ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن

ئورنى Wikipedia

ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن: ئالى سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى،دورىگەرلىك ئىلمى دوكتۇرى،ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتۇرى،باشقۇرۇش ئىلمى دوكتۇرى . 1972-يىلى شىنجاڭ چىرا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان ئۇيغۇر كارخانىچى.ئۇ ئىپار بىئو پەن-تىخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرۇلىشىغا ھەمدە شىركەتنىڭ 1998-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان مۇۋاپىققىيەتلىك تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلغان. 2012-يىلى مەملىكەتلىك پەن-تىخنىكىدىكى مۇنەۋۋەر شەخىس ،ھازىر ئىپار كارخانا سىستىمىسىنىڭ يېتەكچىسى، ئىپار دورىگەرلىكى پاي-چەكلىك شىركىتىڭمۇدىرىيەت ئىدارسىنىڭ رەئىسى ۋە ئىجرائىيە دىرىكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. ئۇ ئىلگىرى - كىيىن بولۇپ جۇڭگۇ تىببىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى شىنجاڭ تارمىقى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتىنوم رايۇنلۇق دورا تەتقىقات مەركىزى يېڭى دورا تەتقىقاتچىسى ،15- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتى ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگۇ مىللىي دورىگەرلىك جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگۇ ئىرسىيەت ئىلمىي جەمىيىتى شىنجاڭ تارمىقى دائىمى ھەيئىتى ، شىنجاڭ ياش كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى، جۇڭگۇ ياش كارخانىچىلار جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ئىجرائىيە ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتىپى:شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرسىتىتى، ياپونىيە خىروشىما ئۇنۋىرسىتىتى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ MBA ئىنىستىتۇتى، ۋۇخەن ئۇنۋىرسىتىتى ، جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى.

ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن تەرەققىيات جەريانىدا، يىڭىلىق يارىتىشنى مەركەز قىلغان كارخانا قىممەت قارشى ۋە كارخانا مەدىنىيىتىنى شەرھىيەلەپ چىقتى ، خەلقارا رىقابەت جەريانىدا ، كارخانا ئۇقۇمى چەك- چىگرىسىنى سۇسلاشتۇرۇپ ، ھەر بىر ئىپارلىقنى ئىستىمالچىلار ئۇچۇن قىممەت ياراتىش جەريانىىڭ ئوز قىممىتىنى يارىتىش جەريانى ئىكەنلىگىنى بىلدۇردى ، شۇ ئارقىلىق ئىپار ماركا قىممىتىنى ئۇزلۇكسىز يۇقۇرى كۇتۇردى،.ئۇ ئۇتتۇرغا قويغان <<سەمىمىيلىك ئاساسىغا قورۇلغان ئۈزلۈكسىزلىك ۋە ئاكتىپلىقنى مۇكاپات بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش سىستىمىسى" - ئىپارنى تور دەۋرىدە تىخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسەتلىرىگە ئىرىشتۈردى .

ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن، 2001- يىلى ئىپار بىئو- پەن تىخنىكا شىركىتىنى قۇرغان ۋاقىتتىكى شارائىتى ناچار، تەتقىقات مەبلىغى قىيىنچىلىقى ئېغىر شارائىتتىن ،ئۇزلىكسىز يىڭىلىق يارىتىش ۋە دەۋىرگە ماسلاشقان كارخانا تەرەققىيات سىتىراتىگىيسى ئاساسىدا ئىپارنى يىتەكلىدى ھەمدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇروپ ئىپارنى ھازىرقى كەسىپ ئالاھىدىكىگى ئىنىق خېرىدالىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ،ياۋروپادىكى 10 نەچچە دولەت رايۇنغا كەڭەيگەن ، ئۇمۇنىمەبلىغى 120 مىلىيوندىن ئاشقان ، رىقابەت كۇچىگە تۇلۇپ تاشقان كارخانا گوروھىغا ئايلاندۇردى، ھازىرقى ئىپار ، ساھەدىكىلەر تەرىپىدىن تەرەققىياتى ئەڭ تىز بولغان بىئۇ تىبببىي دورا سانائەت كارخانىسى دەپ قارالماقتا.

ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن،1995- يىلى شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ دورىگەرلىك كەسپى تولۇق كۇرۇس پۈتتۈرگەندىن كىيىن جۇڭگۇ تىببى پەنلەر ئاكادىمىيىسى شىنجاڭ تار مىقى- شىنجاڭ ئۇيغۇ ر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق دورا تەتقىقات مەركىزىدە يىڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى، شۇ مەزگىلدە شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرسىتىتى دورىگەرلىك كەسپىدە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىشىنى تاماملىدى. 1998-يىلى شىنجاڭ ئالاھىدە دورا ئۆسۈملۈكلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئۆتەپ ياپونىيىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىدى. 2001- يىلى ئاياللار كىسەللىگى تەتقىقات نەتىجىسى ئاساسىدا ، بىئولوگىيىلىك دورا تەتقىقاتى تىپىدىكى كارخانا - ئۈرۈمچى ئىپار بىئو پەن- تىخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇردى ۋە" تىخنىكىنى ئۇستۇنلىگى " - بىرىنچى قىتىملىق ماركا تەرەققىيات ئىستىراتگيەىسى بىكىتتى .ئۈرۈمچى دۆلەتلىك چەتئەلدە ئۇقۇپ قايىتقان (دوكتۇر) ئوقۇغۇچىلاركارخانىلىق سالاھىيىتىگە ئىرىشىپ، تۇنجى قېتىملىق تەتقىقات تۇر مەبلىخىگە ئىرىشتى.

2003-يىلى، ئىپار بىئو تىخنولوگىيىسىنىڭ تۇنجى تەتقىقات نەتىجىسى << كۈن چىچەك>> خانىملار تابلىتى - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق پەن- تەخنىكا نازارىتىنىڭ تۈر تەكشۈرۈپ بىكىتىشىدىن ئۆتۈپ، يۇقىرى - يىڭى تىخنىكىلىق مەھسۇلات دەپ بىكىتىلدى .

2003-يىلى ، ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن ئىپارنىڭ تۇنجى تەتقىقات نەتىجىسى << كۈن - چىچەك>> خانىملار تابلىتى ئاساسىدا،بازار سىتىراتىگىيىسىنى بىكىتىپ، بىۋاستە سىتىش ،مەخسۇس سېتىش ئورنى شەكلىدە شىنجاڭ بازىرىغا كىردى،ۋە رايۇنىمىزدا بۇ سودا ئەندىزىسىدە تەرەققى قىلغان تۇنخى كارخانا بۇلۇپ ، شىنجاڭ رايۇنىدا بۇساھەنىڭ تەرەققى قىلىشىدا ۋە كىيىنكى نۇرغۇن كارخانىچىلارنىڭ يىتىشىشىدە تۇرتكىلىك رول ئوينىدى ..

2005-يىلى ئۇ، ئىپار بىئو پەن- تىخنىكا شىركىتىنىڭ ئىككىنچى قىتىملىىق تەرەققىيات سىتىراتىگىيىسى بولغان- "خەلقارالىشىش سىتىراتىگىيىسىنى " بىكىتتى ، قىرغىزىستاندا ئىپارنىڭ تولۇق مەبلەغلىك شىركىتنى قۇرۇش بىلەن ، قازاقىستان، ئۆزبىكىستان ۋە تاجىكىستان بازارلىرى ئېچىلىپ ،ئىپار پەيدىن- پەي ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدا كوزگە كۇرۇنەرلىك ماركا بۇپ قالدى .

2008-يىلى ،لېدىر ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن ،" ئىسكىلاتنى يۇقۇتۇش " پىلانىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ، ئىسكىلاتتا توۋار ساقلىماسلىق ، تىز تەمىنلەش سىتىرا تىگىيىسىنى يولغا قويدى ۋە ماس ھالدا بىرلىككە كەلتۇرىلگەن لوگىستىك مەركەزى قۇرۇلدى بۇ ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتا ئۇتتۇرا ئاسىيانى قاپلىغان ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ ئىپارغا بولغان تەسىرىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە كىچىكلەتتى .

2008-يىلى 4-ئايدا ئۇ باش بولۇپ يىڭى- ئىجادى دورا تەتقىقاتى بىلەن شۇغىللىنىدىغان يۇقۇرى تەخنىكىلىق شېركەت كىرىيە تىببىي دورا شىركىتىنى قېتىۋالدى .

2010-يىلى ، مەبلەغ ئوتتۇرا ئاسىيادا مەبلەغ سېلىپ ، جۇڭگۇ كارخانىلېرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇنجى GMP زامانىۋى دورا زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقتى ، ۋە كىيىنكى << تاموژنا يىشىل قورغان چەكلىمىسى >>نىڭ جوڭڭو كارخانىلىرىغا بولغان خەتىرىنى تۆۋەنلەتتى ،شۇنداقلا ئىپار " ئوتتۇرا ئاسىيا – روسىيە- تۈركىيە" تاۋار لىنىيىسى قۇرۇلىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى.

2010-يىلى4 –ئايدا ئىپار(تۇركىيە) كەسپى ئېچىلدى ،ۋە ئىپارنىڭ ياۋرۇپا-ئاڧرىقا كەسپى ئېچىلغانلىقىدىن دىرەك بەر دى.

2011-يىل 3-ئايىدا ئىپار شىركىتىنڭ Bioact مارىكىسدىكى گىرىم-بۇيۇملىرى ئىشلەپ چىقىرلىپ ئىپار توردا سىتىشقا كىرىشتى.

2011-يىلى5-ئايدا ، لېدىر ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن، قىرغىزىستاندىكى Stroi قۇرۇلۇش شىركىتىنى قېتىۋېلىپ قىرغىزىستاندا 24000كۋادىرات مىتىرلىق ئىپارلىقلار ئولتۇراق رايۇن قۇرۇلىشىنى تاماملىدى.

2011-يىلى 8-ئايىدا ئىپار(روسىيە)شىركىتى ئىشقا كىرىشتى.

2012-يىلى 10-ئايىدا ئىپار شىركىتىنڭ GMP دورا ئوراپ قاچلاش زاۋۇتى قۇرۇلىدى.بۇ ئارقىلىق ھەريىلى سانائەت ئەخىلىتى 30 توننا ئازايىتىلدى ،ئاتموسفىراغا قۇيۇۋېتىلگەن كىرەكسىز گاز مىقىدارى كىمەيىتىلدى ، ئىپار تورىنى ھەر يىلى 2050000 دانە تۆۋەن كاربۇنلۇق مەھسۇلات تەمىنلەندى .

2012-يىلى 3-ئايىدا، ئىپار دورىگەرلىكى پاي ھەسسىدارلىق قورولمىسىنى تەڭشەش ئۇچۇن ، ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن ئۇرۇمىچى دولەتلىك يۇقىرى -تىخنىكا تەرەققىيات رايۇنىدىكى GMP زاۋۇت قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى،ئىپار سېستىمىسىنى تەمىنلەشنى كۇچى يۇقىرى كۆتۇرۇلىدى.

2013-يىلى بىيجىڭىد ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن مەشھۇر كارخانىچى ، خەيئېر ەۇرۇھىنىڭ يىتەكچىسى جاڭ رۇي مىن ئەپەندى بىلەن ئۇچرۇشۇپ ، ئۇچۇر دەۋرىدىكى كارخانىلارنىڭ يىڭى يۈزلىنىشى ۋە باشقۇرۇشتا يىڭلىق يارتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشىتۇردى.

2014-يىلى3-ئايىدا ، ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن ئامىرىكا ئىپار شىركىتى قۇرۇلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىپ ، ئىپارنىڭ