ئابدۇكېرىم خوجا
ئابدۇكېرىم خوجا
( 1928~ 1988 )
ئابدۇكېرىم خوجا 1928-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئالتۇنلۇق يېزىسىدا كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1931-يىلى قۇمۇل دېھقانلىرى مۇستەبىت مىلىتارىست جىن شۇرېننىڭ ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيىتىگە ۋە يەرلىك فېئودال ۋاڭلارنىڭ دەھشەتلىك ئېكسپلاتاتسىيىسىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسى گەنسۇ ئۆلكىسىگە قېچىپ بېرىپ، ئەنشى، دۇڭخۇاڭ، جۇچۈەن ۋە جياڭيى قاتارلىق جايلاردا سەرگەردانلىق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. ئاخىرى جۇچۈەن ۋىلايىتىدە ماكانلىشىپ قالغان.
ئابدۇكېرىم خوجا باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپنى جۇچۈەندە تاماملىغان. 1946-يىلىنىڭ كۈز پەسلىدە ئائىلىسى بىلەن يۇرتى قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەن. 1947-يىلىنىڭ ئاخىرىدا نەنجىڭغا بېرىپ «نەنجىڭ دۆلەتلىك چېگرا مەكتىپى»دە بىر يىلغا يېقىن ئوقۇغان.
ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىن تاكى ئالىي تېخنىكومغىچە خەنزۇ تىلىدا بىلىم ئالغانلىقى ۋە ئاساسەن خەنزۇلار ئارىسىدا چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز ئانا تىلىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك خەۋەرسىز ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ تۇنجى ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1953-يىلى كىتابخانلار بىلەن خەنزۇ تىلىدا يۈز كۆرۈشكەن. بۇ ئەھۋال ئۇنى بىر تەرەپتىن خۇشال قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئېچىندۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشقى-مۇھەببىتى ۋە پىكىر-ھېسسىياتىنى خەنزۇ تىلىدا ئىپادىلەپ، خەنزۇ كىتابخانلارغا تەقدىم قىلالايدىغانلىقىدىن خۇشال بولسا، ئۆزى ئۇيغۇر تۇرۇقلۇق ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر يازالمايدىغانلىقىدىن قاتتىق ئېچىنىپ مۇنداق دېگەن:
«ناۋادا خەنزۇ تىلىدىلا شېئىر يېزىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە راستىنلا شائىر بولۇپ قالسام، ئۇ چاغدا كىشىلەر مېنى قايسى مىللەتنىڭ شائىرى دەپ تونۇيدۇ؟ تىل مىللەتنى تەشكىل قىلىدىغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرى ئەمەسمۇ؟ مەن ئۆز ئانا تىلىمنى خەنزۇ تىلىدىنمۇ پىششىقراق ئىگەللىسەم، شېئىرنى ئىككىلا تىلدا يازسام، مېنىڭ يازغانلىرىمدىن خەنزۇ كىتابخانلارمۇ، ئۇيغۇر كىتابخانلارمۇ تەڭ بەھرىمەن بولسا، تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟!»
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەلنى چىڭ باغلاپ، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، خەلققە، كىتاب-ژۇرناللارغا، ئەتراپىدىكى بارلىق قەلەمكەش دوستلىرىغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتكەن. 1952-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن 1953-يىلىنىڭ بىرىنچى يېرىمىغىچە ئۇ بىر قىسىم دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە جەنۇبتا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش ۋە ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ ئانا تىل ئۆگىنىشىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى بولغان.
ئۇ خەلق مەشرەپلىرىنى «ئانا تىلنىڭ بۇلىقى» دەپ ھېسابلىغان. شۇڭا، بىرەر قېتىملىق تاماقتىن، بىرەر كېچىلىك ئۇيقۇدىن كەچسە كەچتىكى، مەشرەپلەرنى زادىلا قولدىن بەرمىگەن. مەشرەپلەردە ئېيتىلغان ناخشا، قوشاق، بېيىت، چۆچەك، تېپىشماق ۋە لەتىپىلەرنى زېرىكمەي يېزىۋالغان. بىر مۇنچە قوشاق، بېيىتلەرنى يادلىۋالغان. ئۇ ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ دېھقانلار، ئىشچىلار، تىجارەتچىلەر، زىيالىيلار، دىنىي زاتلار، قىسقىسى، ھەر ساھە، ھەر قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئاخىرى ئۆز ئانا تىلىنى بىر قەدەر پىششىق ئۆگەنگەن.
ئۇنىڭ 1961-يىلى خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئون باھار»، 1979-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «باھار ناخشىسى»، 1984-يىلى خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «تۇپراق، باھار ۋە مەن» ناملىق شېئىر توپلاملىرى ئەنە شۇ تىل ئۆگىنىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئانا تىلنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ئۇنى يەنە «قىزىل قىيا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «باھادىر شاھ لى زىچېڭ» ناملىق رومانلارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. ئۇ يەنە «دۇفۇ شېئىرلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان.
مەنبەلەر
[تەھرىر]1928 - يىلى
1988 - يىلى