ئاخباراتچىلىق

ئورنى Wikipedia

ئاخباراتچىلىق بولسا ئاخبارات ھادىسىلىرى ۋە ئاخبارات خىزمەتلىرىنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش[تەھرىرلەش]

ئاخبارات ئىلمى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئاخبارات پائالىيەتلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات جەريانى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، نۆۋەتتە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا، ئاخباراتنىڭ تارقىتىشنى يادرو قىلغان ئۇچۇر تارقىتىش ئىشلىرىدىكى رولى زورايماقتا.

ئاخباراتچىلىق ئىلمى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن، زامانغا لايىق، ئاخباراتچىلارغا خاس سەزگۈرلۈك ۋە مېدىيا باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشقا دائىر نۇرغۇن بىلىملەر بىلەن قوراللانغان ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە ئىز-باسارلارنى تەربىيىلەپ، ئۇلارغا دۆلىتىمىزنىڭ فاڭجىن-سىياسەتلىرى ۋە ئاخبارات تارقىتىش سىياسەتلىرىنى پۇختا تونۇتۇپ، خەلقئارالىق ئاخبارات سەھنىسىدىمۇ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاخباراتچىلىقتا تەربىيىلەنگەنلەر گېزىتخانا، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسسىلىرى ۋە ئاگېنتلىقلارغا يۇقىرى سەۋىيىلىك مۇخبىر، تەھرىر ۋە ئاخبارات ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خادىملىرى بولالايدۇ.

تەتقىقاتى[تەھرىرلەش]

ئاخباراتچىلىق بولسا ئاخبارات ھادىسىلىرى ۋە ئاخبارات خىزمەتلىرىنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، ئۇ ئاساسلىق ئاخبارات ئىشلىرى بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى، مىدىيا ۋاستىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئىقتىدارى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى، ئاخباراتنىڭ تارىخى، بۈگۈنى شۇنداقلا تەرەققىيات قانۇنىيىتى، ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ باشقۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ.

ئۆز ئىچگە ئالدىغىنى[تەھرىرلەش]

ئاخبارات ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ نەزەرىيە، ئەمەلىيەت ۋە تارىختىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاخباراتچىلىق ئىلمى تار ۋە كەڭ مەنىدىكى ئاخبارات دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

كەڭ مەنىدىكى ئاخبارات: ئاخباراتچىلىق تارىخى، ئاخباراتچىلىق نەزەرىيىسى، ئاخباراتچىلىق ئەمەلىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تار مەنىدىكى ئاخبارات: بولسا ئاساسلىقى ئاخبارات نەزىرىيىسىنى كۆرسىتىدۇ.

تەرەققىياتى[تەھرىرلەش]

ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ باشلىنىشىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە، ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئۇلار ئىجتىمائىي تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن، ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجى تۇغۇلغان. بۇ خىل ئۇچۇرلار بارغانسېرى ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولغان ۋاقىت دەل ئاخباراتچىلىق مەيدانغا كەلگەن مەزگىللەردۇر. جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭ يېڭىلىنىشىغا قارىتا تەلىپى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، ئاخباراتنىڭ جەمئىيەتتىكى نوپۇزىمۇ كۈنسېرى يۇقىرىلاپ بارماقتا. ئاخبارات ئىشلىرى ئەڭ دەسلەپكى ئاغزاكى تارقىتىشتىن، يازما تارقىتىش، باسما تارقىتىش، سىمسىز تارقىتىش شۇنداقلا ھازىرقى تېلېۋىزور، رادىئو، تور قاتارلىق زامانىۋىي مېدىيا ۋاستىلىرى ئارقىلىق تارقىتىلىشقىچە بولغان جەريانلاردا، كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

ئۇچۇر خاراكتېرىنى ئالغان تارقىتىش بىر قانچە مىڭ يىللىغان دەۋرلەر بۇرۇنلا مەيدانغا كەلگەن. يېقىنقى زامان گېزىتچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى كاپىتالىزىمنىڭ فېئودالىزىمنىڭ ئورنىنى ئالغانلىقىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئاخباراتچىلىقنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى رولىمۇ بارغانسېرى روشەنلەشكەن. دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن باسما گېزىت 1566-يىلى ئىتالىيەدە بارلىققا كەلگەن <ۋېنتسىيە گېزىتى> بولۇپ، 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، قەرەلسىز گېزىت ياۋروپانىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا كەڭ تارقالغان. ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، مەخسۇس ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەقىقىي مەنىدىكى ئاخباراتچىلىق كەسپىنى شەكىللەندۈرگەن. جۇڭگو يېقىنقى زامان گېزىتچىلىكى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىدىن 200 يىل كېيىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، 19-ئەسىردە جۇڭگو يېرىم فېئوداللىق يېرىم مۇستەملىكە جەريانىدا، غەرب دىندارلىرى جۇڭگوغا كېلىپ گېزىت تەسسىس قىلغان. جۇڭگو يېقىنقى زامان گېزىتچىلىقىدىكى ئەڭ بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن گېزىت <ئۆرپ-ئادەتنى تەكشۈرگۈچى ئايلىق گېزىت> تۇر. 1911-يىلى يۈز بەرگەن <شىنخەي ئىنقىلابى> دۆلىتىمىزنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مىسلىسىز گۈللىنىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن. 1912-يىلىدىكى دۆلىتىمىزدە تەسىس قىلىنغان گېزىتلەرنىڭ سانى 495 كە يېتىپ، 1901-يىلىدىكى گېزىت سانىدىن 4 ھەسسە كۆپەيگەن. 1978-يىلى 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن، جۇڭگو ئاخباراتچىلىقى يېڭى بىر تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويغان. 1988-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئوچۇق-ئاشكارا تارقىتىلغان گېزىت تۈرلىرى 1628 خىلغا يەتكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تارماق ئاگېنتلىقى 31 گە يېتىپ، ئۇ دۇنيادىكى سەككىز چوڭ ئاگېنتلىقنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى گېزىتلەر 31 خىلغا، كۈندىلىك تارقىتىلىش مىقدارى 3 مىليۇن 500 مىڭغا يەتكەن.

ئاخباراتچىلىق تۈزۈلمىسى[تەھرىرلەش]

ئاخباراتچىلىق تۈزۈلمىسى دەل بارلىق ئاخبارات پائالىيەتلىرىنىڭ تۈزۈلمىسىدۇر. ئۇ مېدىيا باشقۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىنى، ئۇنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى، مېدىيا ۋاستىلىرىنىڭ يۈرگۈزۈلۈش ئۇسۇللىرىنى بەلگىلەيدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيدى، كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرغا بولغان تەشنالىقى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلدى. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مائارىپ بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيدى. كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سانىمۇ كۆپىيىپ باردى، شۇنداق قىلىپ ئاخبارات كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئۇچۇر قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاستىلەردىن بولۇپ قالغان.

خەنزۇچە نامى[تەھرىرلەش]