ئادەمسىز ئۇچقۇ

ئورنى Wikipedia
ئادەمسىز ئۇچقۇ قونماقتا
ئەم كىيۇ- 9 قارچىغا ئادەمسىز ئۇچقۇسى

ئادەمسىز ئايروپىلان سىمسىز يىراقتىن تىزگىنلەش ئۈسكۈنىسى ياكى زاپاس كونترول سىستېمىسى ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بولۇپ، ئادەمسىز ئۇچقۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ قورال جەڭگاھلاردا بارغانسېرى كۆپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

ئادەمسىز ئايروپىلان بىخەتەر، قوللىنىشچان بولغانلىقى، بىر چالمىدا نەچچە پاختەكنى سوققىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەتىۋارلىنىۋاتىدۇ.

نامى-ئاتىلىشى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە؛ ئادەمسىز ئۇچقۇ، ئۇچقۇچۇسىز ئايرۇپىلان، دىرون

خەنچە: 无人机

ئېنگىلىزچە: Unmanned aerial vehicle (كۆپىنچە ھالدا Drone دەپ ئاتىلىدۇ)

ئالاھىدىلىكى[تەھرىرلەش]

ئادەمسىز ئايروپىلاننىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، تەننەرخى ئەرزان، ئۇنى ئىشلەتكەندە ئۇرۇش مەبلىغىنى تېجىگىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئادەمسىز ئايروپىلان جانلىق ۋە ئەپچىل، ناھايىتى ئىنچىكە ۋەزىپىلەرنىمۇ ئورۇندىيالايدۇ. كىچىك ئادەمسىز ئايروپىلانلار خۇددى ئۇششاق ھاشارەتكە ئوخشاش، ئىمارەتلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپمۇ رازۋېدكا قىلالايدۇ، بۇ خۇددى سۈن ۋۇكۇڭ تۆمۈر يەلپۈگۈچلۈك مەلىكىنىڭ قورسىقىغا كىرىپ-چىققاندەكلا ئىش. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ئۇنى ئىشلەتكەندە ئادەمنىڭ فىلولوگىيەلىك ئامىللىرىنى ئويلىشىش ھاجەتسىز. ئادەمسىز ئايروپىلان بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئەندىزىسىدە، ئالدىنقى سەپكە قوراللىق ئەسكەرلەر بارمىسىمۇ بولىدۇ، ئېگىز ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئادەمسىز ئايروپىلانلار ئارقىلىقلا ۋەزىپىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ.

ھەربىي قوللۇنۇشى[تەھرىرلەش]

ھازىرقى يەر يۈزى ئۇرۇشلىرىدا، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىقمۇ كۆزىتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆزىتىش دائىرىسى 10 كىلومېتىردىن ئاشمايدۇ. ھالبۇكى، ئادەمسىز ئايروپىلان ئىشلىتىلسە، قىسىمنىڭ كۆزىتىش دائىرىسى 100 كىلومېتىردىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، جەڭگاھنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىپ تۇرالايدۇ.

ئادەمسىز ئۇچقۇ

لېكىن ئادەمسىز ئايروپىلان ئارقىلىق ئۇرۇش قىلىش ئەندىزىسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئادەمسىز ئايروپىلانلار رازۋېدكا قىلىش، قىلتاق قۇرۇش قاتارلىق پاسسىپ ماسلىشىش قورالىدىن نىشانغا نەق زەربە بېرەلەيدىغان ئاكتىپ ھۇجۇم قورالىغا ئايلاندى.

2001-يىل 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندا تۇنجى بولۇپ «ئوۋچى RQ-1» ناملىق ئادەمسىز ئايروپىلان ئارقىلىق «دوزاخ ئوتى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئېتىپ، تالىبانلارنىڭ تانكىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى، بۇ يېڭى ئەسىردىكى ئادەمسىز ئايروپىلان-باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ بەردى.

كەلگۈسىدىكى جەڭگاھلاردا ئادەمسىز ئايروپىلان ئادەتتىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، كەلگۈسى ھاۋا ئۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق قوراللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى، ھەتتا زۆرۈر تېپىلغاندا دۈشمەن بىلەن تەڭ ھالاك بولۇشتەك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلىدىكى ھۇجۇم ئۇسۇلىنىمۇ قوللىنىشى مۇمكىن.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. تور دۇنياسى