ئابلىز مەخسۇم

ئورنى Wikipedia

ئابلىز مەخسۇم (1899- 1982)

كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالغۇچى ئۆتكۈر شىئىر-غەزەللىرى، ئىگىلمەس- سۇنماس پىداكىرانە روھى ئارقىلىق بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تىللىرىدا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان ئىنقىلابى ۋەتەنپەرۋەر شائىرى ئابلىز مەخسۇم 1899- يىلى ئۇيغۇر يېڭىلىق ھەركىتىنىڭ بايراقدارى، مەشھۇر ئىسلام ئالىمى ئابدۇقادىر دەموللام (1870- 1924)نىڭ ئائىلىسىدە ئاتۇشتا دۇنياغا كەلگەن. ئابلىز مەخسۇم شەرقى تۈركىستان تارىخىدا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىچىدىن، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئەڭ ئېچىنىشلىق دەرىجىدە خارلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرسىدۇر. شۇنداقلا ئابلىز مەخسۇم، دۇنيا تارىخىدا ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئۇزۇن تۈرمىدە ياتقان شەخىس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، تاجاۋۇزچى، ئىشغالچى مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ياڭ زېڭشىن (1914- 1924) دەۋرىدىن باشلاپ، جىن شورېن (1924- 1933)، شىڭ شىسەي (1933- 1944)، مىللەتچى خىتاي، (گومىنداڭ 1944- 1949)، كوممۇنىست خىتاي (1949- يىلىدىن باشلاپ 1982- يىلغىچە بىرقانچە قېتىم) ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ 58 يىللىق ھاياتىنىڭ 44 يىلىنى تۈرمىلەردە ئۆتكۈزگەن. ئۇ ھىندىستاندىمۇ 6 ئاي ئىنگلىزلارنىڭ تۈرمىسىدە ياتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنكى ئاخىرقى ئىككى يىلىمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئۆتكەن بولۇپ، 83 يىللىق ھاياتىنىڭ 47 يىلى تۈرمىلەردە ئۆتكەن. ئابلىز مەخسۇمنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىجادىيەتلىرى بولغان بولسىمۇ ، پەقەت تۈرمىداشلىرى تەرىپىدىن يادقا ئېلىنىپ سىرتقى دۇنيا بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئاز بىر قىسمىلا «ھەسرەت» ناملىق شېئىرلار توپلىمى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان . ئابلىز مەخسۇمنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى مەلۇم ئەمەس. يۇلتۇز، ئايدىڭ ئىسىملىك ئىككى قىزىنىڭ بارلىقى مەلۇم.

ھىكمەتلىك سۆز

ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل، مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل. زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ، شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل. سەبەب كىم ھەر بىرىنىڭ سەن ئۈچۈن سىرلىق نىشانى بار، نە ئىشلار بولسەلەر ئويلاپ نىشانىغا ئەسىر دەپ بىل.

  • * * * * * * * *

ھەسرەتلىك مۇناجات

مەن ئىشەنگەن مىللىتىمدىن كۆرمۈدۈم ھىچ بىر ۋەفا، باشىما كەلتۈردىلەر تۈرلى ئەلەم، ھەر خىل جەفا. سەن ئۈزەڭ ئاسرا مېنى تەڭرىم ئۇلۇغ پەرۋەيدىگار، تۈرلى ئاپەتۇ بالالاردىن بىھەققىل مۇستەفا.

  • * * * * * * * *

شۇم پەلەكنىڭ گەردىشى جايىمنى زىندان ئەيلىدى، دەۋەرنىڭ ۋەزىيىتى ئەقلىمنى ھەيران ئەيلىدى. ئۆزگىرىپ دۇنيا ھەمىشى، توختىماي بىر نۇقتىدا....، داغ ھەسرەتلەر بىلەن كىملەرنى ۋەيران ئەيلىدى. كىمنى بىر خوش قىلسا ئارقىدىن قىلۇر يۈزمىڭ خاپا، سائىتىدە مىڭنى تالان، بىرنى خەندان ئەيلىدى.

  • * * * * * * * *

«ۋەتەن ۋە مىللەتنى سۆيمەك ئەھلى ئىسلام شانىدۇر، بۇ ھەقىقەت، بۇ ئادالەت تەڭرىنىڭ پەرمانىدۇر.»

  • * * * * * * * *

ۋەتەن سۆيگۈسى جىگەر پارە يۈرەك يارە، سىقىلسا تەن ئارا جانىم، ۋەتەن دەردى غېمى مىللەت بىلەن ئۆلسەم يوقتۇر ئارمانىم. ۋەتەن دەپ دىنۇ- مىللەت دەپ بېشىمغا ھەر بالا كەلسە، بىلەرمەن بەختۇ ئىقبالىم، شەرەپلىك پەخرۇ ئۇنۋانىم. دەرىخا ۋەتىنىمنى غەيرىلەر زورلاپ بېسىپ ئالغاچ، يۈرەك باغرىم كۆيۈپ، قانىم قىزىپ قاينايدۇ ۋىجدانىم. بۈيۈك تارىخ، ئازات مىللىتىم قۇللۇققا ئايلانغاچ، پەقەت تاقەت قىلالماي ئۆرتۈنۈپ يانماقتا ھەريانىم. قېيىپ باشىم، ئېقىپ ياشىم، چۈشۈپ روھىم، سۇنۇپ كۆڭلۈم، ئوراپ غەم- قايغۇ ھالىمنى يېتىشمەي چارە دەرمانىم. ئېزىلدىم بىكار ئۆلدۈم ۋە لېكىن بولمىدىم نا ئۈمىد سەبەب كىم ۋاقىتلىكتۇر بۇ ئېزىلگەن، بۇ سىقىلغانىم. نىشانەمگە ئېرىشمەككە ئىشەنچىم زور تۇلۇق چۈنكى، دېگەچ ھۆرلۈك ئۈچۈن قانداش- تىلەكداشلار پىدا جانىم. تۇر ئەي تۈرك ئوغلى بۇ ئار نۇمۇسنى كۆتۈرمەستىن، تىنىڭ ئىرغات، كۆزۈڭ ئاچ، باش كۆتەر ئەۋلادى تۇرانىم. ئۇغۇزخان چوڭ بابام ئاپراسىياپ، ئاتىللا، بۇغرالار، بۈيۈك كۆك تۇغلىرىن دەپ كۆككە يەتتى ئاھ تارتقانىم. بۈيۈك ئالتۇن كۆمۈش ئوردا قۇرۇلغان چاغدا شول تۇغنى، قۇچاقلاپ تۇرغىنىمدا ئاقسا ئارمان يوق قىزىل قانىم. ساقال- ساچىم قىزىل قانغا بويالماستىن قازا قىلسام، يۇمۇلماستىن كۆزۈم، دىلدا قالۇر ھەسرەت ۋە ئارمانىم. ئېرىشمەك ئەركىن ئازاتلىققا ھەققانى كۈرەش بىرلە، ئاسارەتتىن ۋەتەن مىللەتنى قۇتقازماق مېنىڭ شانىم.