ئادەمخور پامپۇس بېلىقى

ئورنى Wikipedia

جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئامازون دەرياسى ۋادىسىدىكى ئەڭ ۋەھشىي بېلىق-ئادەمخور پامپۇس بېلىقى. يەنە بىر نامى ئادەخور بېلىق دەپ ئاتىلدۇ.

ئادەمخور پامپۇس بېلىقى ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئادەمخور پامپۇس بېلىقنىڭ چىشلىرى ئۇستىرىدىنمۇ ئۆتكۈر كېلىدۇ، ئۇ سۇدىكى ھايۋانلارغا غالجىرانە ھۇجۇم قىلىپلا قالماستىن، سۇ يۈزىگە سەكرەپ چىقىپ چوڭ قۇشلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىدۇ. ئادەمخور پامپۇس بېلىقى قانغا ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، ئازراققىنە قان ياكى ئازراققىنە قان ھىدىنى بىلىپ قالسا، دەرھال توپلىشىپلا يېتىپ كېلىدۇ. ئادەمخور بېلىقلار بار دەريانى ۋەھىمىلىك دەريا دىيىشكە بولىدۇ. چۈنكى قۇرۇقلۇقتىكى ھايۋان ياكى ئادەم ئېھتىياتسىزلىقتىن مۇشۇنداق دەرياغا چۈشۈپ كەتسە، بىر نەچچە مىنۇتقا بارمايلا ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ بېلىقلار ھەتتا ھەمراھلىرىغىمۇ ھۇجۇم قىلىدۇ، ئەگەر ئادەمخور بېلىق قارماقتىكى يەمچۈكنى يۇتۇۋېلىپ قارماقتىن قۇتۇلالماي قالسا، نەپىسى يامان ئەشەددىي ھەمراھلىرى بىردەمدىلا ئۇنى قىلتىرىقلىرىنىمۇ قويماي يەۋېتىدۇ.

سىرتقى شەكىلى[تەھرىرلەش]

جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئامازون دەرياسى ۋادىسىدا بىر خىل كىچىك بېلىق بار بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىرلا كېلىدۇ. بەدىنى ياپىلاق، كۈمۈش رەڭ قاسىراقلىرىغا قوڭۇررەڭ چىپار ئارىلاشقان بولۇپ، قارىماققا قىلچىمۇ ۋەھشىي كۆرۈنمەيدۇ ھەم ئانچە بەك كۆزگە چېلىقىپمۇ كەتمەيدۇ. ئەمما ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشىي بېلىق-ئادەمخور پامپۇس بېلىقىدۇر.جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئامازون دەرياسى ۋادىسىدا بىر خىل كىچىك بېلىق بار بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىرلا كېلىدۇ. بەدىنى ياپىلاق، كۈمۈش رەڭ قاسىراقلىرىغا قوڭۇررەڭ چىپار ئارىلاشقان بولۇپ، قارىماققا قىلچىمۇ ۋەھشىي كۆرۈنمەيدۇ ھەم ئانچە بەك كۆزگە چېلىقىپمۇ كەتمەيدۇ. ئەمما ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشىي بېلىق-ئادەمخور پامپۇس بېلىقىدۇر.

بايقالغان رايون[تەھرىرلەش]

ئادەمخور پامپۇس بېلىقى جەنۇبى ئامرىكىدىكى ئوتتۇرا، جەنۇبىي دەريا، ئاندرس تاغ تىزمىلىرىنىڭ شەرقى، بىرازىلىيەنىڭ گۋىئانا دەريا قىرغاقلىرى، ئارگېنتىنا، بولىۋىيە، كولۇمبو دۆلىتى، پاراگۋاي، ئۇرۇگۋاي، پېرۇ ۋە ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق جايلارنىڭ دەريا – ئېقىنلىردىن بايقالغان.

ئالاقىدار ئىشلار[تەھرىرلەش]

ئادەمخور بېلىقنىڭ چىشى ناھايىتى ئۆتكۈر بولغاچقا، جەنۇبىي ئامىرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىكلەر دائىم بۇ بېلىقلارنىڭ چىشىنى قومۇرۇۋېلىپ ئوقيانىڭ ئۇچىغا بېكىتىپ ئوۋ ئوۋلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شۇ جايدىكى يەرلىك كىشىلەر ئۆلگەن ئادەمنى دەرياغا تاشلاپ ئادەمخور بېلىقلارغا يېگۈزۈۋېتىدۇ، ئۇلار مۇشۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ روھى جەننەتكە كىرىدۇ دەپ قارايدۇ.