ئابدۇلھەمىد قاراخان

ئورنى Wikipedia

ئابدۇلھەمىد قاراخان 1980-يىلى قەشقەر مارالبېشىدا تۇغۇلغان، لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى رادىئاكتىپ خېمىيە كەسپىدە باكلاۋۇرلۇقتا ۋە ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يادرو ئېنىرگىيە ئېنژىنىرلىقىدا ماگېستىرلىقتا ئوقۇغان.

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئىستانبۇلدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان توققۇز ئۇيغۇر زىيالىيسى تەرىپىدىن 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ نۆۋەتتىكى باش كاتىبىدۇر. ئۇ تۈركىيە باش مېنىستىرلىكى تاشقىي تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىدا مۇتەخەسىسىس بولۇپ خىزمەت قىلماقتا.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ ئامېرىكىدىكى مەركىزىدىن باشقا، تۈركىيە، ئامېرىكا، كانادا، ياۋرۇپا، ئاۋىسترالىيە، ياپۇنىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالاردا 7 تارماق ئاكادېمىيەلىرى مەۋجۇتتۇر، بۇنىڭدىن سىرىت ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە بىۋاستە قاراشلىق قۇتادغۇ بىلىگ ئېنستىتۇتى، خىتاي تەتقىقاتى ئېنستىتۇتى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار: http://www.akademiye.org/ug/?page_id=2

http://www.akademiye.org/ug/?p=5052