ئابدۇللاھ قارى داموللام

ئورنى Wikipedia
مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

ئاتاقلىق دىنىي ئالىم، قارى قۇرئان ـ ئابدۇللاھ قارى داموللام

ئەسلىمە

ئابدۇلجېلىل مۇھەممەد ئابدۇللاھ

20 ـ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خوتەندە داڭق چىقىرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن مۇھەممەد شىرىف داموللام، توختى ئاخۇن داموللام، ئىسراپىل داموللام، مۇھەممەد شىرىف مۇپتى ئاخۇنۇم، ھوشۇر نىياز مۇپتى ئاخۇنۇم .... قاتارلىق داڭلىق ئۆلىمالاردىن كېيىن يېتىشكەن ئالىملاردىن بىرى مەرھۇم ئابدۇللاھ روزى داموللامدۇر.

ئابدۇللاھ قارى داموللام، ئابدۇللاھ قارى مەخسۇم دەپ ئاتىلىپ، خوتەن خەلقىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە نائىل بولغان كاتتا ئالىم ئابدۇللاھ روزى داموللام تەخمىنەن 1920 ـ يىللىرى خوتەننىڭ قاراقاش دەرياسى بويىغا جايلاشقان چاتاق يېزىسىدا دىيانەتلىك ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.

كىچىك يېشىدىلا ـ ئون ياشقا توشماستىن ـ قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادىلاپ قارى بولغان. قۇرئان كەرىمنى يادىلاپ بولغاندىن كېيىن، دىنى ئىلىملەرنى تەھسىل قىلىشقا باشلاپ، خوتەندە بىر قاتار دەرسلىكلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، كاشغەرگە بېرىپ، كاشغەردىكى خانلىق مەدرىسە قاتارلىق مەدرىسىلەردە ئەمىن ئاخۇن مەۋلىۋى داموللام، سالىھ داموللام قاتارلىق داڭلىق مۇدەررىسلەر قولىدا ئۇزۇن يىل ئوقۇپ، كاشغەر مەدرىسلىرىدە ئوقۇش قارار قىلىنغان پۈتۈن دەرسلىك كىتابلارنى ئوقۇپ تۈگىتىپ، كلاسسىك ئىسلام ئەسەرلىرى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى ساھەسى بويىچە ئوقۇشنى تاماملاپ "دامولل" دېگەن ئالى ئونۋانغا ئېرىشكەن.

ئابدۇللاھ قارى داموللام مەدرىسىنى تاماملاپ، داموللا بولۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ، كاشغەر مەدرىسىلىرىدە ئادەتتە ئوقۇتۇلمايدىغان، نى ـ نى مۇدەررىسلەر دەرس ئۆتۈپ بېرەلمەيدىغان، خۇراسانلىق ئالىم ئەبۇلقاسىم زەمەخشەرىنىڭ ئىسلامىيەت دۇنياسىدا يۈكسەك شۆھرەتكە ئىگە تەپسىرى ― "تەپسىرى كەششاف" نى كاشغەردە ئەمىن مەۋلىۋى دموللام قولىدا ئۆز ئالدىغا يالغۇز دەرس قىلىپ ئوقۇغان.

كاشغەر خانلىق مەدرىسىنىڭ داڭلىق مۇدەررىسى ئەمىن ئاخۇن مەۋلىۋى داموللام خوتەندىن كەلگەن تالىپلار بەك كۆپ، ئەمما بۇلاردىن موللا بولغىنى ئۈچ دەپ ئالاھىدە ماختىغان ئۈچ ئالىمنىڭ بىرى مەرھۇم ئابدۇللاھ قارى داموللام بولسا، يەنە بىرى مەرھۇم مۇھەممەد قۇربان داموللام بولۇپ، ئۈچىنچىسى كېرىيەلىك مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن ئاخۇن داموللام (بۇران) ئىدى.

ئابدۇللاھ ر قارى داموللام يۈكسەك ئىلمىي مەرتىۋە بىلەن 1954 ـ يىللىرى خوتەنگە قايتىپ كېلىپ، خوتەن شەھەر ئىچىدە قايسى بىر مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلىشقا باشلايدۇ. داموللام خوتەندە مۇدەررىس بولغاندىن كېيىن، خوتەندىكى نى ـ نى ئۆلىمالار دەرس ئۆتۈپ بېرەلمەيدىغان قىيىن كىتابلادىن "مەن دەرس ئۆتىمەن" دەپ ئەينى زاماندىكى خوتەننىڭ ئۆلىما ۋە مۇدەررىس تەبەقەلىرىگە دۇئېل ئېلان قىلىدۇ.

ئابدۇللاھ قارى داموللام خوتەندە بىر قانچە يىل مۇدەررىسلىك قىلغاندىن كېيىن بېيجىڭدە قۇرۇلغان جۇڭگو ئىسلام ئىنىستىتوتىغا قۇبۇل قىلىنىپ، بېيجىڭگە بارىدۇ. مەرھۇم بېيجىڭدىكى بەزى مۇدەررىسلەردىن ئىلمى جەھەتتە نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولسىمۇ، يەنە مەزكۇر ئىنىسىتىتوتقا مىسىردىن ئۇستازلىققا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان بەھىييۇددىن زەييانى، شەيخ ئابدۇللەتىپ ھامىد سۇلايمان قاتارلىق مىسىرنىڭ داڭلىق ئۆلىمالىرىدىن ئىلىم ئۆگەنگەننىڭ سىرتىدا خەنزۇ تىلىنى پىششىق ئۆگىنىدۇ.

بېيجىڭدا ئوقۇش جەريانىدا مەلۇم سىياسىي تەقىبگە ئۇچرايدۇ، 1960 ـ يىلى بېيجىڭدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ خوتەنگە قايتقاندا، بېيجىڭدا ئارخىپىغا يېزىلغان مەلۇم سىياسىي "جىنايەت" بىلەن، ئەينى زاماندا خوتەندە، جۈملىدىن پۈتۈن ۋەتىنىمىزدە تۈرمىگە تاشلانغان سانسىزلىغان ئالىم ـ ئۆلىمالار، زىيالىلار بىلەن بىللە قولغا ئېلىنىدۇ. ئېغىر ئەمگەك، رەھىمسىز زۇلۇم، تىل ـ ھاقارەت، چىدىغۇسىز ئاچلىق، ئازاپ ـ ئۇقۇبەت ئىچىدە ئۆتكەن 15 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 1975 ـ يىلى تۈرمىدىن ئازات بولۇپ، جەمئىيەتكە چىقىدۇ كېرىيە تۈرمىدىكى 15 يىللىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خوتەنگە كەلگەندىن كېيىن، خوتەن خەلقى داموللامغا ئاجايىپ ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. داموللامنىڭ نام ـ شەرىپى خوتەن خەلقى ئىچىدە يېڭىدىن نامايەن بولۇشقا باشلايدۇ.

مەرھۇم تۈرمىدىن كەلگەندىن كېيىن، ئىككى ـ ئۈچ يىل خوتەن قۇرۇلۇش ئەترىتىدە تامچىلىق قىلىدۇ. كېيىن تىجارەت قىلىدۇ.

1980 ـ يىللىرىغا كەلگەندە ش ئۇ ئا رايونلوق ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىش پىلانغانغان، مىلادىيە 1058 ـ يىلى بۈگۈنكى مەشھەدنىڭ (قەدىمكى ئىسمى تۇس) غەزال مەھەللىسىدە دۇنياغا كېلىپ، 1111 ـ يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن ئىسلام كالامىزم ۋە ئىسلام تەسەۋۋۇپىنىڭ پىشىۋالىرىدىن ئىمام غەزالىنىڭ "دىنىي ئىلىملەرنى گۈللەندۈرۈش" ناملىق ئەسىرى بىلەن، 1624 ـ يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن ھىندىستانلىق بۈيۈك ئالىم ۋە مۇتىسەۋۋىپ ئىمام رەببانىينىڭ "مەكتۇبات" ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلىش ئىشى مەرھۇم ئابدۇللاھ قارى داموللامغا تاپشۇرىلىدۇ. شۇ كۈنلەردە 75 يۇەن ئايلىق مائاشقا كۈندە ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە شۇ كىتابلارنى تەرجىمە قىلىدۇ. كىتابنى تەرجىمە قىلىشتا داموللام تەرجىمە قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتى، مەن يازاتتىم، شۇنداق قىلىپ "مەكتۇبات"نىڭ بىرىنچى جىلد، "دىنى ئىلىملەرنى گۈللەندۈرۈش" ناملىق كىتابنىڭمۇ خېلى بىر قىسمى تەرجىمە قىلىنىپ قولدىن چىققان. مەزكۇ ئىككى كىتابنى تەرجىمە قىلىشتىن بۇرۇن يەنە شۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تاپشۇرمىسى بىلەن، بۇخارانىڭ كىلاباز مەھەللىسىدە مىلادىيە 935 ـ يىلى دۇنياغا كېلىپ 75 ـ يىل ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن كىلابازى دېگەن بىر ئالىمنىڭ تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنى تونۇشتۇرىدىغان "تەسەۋۋۇپ مەزھەبلىرىنى تونۇشتۇرۇش" ناملىق كىتابىنى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرگەن ئىدى. ئۇ كىتابلار ئىچكى جەھەتتە پايدىلىنىش ئۈچۈنلا تەرجىمە قىلدۇرۇلغان بولۇپ، نەشىر قىلىنىش پىلانىدا يوق ئىدى. مەن شۇ كۈنلەردە داموللامدا كاشغەرلىك ئابدۇلقادىر داموللام توپلاپ چىققان "مىفتاھۇل ئەدەپ" ناملىق كىتابنى قوشۇمچە دەرس قىلىپ ئوقۇغان ئىدىم. ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن باشقا كىتابلارنىمۇ ئوقۇغان.

داموللام 1982 ـ يىلىدىن ۋاپات بولغانغا قەدەر تىجارەت قىلىدۇ ۋە 1980 ـ يىللىرى خوتەندە باشلانغان ئىسلامى ئويغىنىش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، خوتەن مۇسۇلمانلىرىنىڭ قان ـ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن بىدئەت ۋە خۇراپاتچىلىقىغا شىددەت بىلەن قارشى تۇرۇپ، مازار ـ ماشايىخلاردىن مەدەت ـ ياردەم تەلەپ قىلىدىغان، مازارلارغا ئاتاپ مال بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىدىغان، جۈملىدىن ئىمامى جەئپىرى سادىق، ئىمامى جەئپىرى تەيران، ئىمامى غەزالى، ئىمامى ئەسكەر، ئىمامى مۇسا كازىم، ئۆژمە مازار غۇجام، كۆھمارىم، سەھۋالىمغا "تۈنەككە" بېرىپ نەشە تارتىپ، شەرىئەتتە قەتئىي ھارام قىلىنغان ناشايان ئىشلارنى، قەبرىستانلىقتا قۇرئام ئوقۇپ پۇل ئالىدىغان ... يامان، خۇراپى ئادەتلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، خەلقنى ئىلىم ـ مەرىپەتكە يېتەكلەيدۇ.

مەرھۇم ئابدۇللا قارى داموللام قاتتىق تىرىشچان كىشى بولۇپ، سەدەقە ـ ئىھسان، ئۆشرە ـ زاكاتقا تەلمۈرۈپ ئولتۇرىدىغان بىر بۆلۈك تىرىكتاپ موللىلارنىڭ ئەكسىچە ئۆز مىھنىتىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرىدۇ. تۈرمىدىن ئىككى قولىنى سېلىپ، قۇرۇق قول كەلگەن بولسىمۇ، 80 ـ يىللىرىغا كەلگەندە خوتەن شارائىتىغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن ھاللىق ئائىلىگە ئايلىنىدۇ. ئەمما ئۆزى بەك ئاددى ـ ساددا ياشايدىغان كەمتەر كىشى ئىدى. باشقىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا زىرىكمەي، تىرىكمەي جاۋاب بېرەتتى.

داموللام 1984 ـ يىلى پاكىستان ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەجگە كېلىدۇ. ھەجدىن قايتىپ كېلىپ، بىر تەرەپتىن تىجارەت قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن تالىپلارغا دەرس ئۆگىتىدۇ.

مەرھۇم ئابدۇللاھ قارى داموللام 1987 ـ يىلىدىن 1989 ـ يىلىغا قادەر "شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتوتى"غا خوتەندىن مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۈچ يىللىق ئۈرۈمچىدىكى ئۇستازلىق ھاياتىدا نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئاغزىغا ئىلىم سالىدۇ. 1989 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ ـ ئادىتىگە قاھارەت قىلىدىغان "جىنسى تۇرمۇشقا دائىر ئۆرپ ـ ئادەتلەر" ناملىق كىتابقا قارشى ئۈرۈمچىدە ئىسلام ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلغان، دېگەن گۇمان بىلەن مەكتەپتىن قايتۇرىلىدۇ. خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ شەخسى دەرس ئۆگىتىشنى توختاتمايدۇ.

1997 ـ يىللىرىغا كەلگەندە يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سالامەتلىكى ياخشى بولمايدۇ. 1998 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا رامىزاندا يەنە ئەرەبىستانغا كېلىپ، 1999 ـ يىلى 3 ـ ئايدىكى ھەج مەۋسىمىدە قايتا ھەج قىلىدۇ ۋە رامىزاندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كەبىنىڭ ئىچىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە نائىل بولىدۇ، 1999 ـ يىلى4 ـ ئايلاردا خوتەنگە قايتىپ كېلىدۇ. مەرھۇم مەككىدە بىر قانچە ئاي تۈرۈش جەريانىدا پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغان ۋە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي زامانىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىم يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ "ئىلىم دەۋرىدە دىن" ناملىق كىتابى بىلەن، سۈرىيەلىك مەشھۇر ئالىم ئەلى تەنتاۋىنىڭ "ئىسلام دىنىنى تونۇشتۇرۇش" ناملىق كىتابىنى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرىدۇ.

مەرھۇم خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۈندىن ـ كۈندە سالامەتلىكى ناچار لىشىپ، 2003 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۇنى (رامىزاننىڭ 25 ـ كۈنى) سەھەر سائەت 02.30 ئەتراپىدا مەرھۇمغا ئللاھ تەئالا تەقدىر قىلغان ھايات مۇددىتى ۋە دۇنيادىكى رىزقى ـ نەسىۋىسى ئاخىرلىشىپ، مەرھۇمنىڭ قەلبى ھەرىكەتتىن توختاپ، كۆزى مەڭگۈ يۇمىلىدۇ.