ئابلېكىم ھەسەن

ئورنى Wikipedia

ئابلېكىم ھەسەن 1971-يىلى ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ ئۈچدەرۋازا مەھەللىسىدە ئاددىي بىر تۆمۈرچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ بالىلارنىڭ ئالتىنچىسى بولۇپ، ئىشچان ئاكا – ھەدىلىرىگە ياردەملىشىپ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىپ، تۇرمۇش قايناملىرىدا چېنىققان. تەتىل كۈنلىرىنى سەھرادا ئۆتكۈزۈپ، سەھرا بالىلىرىغا قېتىلىپ ئورما ئورۇپ، ئۈنچە تېرىپ، تاغ ـ دۆڭلەرگە يامىشىپ، سۇلارغا شۇڭغۇپ، بالىلىق ھېس-تۇيغۇلىرىنى تەبىئەت گۈزەللىكى بىلەن بېزىگەن.

  ئۇ 1993-يىلى لەنجۇ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنستىتۇتى جۇڭگو تىل ـ ئەدەبىيات فاكولتىتىنى تاماملىغان يىلى، ئۇنىڭ تۇنجى بالىلار شېئىرلىرى توپلىمى «ئەللەي تەبىئەت» نەشر قىلىنىپ، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى، جۈملىدىن بالىلار شېئىرىيىتى ئىجادىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. مەزكۇر توپلام شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «مۇنەۋۋەر كىتاب مۇكاپاتى»غا، «شەيتانلارنىڭ شادلىقى» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى7-نۆۋەتلىك «جوڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹تۇلپار› ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «زەيتۇنەنىڭ ئالمىسى» ناملىق ھېكايىسى ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2- نۆۋەتلىك « تەڭرىتاغ ئەدەبىيات ـ سەنئەت . ئەسەر مۇكاپاتى »غا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا، «يۇلتۇزلارغا سۆز»، « ئېھ، غۇلجام»،«توپىلىق يول»، «ئەۋلادلار ئۈچۈن»، «ئاق قۇلار ناۋاسى»،«ياز خىياللىرى»، «كۈنلۈكۈم»، «جاپاكەش ئانام »، «ئاپام»، «يېرىلىڭ تاشىم»، « قاراڭغۇ باغدىكى ئۆمۈچۈك موماي» قاتارلىق يەككە ئەسەرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر باش مۇھەررىر مۇكاپاتى»، «2- نۆۋەتلىك ياشلار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بالىلار ئۈچۈن يازغان «قاراڭغۇ باغدىكى ئۆمۈچۈك موماي»، «بوغرانىڭ زومىگىرى» قاتارلىق توپلاملىرىمۇ نەشر قىلىندى. ئۇنىڭ 30 پارچىغا يېقىن ئەسىرى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «مۇزىكا» ، « تىل ـ ئەدەبىيات » دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى. «تەنھا كېيىك» ناملىق لېرىك شېئىرلار توپلىمىمۇ نەشردىن چىقتى.

  ئابلېكىم ھەسەن «تارىم غۇنچىلىرى» ژورنىلىنىڭ تەھرىرى، باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا، ياش بىر ژورنالىستقا خاس تەجرىبىلەرنى توپلىدى، ئۇ ژورنال ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، ئاپتونۇم رايون دائىرىسىدىكى بۇ ئۇنىۋېرسال بالىلار ژورنىلىنىڭ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن زور ئەجىر سىڭدۈردى، ئۇ بالىلار يازغۇچى، شائىرلىرى ۋە بالا شائىر، يازغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى تاللاپ ژورنالنىڭ مەزمۇنىنى بېيتتى، ژورنالنىڭ سەھىپىلىرىنى رەڭدارلاشتۇرۇپ، ژورنالنى قىزىقارلىق، بالىلار سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ژورنالغا ئايلاندۇردى. شۇڭا ژورنال شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىچىك دوستلارنىڭ ياخشى سىردىشى، تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان، تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرىدىغان ياخشى كۆزنەك بولۇپ قالدى. شائىر ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ بالىلار شىئىرىيىتى ۋە بالىلار ژورنالچىلىقى جەھەتتىكى تۆھپىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم تىمىلارنىڭ بىرى بولغان بالىلار ئەدەبىياتىدىكى ئۆزىگە خاس ئورنىنى تىكلىدى.