىھانىدا ئاپتونۇم رايون بويىچە بەشىنچى، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارى رايونى بويىچە بىرىنچى ئوقۇغۇچى بولۇپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىنغان. مېدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغان ئابدۇكېرىمجان تەييارلىقنى تاماملىغاندىن كېيىن، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياخشى بىر مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، نومۇرى ئىچكىردىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارغا كىرىشكە يەتكەن بولسىمۇ، تېبابەت كەسپىدە ئوقۇش ئارزۇسى بويىچە «شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى» داۋالاش كەسپىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇشىغا كىرگەن.

«شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى»دا ئوقۇش جەريانىدا دىيارىمىزدىكى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس ئادالەت قاسىمى خانىم (ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىزى) بەرگەن ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى دەرسى ئابدۇكېرىمجاننى ئۆزىگە قاتتىق جەلپ قىلىۋالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە تولۇق كۇرسنىڭ ئىككىنچى يىلى ئادالەت قاسىمىنىڭ باشچىلىقىدا «شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى»دا ئېچىلغان تۇنجى قارار ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى كەسپىگە ئالمىشىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتكەن.

ئۇ ئوقۇش داۋامىدا ئۆزىنىڭ كەسپىي دەرسلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەندىن باشقا، ئىنگلىز تىلى بىلمەي تۇرۇپ لاياقەتلىك دوختۇر بولالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئىنگلىز تىلىنىمۇ تىرىشىپ ئۆگەنگەن ھەمدە 2001-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانىدا 4-دەرىجىدىن ۋە 6-دەرىجىدىن ئۆتكەن. شۇنداقلا 2003-يىلى TOEFL ئىمتىھانىدا 577 نومۇر ئالغان.

ئۇ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ مىدىلسېكس (Middlesex) ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاممىۋى سەھىيە كەسپىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئەمما ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى كەسپىدە ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ئەنگلىيەگە بېرىشتىن ۋاز كەچكەن.

ئابدۇكېرىمجان 2005-يىلى ئوقۇش ئىستىكىدە تۈركىيەگە كەلگەن. تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن قاتتىق تەييارلىق قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز كەسپىدە ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتىنى ئىزدىگەن. ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر يوق بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇرۇنۇپ باققانلار ئۇنىڭغا تۈركىيەدە دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان ئابدۇكېرىمجان توختى بىر مەھەل قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن.

ئەمما كىچىكىدىنلا ئىزچىل ياخشى ئوقۇغان ئابدۇكېرىمجان ئۆزىنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە بۈگۈنگىچە ئوقۇش داۋامىدا قاتمۇقات قىيىنچىلىقلار ۋە ئىمتىھانلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئويلاپ، قەلبىدە ئىشەنچ پەيدا بولغان. شۇنداقلا كەسىپكە بولغان ئىشتىياقى ئۇنى داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىشقا ئۈندىگەن. شۇنداق قىلىپ 2006-يىلى تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئىمتىھانلاردىن ت ج س (TCS) ئىمتىھانىدا ئۆزى ئوقۇغان سىنىپىدا نەتىجىسى بىرىنچى بولۇپ، غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر فاكۇلتېتى چىش كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى غەيرىلىيكىنى تۈزەش ئىلمى (口腔正畸, orthodontics)غا دوكتورلۇق ئوقۇشقا كىرگەن. شۇنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىشىمىز زۆرۈركى، تۈركىيەدىكى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پەرقلىق بولۇشى تۈپەيلىدىن، تۈركىيەدە تېببىي كەسپلەردە باكلاۋۇرلۇققا ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار بىۋاسىتە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بىلەن پۈتتۈرۈپ چىقىدىغان بولغاچقا (本硕连读)، ۋەتەندە تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتلاردا باكالاۋۇرلۇقنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەدە بىۋاسىتە دوكتورلۇق ئوقۇشقا كىرىدۇ.

ئوقۇش داۋامىدا گەرچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۈرك تىلىنى ياخشى بىلگەندەك قىلسىمۇ، ئاكادېمىك سەۋىيەدە دەرس ئوقۇش ئاسانغا توختىمايدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن تىل جەھەتتىكى سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن كەسپىي دەرسلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ئەنقەرە شەھىرىنىڭ ئەتىراپىدىكى ناھىيەلەردىكى دوختۇرخانىلاردا كېچىلىك سىمېنىدا تۇرۇش ئارقىلىق قامدايدۇ.

ئۇ ئەينى ۋاقىتلاردىكى قىيىنچىلىقلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەكتىپىمدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، كېچىلىك سىمېنىدا تۇراتتىم. كېچىلىك سىمېنىدا بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋە بىر قىسىم داۋالاشلارنى قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ دەرسلىرىنى تەييارلىمىسام بولمايتى. شۇڭا كېچىدە ئاران ئىككى-ئۈچ سائەت ئۇخلاشقا مەجبۇر ئىدىم. ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئاپتۇبۇس بىلەن ئۆرە تۇرۇپ دېگۈدەك مەكتىپىمگە قايتاتتىم. ھەتتا ئاپتوبۇسنىڭ تۇتقۇچىغا ئېسىلىپ ئۇخلاپ قالاتتىم. قىش كۈنلىرى ئەنقەرەدە ئاجايىپ سوغۇق بولۇپ كېتەتتى. تاپقان پۇلۇم يېمەك-ئىچمەككىلا يېتىدىغان بولغاچقا، ھەتتا ئۆينى ئىسسىتىشقا گازمۇ سېتىۋالالمايتتىم. ئولتۇرىدىغان ئۆيىمىز كونا بولغاچقا بەك سوغۇق ئىدى. بەزىدە بۇنداق جاپا تارتقاندىن ئوقۇماي تەرجىمانلىق قىلايمۇ-يە، دەپ ئىككىلىنىپ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى. چۈنكى تەرجىمانلىق قىلغاندا پۇلنى ئاسان تاپقىلى بولاتتى. شۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆزۈمگە: «سەن تۈركىيەگە تەرجىمانلىق قىلغىلى كەلگەنمىدىڭ ياكى دوختۇر بولغىلىمۇ؟» دەپ سوئال قوياتتىم. ئەلھەمدۇلىللاھ، ئۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى».

شۇنداق داۋام قىلىش بىلەن بىرگە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى پەرقلەر تۈپەيلىدىن، تۈركىيەدە تېبابەت كەسىپلىرىدە ئوقۇماقچى بولغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار تولۇق كۇرستا ئوقۇغان ئوقۇش تارىخى ۋە نەتىجىسىنى تۈركىيەدە ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ، تۈركىيەدە دوختۇر بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايتى. بۇ دېگەنلىك باكالاۋۇرلۇقتا ئوقۇغان كەسپىي دەرسلىكلەردە بىرمۇبىر تۈركچىدە ئىمتىھان بېرىش دېگەنلىكتۇر. تۈركىيەنىڭ مائارىپ سىستېمىسىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەلىپى تۈپەيلىدىن، تېبابەت كەسىپلىرىدە باكالاۋۇرلۇق ۋە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تۈركىيەدە ئوقۇمىغان ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەدە تېبابەت كەسىپلىرىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن كەسپىي دەرسلەر ئوخشاش بولمىغان نىسبەتتە تەشكىل تاپقان «دەنكلىك» ئىمتىھانغا قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ. مەزكۇر ئىمتىھان دىيارىمىزدىكى "同等学力"گە ئوخششىپ كېتىدۇ. بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ باققان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىردەك مەزكۇر ئىمتىھاننى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە دوختۇر بولۇشنىڭ ئەڭ قىيىن تەرىپى، دەپ قارايدۇ. چۈنكى بۇ ئىمتىھان بارلىق كەسپىي دەرسلەردىن ئېلىنىدىغان بولۇپ، كەسپىي دەرسلەرنىڭ ئەڭ قىيىن نۇقتىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. نۆۋەتتە تۈركىيەدە بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئونغا بارمايدۇ. ھازىرغىچە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئونغا يەتمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتكەنلىكى مەلۇم بولغان قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بۇ ئىمتىھاندىن ئابدۇكېرىمجان تۇنجى بولۇپ ئۆتۈپ، دوختۇر بولماقچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يول ئاچىدۇ.

تۈگىمەس ئىمتىھانلار ئابدۇكېرىمجاننى مەغلۇپ قىلالمايدۇ. ئەكىسچە ئۇنى تېخىمۇ قەيسەر، تىرىشچان قىلىپ تاۋلاپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ھاياتى ئاساسەن ئۆگىنىش ۋە ئىمتىھان بېرىش بىلەن ئۆتىدۇ. ئائىلە، پەرزەنت ۋە تۇرمۇش بېسىملىرى ئۇنى چارچىتىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى بولغاچقا تۈركىيەنىڭ تۈبىتاك (TÜBİTAK) (دىيارىمىزدىكى پەنلەر ئاكادېمىيسىگە ئوخشاش ئورگان)دىن ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ تىرىشچانلىق روھىدىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى قاتتىق تەسىرلىنىپ، مۇساپىر ھاياتىدىكى سىردىشىغا ئايلىنىدۇ ۋە دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى بولۇشتىن باشقا، تۇرمۇش ۋە باشقا ئىشلىرىغىمۇ قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىدۇ. دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى غەلىبىلىك تاماملانغاندا، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى مەتىن ئەپەندى: «ئوغلۇم، سەن شۇنچە ئۇزاقتىن كېلىپ، باشقا بىر تىلدا مۇشۇنداق ئىلمىي ئەمگەكلەرنى قىلدىڭ، ساڭا ئاپىرىن. ئۇيغۇر دىيارىدىن ساڭا ئوخشاش ياخشى ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار كەلسە، بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇلارغا ياردەم بېرىمىز» دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ 2013-يىلى ئاز كەم يەتتە يىلدا دوكتورلۇقنى تاماملاپ، تۈركىيەدە دۆلەت ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دوكتورلۇق ئۇنۋانىدىكى ئۇيغۇر دوختۇر بولۇپ قالىدۇ.

ئۇ ھازىر ئۈچ ئامبۇلاتورىيەدە مۇتەخەسسىسلىك سالاھىيىتى بىلەن كېسەل كۆرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى ئۇ ئۆز سەرمايىسى بىلەن شېرىكلىشىپ ئاچقان بولۇپ، 2015-يىلى 5-ئايدا تۈركىيەنىڭ كىر شەھىرىدە ئىش باشلىدى. كىر شەھىرىدە ئېچىلغان ئامبۇلاتورىيەنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا مەزكۇر شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقى ۋە پارلامېنت ئەزاسى ئالاھىدە قەدەم تەشرىپ قىلدى ۋە لېنتا كېسىپ تەبرىكلىدى.

بىز ئۇنىڭدىن: «بىزنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئارىسالدى بولۇۋاتقان، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان، نۆۋەتتىكى ئالاھىدە شارائىتلىرىمىزدا چىقىش يولى تاپالماي، روھىي جەھەتتىن مەدەت ۋە ئىلھام بېرىشلەرگە تەشنا بولىۋاتقان ياشلىرىمىزغا دەيدىغان سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلار ئەقىللىق. بىز ئەقلىي قابىليەتتە باشقا مىللەتلەردىن تۆۋەن ئەمەس. ئاللاھ پۈتۈن ئىنسانلارغا ئەقىلنى ئورتاق ياراتقان. مۇھىم بولغىنى ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىق. ئۆگىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈرمۇ يەتمەيدۇ. ئىنسان ئۆزىنى بىر نەرسىگە بېغىشلىغاندىلا ئاندىن مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ».

نۆۋەتتە قانداشلىق مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن تۈركىيە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ بولغان دۆلەت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش نىسبىتى يۇقىرى بولسىمۇ، بىر مەزگىللىك قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن، قىسقا مۇددەتلىك تەرجىمانلىق يولىنى تاللىۋالغان، شۇنداقلا ئوقۇشقا كىرىپ بولۇپ، ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئوقۇشنى تاشلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ كۆپ. تۈركىيەدىكى سانىمىز كۆپ بولسىمۇ، ئىلمىي ساھەلەردە ئۇتۇق قازانغان ئاكادېمىك دەرىجىسىدىكى قېرىنداشلىرىمىز بەكمۇ ئاز. شۇڭلاشقا بىز بۇ قېرىندىشىمىزدىن ئالاھىدە پەخىرلىنىمىز.

ئىنىمىز ئابدۇكېرىمجان ھازىر بەخىتلىك ئائىلىسى ۋە ئىككى ئوماق پەرزەنتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ياشاۋاتىدۇ.


2015-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى


مەنبە:

http://www.meripet.com/2015/20150821_chetel_uyghur17.htm