ئابدۇكېرىم ئابلىز

ئورنى Wikipedia
ئابدۇكېرىم ئابلىز
ھازىرقى ئورنىئۈرۈمچى
مىللىتىئۇيغۇر
كەسپى-
خىزمىتىتەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى

ئابدۇكېرىم ئابلىز 1970 - يىلى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەردە تاماملاپ، 1987 - يىلى 9 - ئايدا سابىق شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئاكتيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1991 - يىلى 7 - ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىگە تەقسىم قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھازىرغىچە ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئابدۇكېرەم ئابلىز ھازىرغىچە << ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى >> ، << تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى >> قاتارلىق كىنو فىلىملىرىدە ۋە << قوغۇنچىنىڭ ھېكايىسى>> ، << باشقا قونغان ئامەت قۇشى >> ، << ئاخىرقى كۆل >> ، << دوزاخقا سەپەر >> ، << داپ >> ، << چار خوراز >> ، << ساراڭ >> ، <<ئادىمىي ھايۋان >> ، << ئۈژمە كۆڭۈل يىگىت >> ، << ئازغۇن >> ، << ساراڭنىڭ خىيالى >> قاتارلىق كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدە ئاساسلىق رول ئالغان.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

ھۆججەت:Aabliz.jpg ئاتاقلىق كۈلدۈرگە چولپىنى ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ كىچىك ئارخىبى تۇغۇلغان ۋاقتى : 1970 - يىلى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ھازىرقى خىزمەت ئورنى : تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى بوي ئېگىزلىكى : 1.87 مېتىر ئېغىرلىقى : 78 كىلوگرام

قىزىقىشى : رول ئېلىش نېمە دېدىڭ!!!

مىجەزى : خۇشچاقچاق - ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادىمى : ئاتا - ئانا ، ئۇستازلىرى كەسپتىن سىرتقى ھەۋىسى : ئۇچار قۇشلارنى بېقىش

ياخشى كۆرىدىغان رەڭگى : زەڭگەر

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈلى : قىزىل ئەتىرگۈل ئويلۇنۇپ باقاي - ھە!!

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سۆزى : << كىم ئاخرىغىچەكۈلسە، شۇ ھەقىقىي كۈلگەن بولىدۇ >>

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تامىقى : لەغمەن

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل : باھار پەسلى

ئۆزىگە ئەڭ ياقىدىغان مۇزىكا : ئون ئىككى مۇقام ئۆزىگە تەسر قىلغان ئەدەبىي ئەسەر : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ << ئىز >> رومانى تاماشىبنلىرىمنىڭ كۈلكىسى - مېنىڭ زور بەختىم!

ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى : ئايالى بىلەن تۆمۈرخان روزى

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو فىلىمى : بويتاقلار ئائىلىسى ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان رېژىسسور : تۇيغۇن ئەھمىدى

ھۆرمەت قىلىدىغان كومپوزىتورى : مەخمۇت سۇلايمان �

ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىللەت : يالغانچىلىق ، چېقىمچىلىق ،ماڭا قايلىسىلا، گەپ بار ئوخشىمامدا؟


تۇنجى رول ئالغان فىلىمى : << قوغۇنچىنىڭ ھېكايىسى >> تۇنجى رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىمى : << سەھرادىن كەلگەن دادا >> _

ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوبراز : << دوزاخقا سەپەر >> فىلىمدىكى دىلشات ئوبرازى

ئۆزىدىن ئەڭ رازى بولغان ئىشى : << ساجىت >> ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقانلىقى ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشى : قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مەرھۇم كومېدىيە ئارتىسى ئابدۇقادىر ھاجىم بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولالمىغانلىقى.

رول ئالغان كىنولىرى[تەھرىرلەش]

باشقىلار[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]