ئادىل تۇنىياز

ئورنى Wikipedia
مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

ھۆججەت:Adiltunyaz.gif

ئادىل تۇنىياز 1970-يىلى قەشقەر قاغىلىقتا تۇغۇلغان . ئۇ تېنچ سەھرا مەنزىرىسى بىلەن دۆۋە-دۆۋە كىتاپلار ئارىسىدا بالىلىقنى ئۆتكۈزگەن .ئادىلنىڭ دادىسى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ، ناھايىتى كىچىك چاغلىرىدىلا ئۇنى شىئېر يېزىشقا رىغبەتلەندۈرگەن . ئۇنىڭ تۇنجى شىئېرى «سۈزۈك سۇ » 1982-يىلى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان . تۇنجى شىئېرلار توپلىمى «سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا» 1992- يىلى، ئىككىنچى توپلىمى«بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى»1998 -يىلى نەشىر قىلىنغان . ئۇندىن باشقا يەنە « پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» ناملىق ماقالە -ئوبزۇرلار توپلىمى بىلەن «چۈمبەلدىكى كۆز» ناملىق بۇ شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى .

ئادىل ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شىئېرىيىتىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان شائىر . ئۇنىڭ شىئېرلىرىنى ئوقۇغىنىڭىزدا ئىنسانىيەت مەۋجۇتلىقىنىڭ مەركىزى ئاسىيادىكى قەدىمى ئاۋازىنى ئاڭلىيالايسىز. قۇم بىلەن ئادەملەر ، بوستانلىق بىلەن شەھەرلەر ئارىسىدىكى رېتىملىق سادانى تىڭشىيالايسىز . شۇنداقلا ئۇنىڭ مىسرالىرىدىن بىر قەدىمقى مەدىنىيەت ئۇپۇقىدا كۆتىرىلگەن ھايات ۋە ماماتنىڭ يېڭى شولىلىرىنى كۆرەلەيسىز.