ئاخبارات تارقىتىدىغان ئاپپاراتلار

ئورنى Wikipedia

ئاگېنتلىق، گېزىتخانا، رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ژۇرنال فىلىم ستۇدىيىسى قاتارلىقلار ئاخبارات تارقىتىدىغان مۇھىم ئاپپاراتلاردۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، رولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار.

ئاگېنتلىق − خەۋەر توپلايدىغان ئورۇن، ئادەتتە ئۇنىڭ نەچچە ئون، ھەتتا يۈزلىگەن شۆبىسى، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە مۇخبىرى بولىدۇ. ئومۇمىي ئۇچۇر مىقدارىدىن ئالغاندا، باشقا ھەرقانداق ئاخبارات تارقىتىش ئاپپاراتى ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. گېزىت ئۇچۇر تارقىتىشىنىڭ تېزلىكى، تارقىتىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئۆزگىچىلىككە ئىگە. تىراژى100 مىڭغا يېتىدىغان گېزىتنىڭ ھەر سانىنى ئەگەر2 -3 كىشى ئوقۇيدىغان بولسا، ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلار كۈندە نەچچە يۈز مىڭ ئادەمگە تارقىلىدۇ، باشقا تارقىتىش ئاپپاراتلىرى ئۇنىڭغا يېتەلمەيدۇ. تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇچۇر تارقىتىشى ئوبرازلاشقانلىقى بىلەن ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، كۆرۈرمەنلەردە تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ. رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، كىشىلەر مەيلى كۈندۈز ياكى كېچە بولسۇن، رادىئوسىنى ئاچسىلا دۇنيانىڭ جاي - جايلىرىدىن كەلگەن خەۋەرلەرنى ئاڭلىيالايدۇ. ژۇرنال فىلىم ستۇدىيىسى ئىشلىگەن ژۇرنال فىلىملەر ئىشلىنىش دەۋرى ئۇزاقراق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، تارقىتىش سۈرئىتى جەھەتتە باشقا ئاخبارات ئاپپاراتلىرىغا يېتەلمەيدۇ، لېكىن ئۇنىڭ خاراكتېرىمۇ ئاخبارات تارقىتىشقا كىرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا ئېقىم مەسىلىلىرى تەھلىل قىلىنىدىغان سىياسىي خاراكتېرلىك ژۇرناللارمۇ ئاخبارات تارقىتىش ئاپپاراتىغا كىرىدۇ. ئالايلۇق، مەملىكىتىمىزدە چىقىدىغان «يېرىم ئايلىق سۆھبەت»، «نەزەر» گە ئوخشاش ژۇرناللار خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئېقىم مەسىلىلىرىنى ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلىپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش خاراكتېرىدىكى ماقالىلەرنى بېسىپ تۇرىدۇ، بۇ ماقالىلەر نۇرغۇن ئاخبارات ماتېرىياللىرى ئاساسىدا يېزىلىدۇ.