ئابدۇللا روزىباقىيېف

ئورنى Wikipedia

ئابدۇللا روزىباقىيېف(1897-1938)20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان ئۇيغۇر سىياسىون ۋە جامائەت ئەربابى،سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ داھىسى. ئۇ 1921-يىلى6- ئاينىڭ 21 - كۈنى تاشكەنتتە ئۇيغۇر نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بۇ نامنى تارانچى،قەشقەرلىك،ئالتەشەھەرلىك، خوتەنلىك دېگەندەك ناملارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان.

ئۇنىڭ كۈچەپ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن بەش يۈز يىلغا يېقىن ئۇنتۇلغان ئۇيغۇر نامىنىڭ ئاۋال يەتتە سۇ رايۇنىدا،كېيىن سوۋېتتا ئوقۇغان زىيالىيلار ئارقىلىق رايۇنمىزدا تارقىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا ۋە بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ ئەلۋەتتە.