ئاتىئېزلار (ئادىزلار، ئازلار)

ئورنى Wikipedia

ئاتىئېزلار (ئادىزلار، ئازلار): ئاتىئېزلار ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز ئىتتىپاقىدىكى بىر كىچىك قەبىلە بولۇپ، ئالتاي تېغىنىڭ شەرقىگە، ئورخۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان، ئون ئۇيغۇرلار بىلەن قوشنا ياشىغان. «ئومۇمىي قامۇس» تا: «ئەسكەرلىككە ياراملىقى 1700ئىدى» دېيىلگەن. دەسلەپتە شەرقىي تۈرك خانلىقىغا، كېيىن سىر-تاردۇشلارغا قارىغان، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقچىسى بولۇپ قالغان. مىلادىيە 795-يىلى ياغلاقار جەمەتىدىن كېلىپ چىققان قۇتلۇق بىلگە قاغان (ئايچۇر، 790-795-يىللار) ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ تەختكە ۋارىسىلىق قىلغۇدەك ئوغلى بولمىغانلىقتىن، ئاتىئېزلاردىن كېلىپ چىققان بۇيرۇقلار بېشى، ئېل ئۈگەسى قۇتلۇق تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش ئالپ قۇتلۇق ئۇلۇغ بىلگە قاغان (795-805-يىللار) دەپ ئاتالغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانلىق تەختى ئاتىئېز ئۇرۇقىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ئاتىئېز قەبىلىسىنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ئورنى تېز ئۆسۈپ بارغان. فېڭ چىڭجۈن ئەپەندى: «ئاتىئېزلار ئابداللاردۇر، ئۇلار ئون ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى ئاۋۇسار (يەنى ئاۋوچاگ،阿勿嘀) لار بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارايدۇ.