ئابلا ئەخمىدى

ئورنى Wikipedia

پېشقەدەم يازغۇچى ئابلا ئەخمىدى 1935 - يىل 1 - ئايدا قەشقەر شەھىرىدە قول ھۈنەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن 1950 - يىلغىچە يېرىم ئوقۇپ، يېرىم ئىلشەيدىغان ئوتتۇرا تېخنىكوم - >شىنجاڭ - قەشقەر كەسپىي مەكتەپ< تە ۋە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، 1950 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن 1976 - يىلغىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ >شىنجاڭ گېزىتى< باسما زاۋۇتى، شىنجاڭ شىنخۇا 1 - باسما زاۋۇتى، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى باسما زاۋۇتى، >قەشقەر گېزىتى< باسما زاۋۇتى قاتارلىق جايلاردا ئىشلەنگەن، 1976 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ 1988 - يىلغىچە >قەشقەر گېزىتى< ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيىدە. ئابلا ئەخمىدىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958 - يىلى شېئىر بىلەن باشلانغان. كېيىنچە، ئاساسەن پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، >ساما<، >كاج بوۋاي<، >مويتۇڭزا< قاتارلىق بىر تۈركۈم ياخشى ھېكايىلارنى؛ >ئوغۇلخان<، >قاپاقتېرەكلىك ھويلا<، >كەپتەرۋاز<، >ئادراسمان چېچەكلىگەندە< قاتارلىق پوۋېستلارنى، >يىللار< رومانىنى يازغان. ئابلا ئەخمىدىنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن >يول ئۈستىدە< (1982 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، >بۇزۇلغان قەسەم< (1984 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، >ئوغۇلخان< (1990 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، >ئادراسمان چېچەكلىگەندە< (1995 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلاملىرى بار. بەزى ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. ئابلا ئەخمىدى ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.