ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

ئات ئۈستى ماھارىتى - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە، قويۇق مىللىي تۈس ئالغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. ئات ئۈستى ماھارىتى تولىمۇ قىزىقارلىق ھەم سەلتەنەتلىك ھەرىكەت. بۇ ئويۇن بەدەننىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئات ئۈستى ماھارىتى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 1. ئاتنى تېز چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ، ئاتنىڭ بىردە ئوڭ، بىردە سول تەرىپىدىن يەرگە ئىرغىپ چۈشۈپ، يەنە سەكرەپ چىقىپ ئاتقا مىنىش. 2. ئاتنى تېز چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ، ئۈستىگە دەسسەپ تىك تۇرۇش. 3. ئاتنى تېز چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ، ئاتنڭ ئۈزەڭگە بېغىنى تۇتۇپ، ساڭگىلاپ ئۆزىنى يوشۇرۇش. 4. ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ، بېشىنى ئاتنىڭ يايلىسىغا قويۇپ، پۇتىنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ بېشى بىلەن تىك تۇرۇش. 5. ئىككى قولى بىلەن ئۈزەڭگە بېغىنى تۇتۇپ، پۇتىنى يۇقىرى قىلىپ، تەتۈر تىكلىنىپ ئات چاپتۇرۇش. 6. ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ، ياغاچ خادىنىڭ ئۈستىگە ئېسىپ قويۇلغان يامبۇنى ئېتىپ چۈشۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ تارىخىغا كەلسەك، ئات ئۈستىدە ئۆسكەن خەلقلەردە بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى پائالىيەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشتىن سىرت، <تۈرك مىللىي مەدەنىيىتى> دېگەن كىتابتا: <دالا يۈرۈشلىرى تۈرك خەلقلىرى ئارىسدا داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر بولۇپ، ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇرۇش ھازىرلىقى سۈپىتىدە بولغان دائىمىي ئويۇنلىرى ئىدى. ئاتقا مىنىش، ئات ئۈستىدە ئوق ئېتىش ھەممە كىشىنىڭ تەبىئىي مەشغۇلاتلىرى بولغان> دېيىلگەن.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]