ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم
ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم ياكى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئۇستازى، يىتوك ئالىمى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم 1925 ـ يىلى دىيارىمىزنىڭ گۇما ناھىيىسىدە ئۆز ۋاقتىدا ھەممىگە تونۇلغان ۋەتەن، مىللەتكە سادىق دىنى زات ئابدۇجىلىل داموللاھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم سەزگۈرەشتىلىرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى يەنىلا بىز ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇلجېلىل داموللاھاجىمنىڭ ھايات قىسسىلىرىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز.
ئۆز دەۋرىدىكى سىياسىي زومىگەر شىڭ شىسەينىڭ چىرىك تۈزۈمىگە قارىشى چىققان بارلىق ۋەتەنپەرۋەر، ئېتىقادىغا سادىق كىشىلەر ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىنىڭ تار كىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر پايدىسىز شارائىتنىڭ مىنۇتسىرى قىستاپ كىلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئابدۇلجېلېل داموللام ، ئوغلى ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ ئافغانىستانغا چىققان ۋە 1936 ـ يىلى مەككە مۇكەررەمەگە كىلىپ، ھەج پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر قىسىم مەسلەكداشلىرىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ۋەتەنگە قايتقان. بىراق، جاللات شىڭ شسەينىڭ يالاڭ تۆشلىرى تەرىپىدىن ئابدۇلجېلىل داموللاھاجىم ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن ئوغلى ئابدۇلھەكىم بىلەن بىرگە تۈرمىگە تاشلانغان.
1937 ـ يىلدىن 1932 ـ يىلىغىچە بولغان 5 يىل جەريانىدا شىڭ سىسەي ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن 250 مىڭدىن ئارتۇق سىياسىي مەھبۇس قاماققا ئېلىنغان ۋە ھەر خىل ئوسۇللار ئارقىلىق قەتلى قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئەڭ خەتەرلىك سانالغان ئابدۇلجېلىل داموللاھاجىممۇ شەھىد قىلىنغان. ياش ئېتىبارى بىلەن تۇلىمۇ كىچىك دەپ قارالغان ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم بۇ قېتىم ئۆلۈمدىن قوتۇلۇپ قالغان. 1933 ـيىلى شىمالدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى پارتىلىغاندىن كېيىن، قاغىلىق، پوسكام ۋە تاشقۇرغان قاتارلىق رايۇنلاردا يېلىنجىشقا باشلىغان ئىنقىلاب سېپىگە كۆپ ساندىكى مەسلەكداشلىرى قاتارى ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان. روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە ئارىلىشىشى بىلەن، ئېچىنىشلىق ئاخىرلاشقان بۇ كۆرەش ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ 1936 ـ يىلىدىن 1938 ـيىلىغىچە بولغان ئىككىنچى قېتىم مەھبۇس بولۇپ تۈرمىگە تاشلىنىشىغا ۋە ئىنتايىن ئېغىر ئازاب ـ ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىغا سەۋەب بولۇپ قالغان. 1938 ـ يىلى قورۇلغان قورچاق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۇنى قاماقتىن بوشاتقان. ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، مىللەتنىڭ مەغلۇبىيىتى جاھالەتتىن باشقا نەرسىدە ئەمەس دېگەن تونۇشقا كىلىپ، قاغىلىقتا بىر دىنى مەكتەپ ئاچقان ۋە بۇ يەردە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلىرىغا دىنى تەلىماتلارنى بىرىشكە باشلىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتنىڭ ئومۇمىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك جىددى مەسىلىلەر بويىچە ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاشكار ـ يۈشۇرۇن ئىشارىلەرنى بىرىپ كەلگەن. 1939 ـ يىلى جۇڭگۇ چوڭ قورۇقلىقىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن كومنىستىك پارتىيەگە تەۋە قىزىل ئارمىيە شۇ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى دىيارىمىزغا يىتىپ كەلگەن ۋە ھاياتى دېگەندەك تىنچ ئۆتمىگەن ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنى يۇشۇرۇن نەزەربەنىت ئاستىغا ئالغان. ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ئۆز قارمىقىدىكى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەلىم بىرىشنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرغان. 1955 ـ يىلى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق رايۇنلاردا ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيانلار بولۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئابدۇلھەكىم مەخسۇممۇ بۇ ئىسيانلارغا ئاۋاز قوشقان دېگەن قاراش بىلەن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. 1956 ـ يىلى نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم تۈرمىدىن بوشىتىلغان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مەخسۇمنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلىرى يەنە ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ئىسلام دىنى بويىچە تەلىم تەربىيە خىزمىتىنى قايتىدىن باشلىغان. 1957 ۋە 1958 ـ يىللىرى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن بىر قىسىم قوزغىلاڭلاردا باشلامچىلىق بىلەن رول ئوينىغان ياكى ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ يەنىلا ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ تالىبلىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، مەخسۇمنىڭ دېنى مەكتىۋى دەرھال پىچەتلىنىپ، ئوقۇغۇچىلىرى تارقىتىۋېتىلگەن، مەكتەبنىڭ بارلىق مال ـ مۇلكى مۇسادىرە قىلىنغان. بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئابدۇلھەكىم مەخسۇم نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان.
جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى جىنايى ئىشلار جازا قانۇنىدا، ئەڭ ئۇزۇن قاماققا ئېلىش مۇددىتى 20 يىل بولۇپ، ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم 1959 ـ يىلى 12 ـ مارتتا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1979 ـ يىلى 12 ـ مارتتا تۈرمىدىن چىققان ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم، ئارىدىن كۆپ ئۆتمەيلا، بىر قارىخانا ئاچقان. دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، ئۆزبىك، قازاق، قىرغىز، تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئەتراپىغا كۈنسىرى توپلىنىپ، دىنى تەلىم ـ تەربىيە ئېلىشقا باشلىدى.
1959 ـ يىلدىن تاكى 1979 ـ يىلىغا قەدەر، مەسجىدلەرگە كىرىش، قۇرئان ئوقۇش، ۋەز ـ نەسىھەت، تەبلىغ قىلىش ھەتتا جىنازە نامىزىنى ئوقۇشقا قەدەر ئىشلارنىڭ ھەممىسى چەكلەندى. 1965 ـ يىلى 5 ـ ئايدىن 1975 ـ يىلى 10 ـ ئايغىچە داۋام قىلغان 10 يىللىق مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن ئىبارەت ئىسمى چىرايلىق، ۋۇجۇدى بەد بەشىرە ئازازۇل ھەرىكەت يۇقىرىقى چەكلىمىلەرنىڭ ئەڭ ۋايىغا يەتكەن جەريانىنى تەشكىل قىلدى. ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ مۇستەقىل نەزىرىيەسى بويىچە مىللەتنىڭ مىللى مەۋجۇتلىقى، ئۇنىڭ دىنى جەھەتتىكى سالاھىيىتىنى قانچىلىك ئېنىق بەلگۈلىيەلىشىدە ئىدى. ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ئۆزىنىڭ بۇ خىل نەزىرىيەلىرىنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن مىساللارنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىزاھلاشقا تىرىشاتتى. ئوقۇغۇچىلىرىغا بۈگۈنكى دەۋر ئىلىم ـ پېنى ھەققىدە يېڭى ـ يېڭى ئۇچۇرلارنى بىرىشنىمۇ ئونۇتمىغان ئىدى.
1980 ـ يىلىدىن كېيىن، جوڭگۇدا سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى ۋە دىنى جەھەتتە ئەركىنلىك بارلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ دىنى تەلىم ـ تەربىيەسى ئۈچۈن ئاجايىپ شەرت ـ شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەردى. مەخسۇمنىڭ يۈزلەرچە تالىبلىرىنىڭ سانى مىڭلارچە بولۇپ كەتتى. ئىلىم ئەھلىنى ھامان چىن دىلىدىن سۈيىدىغان قارغىلىق خەلقى ئىككى ئېغىزلىق ئۆيىنىڭ بىرىنى مەخسۇمنىڭ يىراق ـ يېقىندىن كەلگەن تالىبلىرىغا ئېچىپ بىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تالىبلارغا بولغان ئىززەت ۋە ئىكراملىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئادا قىلىشقا تىرىشتى.
1985 ـ يىلى، يەنى 39 يىلدىن كېيىن، مەككە مۇكەررەمەگە ھەج قىلىش ئۈچۈن چىقتى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھال ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز يۈرتى قارغىلىققا قايتىپ كەلدى.
دىيارىمىزدا ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىمنىڭ تۈرتكىسىدە مىڭلارچە مەدرىسلەر مەيدانغا كەلدى، ئوخشىمىغان جايلاردا ئۇنىڭ تالىبلىرى بۇ ئىشنى بار كۈچى بىلەن جانلاندۇردى. بۇ 20 ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنى ساھەدىكى ئەڭ جانلىنىش كەيپىياتىنى تەشكىل قىلدى. ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ ھەر تەرەپتىن يىتوك بىر شەخس ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايدىڭ ھەقىقەتكە ئايلاندى. مەخسۇم ئۈرۈمچىگە كىلىپ ”خىزمەت“ قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغاندا رەت قىلغان ئىدى. چۈنكى، ئۆزى كۆنۈككەن شەھەر، ئەجرىنى بېغىشلىغان تالىبلىرى، ئەل ـ جامائەت، قىسقىسى، بارلىقىنى زاۋۇت، فابرىكىلارنىڭ ئىس ـ تۈتەكلىرى قاپلىغان ئۈرۈمچى شەھرىگە قۇربان قىلىپ بېرىش مەخسۇم ئۈچۈن ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ئەمما، ئىسلام دىنى ئىنىستىتوتىدىكى دىيارىمىزنىڭ ھەر تەرىپىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىمغا بولغان ئىشتىياقىلىرى، ئۇلارنىڭ مەخسۇمھاجىمغا بولغان ئىھتىياجلىرى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرغان بولغاچقا، ھاياتىدا تەلىم ـ تەربىيەگە ھېچ نەرسىنى تىگىشىپ باقمىغان مەخسۇم ھاجىم 1987 ـ يىلىدىن باشلاپ، تاكى بارىن ئىنقىلاۋى يۈز بەرگەنگە قەدەر ئۈرۈمچى ئىسلام ئىنىستىتوتىدا دەرس بىرىپ كەلدى.
1990 ـ يىلقى بارىن ئىنقىلاۋىدىن كېيىن، مەخسۇمنىڭ دىنى مەدرىسىسى قايتىدىن پىچەتلەندى ۋە مەدرەسە مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى، مەخسۇمھاجىممۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى. چۈنكى، بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ ئالدى ـ كەينىدە مەخسۇمھاجىمنىڭ تالىبلىرىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئورۇن تۇتقان ئىدى.
ھاياتى ئاددى ـ ساددا، ئەمما مەنىۋى دۇنياسى تۇلىمۇ باي ئۆتكەن ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم، بارلىغىنى تەلىم ـ تەربىيەگە بېغىشلىدى. مەيلى تۈرمىدە بولسۇن ياكى جەمىئىيەتتە بولسۇن، بەش ۋاقت نامىزىنى تاشلىمىدى، باشقىلارغا بىرىدىغان تەلىم ـ تەربىيىسىنى ئىمكانىيىتىنىڭ يىتىشىچە داۋاملاشتۇردى. شۇڭىمۇ خەلقىمىز مەخسۇمنىڭ شان ـ شەرىپى، ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى ھامان ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئۇنى دىيارىمىزنىڭ نەرىگىلا بارمىسۇن، بېشىغا ئېلىپ كۆتۈردى...
مەرھۇم 1993 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ناماز شامغا تاھارەت ئېلىپ، نامازغا تۇرىدىغان چاغدا باقى ئالەمگە سەپەر قىلدى. مەرھۇمنىڭ ۋاپات خەۋىرى تامامىي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قاتتىق قايغۇغا سالدى. گەرچە، مەخسۇمنىڭ نامىزىنى چىقىرىدىغان كۈنى، قاغىلىققا كىرىدىغان قاتناش يوللىرى توسۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئون مىڭلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ نامىزىغا قاتناشتى.... شۇنداق ئابدۇلھەكىم ئابدۇلجېلىل مەخسۇمھاجىم ۋاپات بولدى، بىراق، ئۇنىڭ مىڭلىغان تالىبلىرى دىيارىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆپ قاتلاملىق خاراكتىرگە ئىگە ھىمايىچىلىرىگە ئايلاندى. مەيلى ۋەتەن ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن، ئۇلار ھامان خەلقىمىزنىڭ دىنى ئېتىقادىغا، مىللىي مەنپەئەتلىرىگە ساھىب چىقتى. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ھامان بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن تەڭ كۈلۈپ، تەڭ يىغلىدى. ئۇلار كىم ۋە قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئىمكانى يار بەرگەن ھەرقانداق خىزمەتتىن باش تارتمىدى. ئۇلارنىڭ تەقدىرى قىسمەتلىرى گەرچە تۇز سۈيىدەك ئاچچىق ئۆتكەن بولسىمۇ، اﷲ دىن باشقا ھېچكىمگە ۋايسىمىدى، ھېچكىمدىن باشپاناھلىق تىلىمىدى..... مانا بۇلار مەخسۇم ھاجىم روھىنىڭ ئۇنىڭ تالىبلىرىدا يېتىلىۋاتقان ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى ئىدى.
جانابى اﷲ دىن ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم ۋە ئاتىسى ئابدۇلجېلىل داموللاھاجىملارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلىپ بېرىشىنى، قىلغان ئەمەللىرىنى سەدىقە جارىيە (يەنى ساۋابى ئۈزۈلمەي يىتىپ تۇرىدىغان سەدىقە) قاتارىدا قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمىز، ئامىن! اﷲ ئۇلارنىڭ مىڭلارچە تالىبلىرىنى ئىككى دۇنيا بەخت – سائادىتىگە ئىرىشتۈرگەي! ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن مىڭلارچە مەخسۇمھاجىملارنى يىتىشتۇرۈپ، دىنىمىزنىڭ اﷲ كۆرسەتكەن پرىنسىپلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشقا مۇۋەپپەق ۋە مۇيەسسەر قىلغاي! ئامىن!!!