ئابدۇلخەبىر مۇھەممەد

ئورنى Wikipedia

ئابدۇلخەبىر مۇھەممەد — ئامېرىكا يىپەك يولى HOLD تەربىيەلەش گۇرۇھىنىڭ باش يۈرگۈزگۈچىسى، بېيجىڭ HOLD چەتئەلگە چىقىش مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى. ئامېرىكا سودا تەرەققىياتى مەسلىھەتچىلىكى يۆنىلىشى بويىچە MBA(سودا-سانائەت باشقۇرۇش) ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ئۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، بېيجىڭ لۇخې ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ سودا كەسپىنى ئۆگىنىپ، باكلاۋۇرلۇق ۋە MBA(سودا-سانائەت باشقۇرۇش) ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى نيۇ-يورك شىتات ئۇنىۋېرسىتېتى بېنھامتوننىڭ شۆبە مەكتىپىدە تاماملىغان.

ھەقىدە[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئابدۇلخەبىر مۇھەممەد

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :ئۇيغۇر

يۇرتى :ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :نيۇ-يورك شىتات ئۇنىۋېرسىتېتى بېنھامتوننىڭ شۆبە مەكتىپى


     ئوخشىمىغان تۇرمۇش مۇھىتى ۋە خىزمەت تەجرىبىسى ئۇنىڭغا كىتابتىن ئۆگەنگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتكەن، ئۇ كۆپ خىل تىلنى بىلىدۇ، ئانا تىلى ئۇيغۇرتىلىدىن باشقا، خەنزۇچە، ئېنگلىزچە، تۈركچە ۋە ئەرەبچە بىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، مول خەلقئارا خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە.

   ئۇ ئىلگىرى ياش ئىگىلىك تىكلەش مەسلىھەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن  بېنھامتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پىلان گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ياپونىيە ۋە تۈركىيەلەرگە ئەۋەتىلگەن. ئۇ يەنە شىنجاڭ ئاقسۇ راۋا سودا چەكلىك شىركىتى ۋە راۋا فوندىنى قۇرغان.

    ئۇ ئىلگىرى يەنە نيۇ-يورك شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش تەپتىش بۆلۈمىدە تەپتىش دىرېكتورى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، بېيجىڭ يېڭى شەرق مائارىپ-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ مالىيە بۆلۈمىدە ئىچكى قىسىم ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بېنھامتوندا MBA نىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىللىق ئوقۇشىنى ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، بېنھامتوننىڭ شەھەرلەر بىرلەشمە ئىتتىپاقىدا سودا مەسلىھەتچىسى بولغان. شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇ بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى، نيۇ-يوركتىكى ئۆگىنىش جەريانىدا، «كۆزگە كۆرۈنگەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، نيۇ-يورك بېندۇم مەدەنىيەت بايرىمىدا ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتى كۆرگەزمە ئېلانىنى چىقارغان. ئۇ يەنە ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان خەۋەر قاناللىرىغا چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە «دەۋر ئاگاھلاندۇرغۇچىسى» سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەر قانىلى، بېنھامتون تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە FOX40 WICZ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ يان تەرەپتىن تارتىلغان سۈرىتى بېنھامتوننىڭ PIPE DREAM ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىقىرىلغان.

   كومپىيوتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىشتىن باشقا، ئۇنىڭ يەنە مول ئىشتىن سىرت قىزىقىشلىرى بار بولۇپ، ئۇ پۇتبولنى، بىليارت ئويناشنى، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە ئەڭ ناچار جۇڭگولۇق سۇ ئۈزۈش ماھىرىغا ئايلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشىدۇ.