ئابلىز بۇلبۇل

ئورنى Wikipedia

ئابلىز بۇلبۇل ،شىنجاڭ يېزا ئېگلىك ئۈنىۋىرسىتى ئىقدىساد ۋە سودا ئېنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ماركىتىڭ كەسپىنىڭ دوكتۇرى، ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى، شىنجاڭ يېزا ئېگلىك ئۈنىۋىرسىتى ماركا پىلانلاش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئالى دەرىجىلىك پىلانلىغۇچىسى ، شىنجاڭ ماركىتىڭ جەميىتىنىڭ ئەزاسى، ماركىتىڭ كەسپى بويىنچە شىنجاڭدىكى تۇنجى ۋە ياش دوكتۇر. ئۇ مەركىزى مالىيە-ئېقدىساد ئۈنۈۋىرسىتىدە ئىلگىر-كىيىن بۇلۇپ باكلاۋۇر ۋە ماگىستىرلىق ئۇقۇشىنى تاماملاپ، ئارقىدىنلا ئوتتۇرا جوڭگۇ مالىيە-ئېقدىساد ۋە قانۇن ئۈنۈۋىرسىتىنىڭ ماركىتىڭ كەسپىگە دوكتۇرلىق ئۇقۇشىغا كىرىپ، 2013 –يىلى 6-ئايدا مۇھاپىقيەتلىك ھالدا باشقۇرۇش پەنلىرى بۇيىنچە دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن.

     نۆۋەتتە ئابلىز بۇلبۇل جۇڭگۇدىكى ئەڭ يۇقۇرى دەرجىلىك تەتقىقات تۈرى بولغان دۆلەتلىك ئىجتىمايى پەنلەر فوندىنىڭ«شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەت كىچىك ۋە مىكرو تىپتىكى كارخانلىرنىڭ يېڭىلىق يارتىپ تەرەققى قىلىش تەتقىقاتى» نامىلىق تەتقىقات تۈرىگە ۋە ئادەتتىكى بىرقانچە تەتقىقات تۈرلىرگە رىياسەتچىلىك قىلماقتا، شۇنداقلا دۆلەتلىك ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق بىرقانچە تەتقىقات تۈرلىرگە قاتناشقان ۋە قاتنىشۋاتىدۇ. بۇندىن سىرت ئۇ ئىككى قىسىملىق «ئېقدىساد ئاساسى» دەرىسلىكىنى باش بۇلۇپ تۈزۈپ چىققان، «ھوكۈمەت ئېقدىسادشۇناسلىقى» كېتابىنى تۈزۈشكە قاتناشقان. ئابلىز بۇلبۇل ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ «سىتاستىكا ۋە قارار»، «پەن-تەخنىكا تەرەققىياتى ۋە تەدبىر » قاتارلىق دۆلەت ئېچى ۋە سىرتىدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق ژورناللاردا 20 پارچىدىن ئارتۇق ئېلمى ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇشۇ ساھەدىكى كىشلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بۇلۇپ كەلمەكتە.