ئابدۇللا ساۋۇت

ئورنى Wikipedia

ئابدۇللا ساۋۇت (1945-) ئۇيغۇر شائىر، يازغۇچى.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

شائىر، يازغۇچى ئابدۇللا ساۋۇت 1950 - يىل 4 - ئايدا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئۈجمە يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1956 - يىلدىن 1966 - يىلغىچە ئۆز يېزىسى ۋە ئاقتۇ ناھىيسىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1972 - يىلدىن 1974 - يىلغىچە قىزىلسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئاقتۇ ناھىيسىدە مەدەنىيەت - مائارىپ، تەشۋىقات ساھەلىرىدە ئىشلىگەن،1988 - يىلىدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان، ھازىر ئاقتۇ ناھىيلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.

ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1973 - يىلى قىزىلسۇ گېزىتى دە ئېلان قىلىنغان بەختىمىزنى تاپقان كۈن ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن بېرى ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ <كۆردۈم سېنى>، <يەتكىن قىزىم كامالغا>، <يۇرتۇمدا توي>، <توك كېتىدۇ> قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

ئابدۇللا ساۋۇت 1980 - يىللاردىن تارتىپ پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنپ، <چاقماق> ناملىق رومانى، <قانلىق قىرغاق>، <يېتىمنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى>، <دات باسماس قىلىچ>، <ئۇپۇقتا قېتىپ قالغان كۈن>، <ماڭا ئىجازەت بېرىڭلار>، <مۇھەببەت قارىغۇ ئەمەس> قاتارلىق پوۋېستىلىرى؛ <تاش بوران>، <ئاھ، جىگدە ھىدى>، <شىراق>، <ئەۋلىيا ئوت> قاتارلىق ھېكايىلىرى بىلەن ئەدەبىيات تارىخىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان.

ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <يۇرتۇمدا توي> (ياسىنجان ئۆمەر بىلەن بىللە، 1983 - يىل مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <تاش بوران> (9851 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <قانلىق قىرغاق> (باشقىلار بىلەن بىللە، 1986 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <چاقماق> (1987 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <ماڭا ئىجازەت بېرىڭلار> (1990 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <دات باسماس قىلىچ> (1991 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <مۇھەببەت قارىغۇ ئەمەس> (1993 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلاملىرى قاتارلىقلار بار.

ئابدۇللا ساۋۇت ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

مەنبە[تەھرىرلەش]