ئابدۇللا تىمەن

ئورنى Wikipedia

ئابدۇللا تىمەن ـ ئۇيغۇر خەلق شائىرى.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

1919-يىل 5-ئايدا تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، غۇلجىدىن. شىنجاڭ ئىنستىتۇتى (ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى) نىڭ مائارىپ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، ياشلىق مەزگىلىدە مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرى بىلەن كۆپرەك شۇغۇللانغان، شىنجاڭ قىزلار ئىنستىتۇتىدا لېكتور، دوتسېنت، 45-يىلىدىن 49-يىلىغىچە «تەڭرىتاغ» نەشرىياتىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئالتاي نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.

شىنجاڭ تېنچلىق بىلەن ئازات بولۇشتىن بۇرۇن تەيۋەنگە كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كېتىپ 1948-يىلى تەيۋەن قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. تەيۋەنگە بارغاندىن كېيىن تەيۋەن سىياسىي ئۇنىۋېرسىتېتى چېگرا سىياسىيسى فاكۇلتېتىدا پروفېسسور، گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان شۇنداقلا جۇڭگو-تۈركىيە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى، جۇڭگو-ئەرەب مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1988-يىل خوڭيۈئەن گۇئەنشەن كارخانىسىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى بولغان.

2001-يىل 7-ئايدا مەركەز باھالىغۇچىسى سالاھىيىتىدە لى دېڭخۇينى گومىنداڭ پارتىيىسىدىن قوغلاپ چىقىرىش لايىھىسىنى قوللىغان. 20-ئەسرنىڭ 90-يىللىرىدا تەكلىپ بويىچە چوڭ قۇرۇقلۇقنى زىيارەت قىلغان.

ئۇ 2022-يىلى 14-ئاۋغۇست تەيبېيدە ۋاپات بولغان.

يۇلتۇز ئابدۇللا[تەھرىرلەش]

ئابدۇللا تىمەننىڭ چوڭ قىزى-ئەدەبىيات ۋە فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى يۇلتۇز ئابدۇللا، مالايسىيادىكى خەنزۇ تىلىدا ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخس بولۇپ، دائىم مالايسىيادىكى مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، كارخانا-شىركەتلەر ھەمدە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىپى بىلەن مەخسۇس تېمىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ، مالايسىيادىكى جۇڭگولۇقلار ئارىسىدا «مەشھۇر ناتىق» دېگەن نامى بار.

ئۇ تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەت ئەل تىللىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ مىسسىئۇرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى فاكۇلتېتىدا ماگىستېرلىقتا ئوقۇغان، 20 نەچچە يىل ئىلگىرى ياتلىق بولۇپ مالايسىياغا كەتكەن، 1996-يىل مالايسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سېلىشتۇرما ئەدەبىياتشۇناسلىق بويىچە دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەن. تەيۋەن جېڭشەڭ رادىيو شىركىتىدە ئالىي مۇھەررىر، مالايسىيا مالاي سەنئەت ئىنستىتۇتىدا لېكتور بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر تەكلىپكە بىنائەن مالايسىيا مائارىپ مىنىستىرلىكىدە خەنزۇ تىلىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا، شۇنداقلا ئۇ يۇلتۇز دەرسخانىسىنى تەسىس قىلغان. ئۇنىڭ«قارىشىم»، «ئىدىيەم»، «يېزىقچىلىقىم»، «قەھۋە ۋە چاي»، «ئاياللار قەلبى»، «ئىنسانچىلىقتىكى ئىشلار»، «شۇ گۈلدەستىنى كۈتۈپ» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

https://web.archive.org/web/20160305093721/http://kroran.blogbus.com/logs/30122606.html



ئابدۇللا تىمەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە


ئابدۇللا تىمەن بىر سەياسىيۇن , كارخانىچى بولۇپلا قالماي يەنە , قەلىمى ئۆتكۇر يازغۇچى ئىدى, ئۇ تەكلىپ بىلەن شىنجاڭغا تۇققان يوقلاپ كەلگەندىن كىيىن بىر قىسىم شىئېرلىرىنى يازغان , بىر قىسمىنى بۇ يەردە كۆپچىلىككە سۇندۇق。

شېئىرلىرىدىن[تەھرىرلەش]

ئاق - قارا[تەھرىرلەش]

پەرق ئېتىشنىڭ باشلانغۇچ دەرسى ئەمەسمۇ ئاق – قارا،

پەرق ئېتە ئالماستىن دائىم چىققاي توقۇنۇش ئۆز- ئارا.

بۇ جىھان كۈندۈز بىلەن كىچەگە راست كېلۇر، پەقەت_

ھېچ قاچان بۇزماس يۈرۈشنى، ئىلمى ھېكمەتكە قارا؛

جان بېرىپتۇر ھەق تائالە ياراتقان مەخلۇقىغا

زىھنىيەت ئۆسكەن سارى چىقتى قازا بارا – بارا.

ئۆلۈما ھەم فۇزۇلا ئازدەك كۆرۈنمەس فانىدا

قانچەسى بەزدى ياشاشتىن، قانچەسى كۆڭلى يارا.

ھەر كىشى ئىقرار ياشاش ھەققىگە ئەركىنلىك مەگەر

بولسا دەپسەندە ھوقۇقىدىن نە بولۇر ئەل – فۇقارا.

نەدە يەلپۈنسە ئادالەت بايراغى قۇتلۇق شۇ يەر

تەكشىلىك بار، ئېزىلىش يوق، بولسا ھەر ئىش ئاشكار.

ھەمدە غەپلەت بىرلە ھىددەت قورشاغان تەرەپكە باق

بىتمەدى ھەم بىتمەگەي، ئىنسان ياشار بۇ ماجارا.

بۇ يوچۇن بىر سىر ئەمەستۇر – ئەزگۈچى – ئېزىلگۈچى

زورمىگەرلىككە بۈيۈك دەستەك بولۇپتۇ، «خەلقئارا».

قالمادى ئىشەش بۈگۈنكى كىشىلىك دۇنياسى دا

بىر مىسال باردۇر:«كېيىك ياتماس، ئىشەنگەن تاغ ئارا».

قالدى زاھىر، قالدى دەرۋىش، قالدى بۇتقەلەندىرى

كىيىمى چۆل ۋە مازاردا، قالدى راھىب كە ماغارا.

تىمەن ئۈمىد ئىچىدە سەن، بىر پەرىشانلىق يەنەن

يەۋمى سىھشى بەك يېقىندۇر چىقماغاي دەيمەن بالا.


ئىدى تەختىم، ئىدى بەختىم . . .

ئىدى تەختىم، ئىدى بەختىم، مۇھىتىم رەنگا- رەڭ ئەردى،

روھۇمنى كۆككە كۆتۈرگەن ياراتقان ئېتىبارىمنى.

ئىدى تۇنجا مۇھەببەت يالقۇنىدا يەك پەرۋانىدەك،

بولۇپ مەجنۇن، بولۇپ شەيدا، ئىزدەپ ھەسرەتتە يارىمنى.

ئىدى ئىقبال پەرەستلىك كەيپىياتىدىكى سەرخۇشلۇق،

بېزەردى بىر چېچەكزاردەك، خىيالىمنى – ئەفكارىمنى.

ئىدى شوخلۇق، ئىدى تەنتەك، ئىدى ھەۋەسنىڭ سەيلاسى،

قىلىپ دوستلارىمنى شاد – خۇرام، غەمكىن ئەغيارىمنى.


ئەجەب چىللاپ ھېرىپ كەتتىم ![تەھرىرلەش]

ئەجەب چىللاپ ھېرىپ كەتتىم، يېنىپ كەل دەپ باھارىمنى،

بۇ غەپلەت ئالەمىگە ئاڭلاتالماي ئىنتىزارىمنى.

ئۇنى دەپ ھەسرەت مۇقامىغا نادامەت كۈيى كۈيلەپ،

چالۇرمەن شامۇ سەھەردە راۋابىمنى، ساتتارىمنى.

كۆڭلۈم سۇ ئىچكەن، ھۇزۇر ئالغان ئىلاھى دەقىقىلەر،

قويۇپ ھەسرەت، نادامەت لەرزىدە ئۆزگەرتتى بارىمنى.

غاپىللىق ئەتكۈسىدىن كەتتى، يوقالدى كۆرۈنمەسكە،

ئۆكۈنسەم، يىغلىسام كىمسە تىڭشارمۇ ئاھۇ – زارىمنى.

باھارنىڭ قىممەتىنى بىلگەنگە ئىكەن «كۆشەك» لەززەت،

ۋەلىك بۇ لەززەت ئانچەكى، قاندۇرغاي بەس خۇمارىمنى.

ئىدى دەۋلەت، ئىدى شەۋكەت، ئىدى ئارزۇ – ھەۋەس – تۇرمۇش،

كۈتەردى ھەر تەرەپ گويا مېنىڭ سوڭغى قارارىمنى.



سەرخۇشلۇق[تەھرىرلەش]

كۆرۈندى ھۆر كەبى چىھرەڭ قەدەھتە – ياقۇتى مەيدە،

ئىچىپمەن ھا! ئىچىپمەن، سۈرەتىڭ مەي بىرلە مەيدەمدە.

سېنىڭدىن ۋاز كېچىش بىلدىم جان ئۈزمەكتىن بەسىي مۈشكۈل،

نىگە چۆكمەي بۇ غۇسسەئىي غەمگە كىرپىكلىرىم نەمدە،

جامالىڭ مەيگە كىردى، مەيخانا ئەھلى نەدىن بىلسۇن.

قەدەھتە ئۆرلىگەن تولقۇن بۇ سىرنى يەشتى بىردەمدە،

ئۇنتۇش تەس دىيارى غۇربەتكە مۇھەييا كۆڭۈلدىن.

يېشەردىك سەن بىلەن كاشكى بۇ سىرنى كەلسەڭ شۇ كەمدە،

ھەسرەت – دەردىم ۋە ئىشقىم ساڭا بىگانە ھېچ كەلمەس،

تۇماندەك ئۆرلەسۇن كۆككە، بۇھەسرەت قالمىغاي مەندە،

سۆزلىسەم تارىخىنى بىلگەن مېنى بىر پەرۋانە دەر.

گۆدەكلىك ئوت ئوينىماقمىش، قالمادى نەم قۇرۇق تەندە،

سېنى سۆيدى، ئىدى، سۆيدى مېنى دەپ شۇ گۆدەك كۆڭلۈم.

گويا پاك قوش كېزەكتەك قۇچماقلە باشلاندى گۈلشەندە،

تېخى يادىمدا ئۇ لەگلەك ئېتەكلەر ئايلانغانىڭدا،

مۇسقى بىر مۇھىت ياراردى گۈلدە يۇ ياسىمەندە،

قانائەت ئەيلىگەن ئەردىم، ھۆكۈمىم: «ھۆرلىقا ئازغان!».

«ياراشماس باشقاسىغا، بۇ گۈزەللىك، ياشاسۇن سەندە!»

ئۆتتى ئۇشبۇ گۈزەللىكنىڭ تەشنائى بەندەسى ئۆمرۈم.

ھالاكەت تاختىسى لەيلەر، ئۇ تىلسىم ھالا يەلكەمدە،

ۋىدا ئەتسەڭ، قارا سۇمبۇل ساچىڭ بىرلەن بوغۇپ ئاسساڭ.

مېنى قويماس ئىدى فىرقەت ئىشقى سەۋداسى دەشنەمدە،

سېنى تەكرار كۆرۈش مەيدە ۋە يا كۆرۈش ئۇ دۇنيادا.

نىگە سۆيدۈڭ مەينى دېسەڭ ئەسرارى ئەنگىز شۇ مەيدە،

ئەجەب كۈنلەر ئىدى جانىم! سېنىڭسىز كۈن تۇتۇلدى – ھا!

نىسبى ئۆتتى بىر ئەسىرنىڭ قارا كۈنلەر – دەردىمەندە،

يېتەر دادىم كۆيۈكنىڭ لەززىتىنى بىلگەن كۆڭۈلگە.

ئاڭادەك ئۇشبۇ سىر ياشنار، غېرىبىڭ مىسكىن تىمەندە،

ئۈرۈمچى، ئاۋغۇست، 1996-يىل


ئۈرۈمچىدىكى ئولتۇرۇشلاردىن ئىقتىباس[تەھرىرلەش]

دوستلار توپلاندى ۋە خۇشلۇق ئۈنلىرى چىقتى ھەرياندىن،

تەبەسسۇم ئەيلىگەن لەبلەر تۇرالماي قالدى لەرزاندىن.

غەنىمەتمىش مۇشەررەپ بولماقلىغ ئاغا – ئىنىلەرگە،

بۇ ئاخشام پايلاشايلى، ھەق بۇيرۇغان بىزگە ئېھساندىن.

يېمەك مىللىي، شاراب مىللىي، گەپ – سۆز، چاقچاق، كۈلۈش مىللىي،

مۇزىكا – ساز، ئۇسسۇل – ناخشا، مۇھەببەت قاينىمى جاندىن.

شۇ ياشلار باغچاسىدا، ياش – گۆدەك كۈنلەرنى بىر ئەسلەش،

كېلۇر ئۈستۈن بىلەرمەنگە شەھەنشاھى دەستۇرخاندىن.

شىۋىر – شىۋىر يىللىق كەلمەكتە كى، ئوجماخ دىن ئەسكەن يەل،

ھۇزۇرلە قەلبىڭ قۇۋانسۇن! ھاۋايى سۆيگۈ ئىخۋاندىن.

ھاۋانىڭ لەززەتىنى دوست بولۇشنى بىلمىگەن بىلمەس،

چۇنانچە توغرا يولدا قانچە مۇنكىر چىقىدى كەرۋاندىن.

بۇ كۈلسەم دىل كەبى سىزگە قەدەھ تۇتقان قولۇم بىرلەن،

چىقارمەنمۇ يېرىم يۈز يىل سېغىنغان دەردۇ – ئەرماندىن.

ئايرىلىش تەس كېلۇر دوستلۇق ھاۋاسىدىن توساتتىنلا،

مېنىڭ دەردىم، مېنىڭ ئىشقىم، ھەسرەتىم چۈن سېغىنغاندىن.

ئەزىزىم، دوستلارىم قەلبىم تېگىدە ئىزلەرىڭ ئۆچمەس،

چىقارمۇ ئۇشبۇ ھەيرانلىق مېنىڭدەك باشقا ئىنساندىن.

غۇرۇرۇم شەۋقىم نى ئايدىنلىققا قات – قات تىزەر ئەردىم،

دەقىقەلەرنى ئەسىرگە ئۇزارتماق بولسا ئىمكاندىن.

قەدەھ ئىچرە بەسى تولقۇن تەرەننۇم ئەيلىسە – تاشسا،

دېمەككى زادى قىزغاندى شىرە تولغان شادىماندىن.

يىتەرمۇ مەدھىيە ھەرگىز ئېچىلغان غۇنچىدەك سىزنىڭ-

لەتافەت سوفراسىدىن بال كەبى كەلگەن كامىراندىن.

گەپنى قىسقا قىلىش تاتلىق دېگەندەك فەلسەفە ئەھلى،

تىمەن ناباب بولسامۇ لافلارىڭ چىقتى ئېچىلغاندىن.

ئىھتىرامىم ھەم سالامىمى ھەمدە سۆيگۈم قوبۇل بولغاي،

ئەجەب كۆڭلىمگە توشۇپتۇ شادىمانلىق ھەر زامانىمدىن.

ئۈرۈمچى ئاۋغۇست، 1996-يىل


قەدەھدىكى ئىلپەتكە[تەھرىرلەش]

سېنى دەپ قەدەھكە مەي قۇيدۇم «تۇتاي»- دەپ لىپمە لىپ،

كەلمىدىڭ، كەتتىڭ ئۇزاققا، باقمىدىڭ مەررە يېنىپ.

كۆرمەدىم ئائىنىدە، كۆردۈم سېنى ئاي ھۆسنىدە،

شۇ تولۇن ئاينى نىقاب ئەتكەن پەرى ساڭا رەقىب.

گويا ھۆسنىڭ كۆك يۈزىدە كۈن نۇرىغا زىت ئىمىش،

ساڭا زىت بولغان بىر چىقارمۇ دەيمەن بەسلىشىپ.

سەسكىنىپ ئويغانسام ئۇيقۇمدا ئېمىش تاتلىق رۇيا،

سۇ پەرىسى ئوقيانۇسىدا قولۋاق ئۇرارمىش شىپمە شىپ.

ئويلىسام كۆك دە، دېڭىزدا ھەم ئويۇمدا بىرلا سەن،

ساڭا چىقماس مەن كەبى بىرسى يەنە جاندىن كېچىپ.

رەقىش ئېتىپ رىشتەڭ بىلەن بوغدۇڭ رەھىمسىز نازىنىن،

كەلگىنە باغرىمنى داغ قىلغان ئوتىڭغا ئەرگىشىپ.

شۇنچىلا كۆيدۈم يېتەر، قىلماسمۇ سەن بىر ئىلتىپات،

بۇ كۆيۈكنى ئاب – رەيھان بىرلە دەفئەتكىن چېچىپ.

بىر كۆزۈم ئاچتىم كۆرۈندى يەلپۈنۈپ سايەڭ سېنىڭ،

بەد بەختلىك سورىدىنمۇ ئۇ يەنە كەتتى قېچىپ.

ۋاي تۇتۇپ قالدىم قەدەھنى ھاڭقىراپ تەبىر كۈتۈپ،

بىر نىدا« تەبىر دېسەڭ ئىزدە ئۇنى مەيگە بېقىپ.

ئەمدى بىلدىم مەي ئەمەس تولقۇن ئۇرارمىش شور دېڭىز،

ئەنە شۇ تولقۇن ئارا بارمۇ ئامال تولقۇن ئېشىپ.

بىر ئامال بۇزماق خىيالنى، سۈرەتى – پەرىسىنى،

شور دېڭىزدە لەيلىسۇن، تولقۇن بىلەن كەتسۇن ئېقىپ.

كەلدى ئويغانماق مەدىدى ئۇيقۇلىرىڭىدىن ئەي تىمەن،

ئات قەدەھنى: «تۇرما مەستلىك بىرلىك شۇنچە تىركىشىپ».


كىمكى شەيدا بولمادى . . .[تەھرىرلەش]

كىمكى شەيدا بولمادى كۆرۈپ سېنى ساھىب جامال،

قانچە ئاشىقلارنى ۋەيران ئەيلەدىڭ سەن بى مالال.

باشىدا ئاشىق سەپىدە تۇردۇم كېيىن بولدۇڭ ساراڭ،

سۈرەتىڭنى باسىدى كۆڭلۈمگە سېنىڭ جادۇ كۆزۈڭ.

يوق ئېتىپ ھوشىمنى كەستىيڭ مەن قاراق مىسلىدە لال،

كى قاراق ھالىغا سوقتى ئەيلەدى لەۋزىمنى لال،

بۇ ساراڭلىق شور پېشانە بولغانىم ئۈچۈن ھالال.

مەپىدىن تۈشكەندە كۆردۈم ئاقبېلىق ياڭلىغ پاچاق،

شڭچى ئېتەك ئۈستىگە كەمزۇل كېيىپتۇ زەر تۇتۇپ.

سۆيگۈ بىزگە كەلدى ئىلھام بىرلە كۆڭۈلنى ئاچ،

بۇزسا ئۆچلۈك ئو بېزەكنى زىددىيەت – لاۋا چېچىپ.

بىزنى مەيۈس ئەيلىگىنىدەك كۆكدىكى مەلەكنىمۇ،

بىئارام قىلغاي كۆكنى كىر تۇمان بېسىپ «مۇقەددەس».

كۆك يۈزىنى بىر ھويدە بىلسەڭ ئەسلى سۆيگۈ شۇ،

كۆك يۈزىنى تازا كۆرسەڭ ئوپ – ئوچۇق ھوبباكىم.

ئىنىس – جىن گە جىق ئۈلۈش يەتمىش بىرەر پارچە كېسىپ،

قەدرىنى بىلگەنگە سۆيگۈ، ئەڭ ئۇلۇغ نېمەت – ئوزۇق.


مېنى يالغان دېمەڭ ھەرگىز . . .[تەھرىرلەش]

«ئىلىم »نىڭ ئاشخانەسىدە ئىدىك دوست بىرلە سۆھبەتتە،

مىزاب كەلتۈردى، مىزبان: « ئىچكەنگە ھېكمەت بۇ شەربەتتە.

سەئىدىيە دەۋارانىنىڭ دەستۇرخانىنى شەۋكەتتە –

يورۇتقان، سىر ئەمەس ئەمدى، ئەسلىنى ئېيتسام ئەلۋەتتە،

سىقىلمىش قارغالىق ئانارىدىن شاھانە لەززەتتە.

«مېنى يالغان دېمەڭ ھەرگىز، تاناۋىل ئەيلىگەندىن سور

قازى، مۇفتى، ئىشان، خوجا بارى ئىچكەنىدىن مەغرۇر.

ئاياللارنىڭ يۈزىنى گۈل قىلۇر، ئېرەنلەرگە ماغدۇر،

مىزاب دۇر – ئابى ھايات دۇر، ساناقسىز خىسلەتى باردۇر.

كۈللى مۈنكىرنى «خوئارىج» دەڭ ئىنسانى مۇھەببەتتە.

«مۇھەببەت نەغمەسى ياڭراپ كۆكرەگەن ئاشۇ زاماندىن،

بۇ مىللەت ئەركىن ياشاشقا ئاساس قويغاندا ئىمانىدىن.

مۇقامنىڭ گۈلدەستەسىگە ساھىب ئاماننىساخاندىن،

تەڭشەگەن سازىغا قەدەھ تولدۇرغان مەندەك مىزباندىن.

كەلدى شۇ كەمگىچە خوش ئەنئەنە دوستلار خىزمەتتە.

مەخلۇقات نەدە مەئىشەت كۆرۈر جىھان بولماسا،

ئۆلۈما ئۇقولانى پەرق ئېتىش مۇمكىنمۇ نادان بولماسا،

كۈللى مەخلۇق بەرمە برى ھەيكەل ئىرۇر جان بولماسا.

ھەتتا ئادەمنى ئادەم دېمەسلەر ھايۋان بولماسا،

فۇزۇلا قايدا ھۆرمەت ئاندا ۋىجدان بولماسا.

بۇ زېمىننىڭ سۈيىنى، ھاۋاسىنى، تۇپراغىنى، . . .


مەڭ مەلەك[تەھرىرلەش]

گۈزەللىكىگە ماس تۈشكەن لەبى يانىدا خال كۆردۈم،

ئىلاھى نۇر پېشانەسىدە ئوينار بىر ھىلال كۆردۈم.

تەئەجقۇپ ئەيلىبان سوردۇم، بۇ مەلەك نۇسخا،

تۈمەننىڭ بويدا ئۆسكەن ئىمىش ساھىب جامال كۆردۈم.

تۈمەندىن چىقدىمۇ بەلكى تۈمەندىن بىرلا مەخلۇقمۇ؟

ئۇنىڭ تەسۋىرىنى ئېيتقان نە شائىر نە مەددال كۆردۈم.

ئۇرۇپ قەھقە بىلەن كىلدى، قىيامەت قوپتى بازاردا،

جانسىز رەستەدە ھاڭ – تاڭلىق كىكەچ كۆردۈم ۋە لال كۆردۈم.

جىمى ئىنسان ئىشىمنى تاشلادى-دە سەۋدائى بولدى،

ھېسابسىز، ھەدىسىز زۇلۇم باشلاپ كېلىپتۇ ئۇۋال كۆردۈم.

گۈزەللىك دىن تۇغدى دۇنيا ماجاراسى – ئىشقى دەۋران؟

نىگە بىر خال ساھىبەسى شۇنچە بولار، سوئال كۆردۈم.

ئانار گۇللۇق دوپپا، شاھى رومال، زەركەمزۇلى ئانداغ،

بېزەپتۇ قامەتىنى بۇ قىيافەتىدە كامال كۆردۈم.

ئۇنىڭدەك ھۆر جىنسىگە مىللىي قىيافەتدۇر-قىيافەت،

ئاڭا سۆيگۈ ھەسرەتىمنى ئاتادىم ھەم ھالال كۆردۈم.

يانىمدىن ئۆتتى بىر ئاشىق «مەلەك – مەلەڭ، مەڭ - مەلەك»دەپ

سۆيگۈ دۇنياسى ئۇنىڭغا ئاتا بولسۇن.

. . . . گويا بىر ھۆر جىنسى مىللىي قىيافەتىدە زاھىر بولمۇش. . . .

ھەر[تەھرىرلەش]

ھەر گۈزەلدە تاشلىماس بۇ لەبىڭ يانىدا خال كۆردۈم،

گۈزەللىكىدىكى ٭٭٭ گۈزەل چىھرەڭنى ئوخشاتقان.

گويا ماھتاب كۆزۈڭ ئۈستىدە ئوينار بىر ھىلال كۆردۈم،

ئۇرۇپ قەقە چىقار بولساڭ قىيامەت قوپقاي بازاردا.

ھەممە ھاڭ - تاڭ ھەيكەل كۆردۈم، كىكەچ كۆردۈم ۋە لال كۆردۈم،

جىمى ئىنسان ئىشنى تاشلاسۇن دە ئاۋارە بولسۇن،

قايان شۇنچە زۇلۇم باشلاپ كېلىپسەن بەك ئۇۋال كۆردۈم.


ھەق، مۇھەببەت دەپ ياراتتى بىر ھاۋا،

ھەمدە جۇشقۇن ھەمدە ئۈستۈن بىر ناۋا.

تاڭدا يۈرەكتىن ئېچىلغان گۈل كۆرۈپ،

گەرچە شەيدا، بۇلبۇلىغا شۇ داۋا.

ھەر يارا كۆڭۈلگە ئېم بولدى چۇنان،

بۇ يۈيۈك نېمەتكە ھەيرەت- رەببىنا.

سەن بىلەن بەندەڭ ئارا بىر جازىبە،

بولماسا سۆيگۈ، قايان ھەمدۇ – سانا.

يۇرت سۆيۈش، قانداش سۆيۈش، جانان سۆيۈش،

رامكاسى كەڭ سۆيگۈ – سۆيگەنگە راۋا.

شىئېرلەر مەنبەسى- https://web.archive.org/web/20130802071654/http://bbs/. alkuyi. com/read. php?tid=3762

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]