ئاخبارات تارقىتىشنىڭ تۆت تەرەققىيات باسقۇچى

ئورنى Wikipedia

ئاخبارات تارقىتىشنىڭ تەرەققىياتى ئومۇمەن ئېغىزچە ئاخبارات، يازما ئاخبارات، مەتبەئەلىك ئاخبارات، ئېلېكترونلۇق ئاخبارات باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتتى.

ئېغىزچە ئاخبارات ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تارقىتىش ۋاسىتىسى ئىدى. دەسلەپتە يېقىن ئارىلىقتا ۋارقىراش ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇلاتتى، ئالايلۇق، ئوۋچى بىرەر ياۋايى ھايۋاننى بايقىغاندا، ھەمراھلىرىغا ۋارقىراپ ئۇچۇر يەتكۈزەتتى. كېيىن ئاتلىق ئېغىزچە خەۋەر يەتكۈزىدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن نىسبەتەن تېز سۈرئەتتە يىراق ئارىلىققا ئاخبارات يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى. ئالايلۇق، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئۆتەڭلىرى ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئات ئالماشتۇرۇشى، قونۇپ ئۆتۈشى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان.

قولدا كۆچۈرۈلگەن ئاخبارات يېزىق ئومۇملاشقان ۋە قەغەز كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن قوللىنىلغان ئاخبارات تارقىتىش ۋاسىتىسى بولدى. قەدىمكى زاماندا گېزىت قولدا كۆچۈرۈلۈپ چىقىرىلاتتى، ئېلىمىزنىڭ سۇڭ زامانىسىدا نەشر قىلىنغان «ئوردا ئاخباراتى» («报邸») ۋە پۇقرالارنىڭ «كىچىك گېزىت» («报小») ى شۇنداق چىقىرىلغان. 16 - ئەسىردە ئىتالىيىنىڭ ۋېنېتسىيە شەھىرىدە كىشىلەر قولدا كۆچۈرۈلگەن گېزىت چىقىرىپ ساتقان، ئۇنىڭدا بازار ۋە قاتناش ئەھۋاللىرى سودىگەرلەر ۋە سەيلە - ساياھەتچىلەرگە تونۇشتۇرۇلاتتى.

مەتبەئەلىك ئاخبارات قەغەز ۋە مىخ مەتبەئە كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن تەدرىجىي بارلىققا كەلدى. بۇنداق ئاخبارات ئېلىمىزدە ئەڭ دەسلەپ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دۇنياغا كەلدى؛ غەربتە ئەڭ بالدۇر بارلىققا كەلگەن مەتبەئەلىك گېزىت1566 - يىلى ئىتالىيىدە نەشر قىلىنغان «ۋېنېتسىيە ئاخباراتى» بولدى. مەتبەئەلىك ئاخباراتنىڭ بارلىققا كېلىشى يېقىنقى زامان ئاخباراتچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ماددىي ئاساس سالدى. گېزىت ھازىرمۇ ئاخبارات تارقىتىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

ئامېرىكىلىق سامۇئېل مورس1844 - يىلى تېلېگراممىنى كەشىپ قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئاخبارات تارقىتىلىدىغان بولدى. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىدە رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە ئارقىلىق ئاخبارات تارقىتىش كەينى - كەينىدىن بارلىققا كەلدى، كېيىن يەنە خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى دۇنياغا كېلىپ، ئېلېكترونلۇق ئاخبارات تارقىتىشنى تېخىمۇ تېز، ۋاقتىدا تارقىلىش، ئۈنمۇ، سىنمۇ بولۇش، ئارىلىق چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئېلېكترونلۇق ئاخبارات تارقىتىش بۈگۈنكى دۇنيادىكى مۇھىم ئاخبارات تارقىتىش قورالىغا ئايلاندى.