ئابدۇكېرەم ئاتامان

ئورنى Wikipedia

ئابدۇكېرەم ئاتامان 1981-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى ياپچان بازىرى 5-كەنت 2-مەھەللىدە تۇغۇلغان. 1989-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى ياپچان بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە يېڭىشەھەر ناھىيەلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1998-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە يېڭىشەھەر ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ، ھۈنەر ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان.

1994-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە ئۇيغۇر چانباشچىلىقى، ياپونىيە چامباشچىلىقى، تايلانت چامباشچىلىقى بويىچە مۇنتىزىم تەربىيەلەنگەن. 2003-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە تايلانتدا ۋە شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە ئالاھىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن. 2012-يىلى 12-ئايدا تايلاند جۇڭگو ئىككى دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك تېرىنېر ۋە رېپېرلىق كېنىشكىسىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ ئالغان. چامباشچىلىق سارىيىتى ئېچىپ ھازىرغىچە 14000 غا يېقىن شاگىرت تەربىيەلەپ چىققان. 2008-يىلى تايلاند ماھارىتى ئۆگىنىش قوللانمىسىنى نەشر قىلدۇرغان. ئابدۇكېرىم ئاتامان ھازىر شىجاڭدا ۋە گۇاڭجۇ شەھىرىدە ئاتاماننىڭ تارماق كۇلۇبىنى ئېچىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋە روسىيە، تۈركىيە، قازاقىستان شۇنداقلا تۈركمەنىستاندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئالاھىدە ماھارەت بىلەن تەربىيەلەۋاتىدۇ.

ئۇ ھازىر «قۇرۇق قول ماھارەتنى ئالتە ھەپتىدە ئۆگىنىش قوللانمىسى»، «ئۇيغۇر چامباشچىلىقى» دىكى يىلتىز ماھارەتلىرى 6 قىسىم، «ئاياللار ماھارەت ئۆگىنىش قوللانمىسى»، «بالىلار چامباشچىلىقى» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ پۈتكۈزگەن بولۇپ، ھازىر تەھرىرلىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئۇ 2014-يىلى 12-ئايدا ئىستانبۇلدا چامباشچىلىق سارىيى ئېچىشنى پىلانلىدى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

كۈنتاج تورى