Jump to content

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى

ئورنى Wikipedia

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى 1955- يىلى كۇچا ناھىيەسىدە توغۇلان. 1980- يىللاردىن باشلاپ، شۇ دەۋرنىڭ ئىلغار پىكىرلىك دىنىي ئالىملىرى ۋە ياشلار بىلەن بىرگە ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. ئۇ 1990- يىلى 11- ئاينىڭ 16-كۈنى بىر قىسىم سەبداشلىرى ۋە تالىبلىرى بىلەن بىرگە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنغان.

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى 1991‏-يىلى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2002‏-يىلى ئۇنىڭ قاماق جازاسى توشقان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر 2002‏-يىلدىن 2014‏-يىلغىچە ئۇنىڭ قاماق جازاسىنى ئارقا-ئارقىدىن 5 قېتىم ئۇزارتقان. ئاخىرقى قېتىم 2014‏-يىلى 5 يىل ئۇزارتىلغان.

ئۇنىڭ ھەققىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتى ئەھۋال ئىگىلەپ بىر قانچە قېتىم سۈرۈشتە قىلغان. ئۇندىن باشقا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىمۇ ئالىم ھەققىدە ئىزدەنگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2014- يىلى 4- ئاينى « ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان.

ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كېرەم قارىنىڭ قاماق جازاسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۇزارتىلىشىغا ئۇنىڭ تۈرمىدە ناماز ئوقۇشتىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلىشى سەۋەب بولغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ قاماق جازاسىنى ئارقا-ئارقىدىن 5 قېتىم ئۇزارتىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندە بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى دەلىللىنىپ، تۇتقۇنلارنى دىنىي ئېتىقادى، ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا ۋاپات بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ 28 يىلدىن بېرى ئۈرۈمچى 1‏-تۈرمىدە يېتىۋاتقان خەلق ئىچىدە «كېرەم قارى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئاتاقلىق دىنىي زات ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى ئۆزى يېتىۋاتقان تۈرمىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئىنىسى مۇھەممەت ئېمىن ئابدۇۋەلى دەلىللىگەن. ئۇنىڭ 2017- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋاپات بولغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قايسى كۈنى ۋاپات بولغانلىقى، ئائىلىسىنىڭ قانداق خەۋەر تاپقانلىقى ۋە دەپنە ئىشلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئاخىرقى قېتىم 2013‏-يىلى «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» ئۇنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، تۇغقانلىرى ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بەك ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ تۈرمىدە ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى ۋە دائىرىلەرنىڭ شۇ يىلى 58 ياشلىق كېرەم قارىنى چاقلىق ھارۋىدا كۆرۈشۈشكە ئېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى كۆپ يىللاردىن بۇيان بۇ ئالىمىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. جامائەتچىلىك ئۇنى شېھىت نامى بىلەن ياد ئەتمەكتە. تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە قەيسەرى شەھىرىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن غايىبانە مېيىت نامىزى ئوقۇلماقچى.