ئادەمگىياھ

ئورنى Wikipedia

ئادەمگىياھ (خەنزۇچە: 人蔘) بىر خىل قىممەتلىك جۇڭيى دورىسى بولۇپ، ئاساسەن ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى چاڭبەيشەن تاغلىرىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قويۇق ئورمانلار ئارىسىدا ئۆسىدۇ. ئېلىمىزنىڭ باشقا تاغلىق رايونلىرىدىن ئادەمگىياھ چىقمايدۇ.

تۈرى ۋە تارقىلىشى [تەھرىرلەش]

ئادەمگىياھلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ دۇنيا بويىچە تەخمىنەن 1100 تۈرى بار، بۇلاردېڭىز-ئوكيانلارغا تارقالغان.بۇلارنىڭ ئىچىدە مېيخۇا ئادەمگىياھسى ئەڭ چوڭ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 60-70 سانتىمېتىر، كەڭلىكىتەخمىنەنئون سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن سەككىز سانتىمېتىر كېلىدۇ.

ئۆسۈش شارائىتى[تەھرىرلەش]

بىرىنچىدىن، ئادەمگىياھ 15-20 سېلسىيە گرادۇسلۇق مۇھىتتا ئۆسۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغاندا ئۆسۈشتىن توختايدۇ ھەتتا ئۆلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گرادۇستىمۇ ئۆلمەي، يەنىلا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ. چاڭبەيشەن تاغلىق رايونى شىمالىي كەڭلىك 42 گرادۇس ئەتراپىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 450-1200 مېتىر بولۇپ، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 71 سېلسىيە گرادۇس، ئەڭ ئىسسىق بولىدىغان 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 22 سېلسىيە گرادۇس، شۇڭا ئۇ جاينىڭ كىلىماتى ئادەمگىياھنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

ئىككىنچىدىن، ئادەمگىياھ چېچىلما يورۇقلۇق ياكى بىر قەدەر ئاجىز يورۇقلۇقتا ناھايىتى ياخشى ئۆسىدۇ؛ كۈچلۈك قۇياش نۇرى بىۋاستە چۈشسە ئۆلىدۇ، چاڭبەيشەن تاغلىق رايونىدىكى كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمانلاردا، كەڭ يوپۇرماقلار بىر قىسىم قۇياش نۇرلىرىنى توسۇۋېلىپ، چۈشىدىغان قۇياش نۇرىنى ئىنتايىن ئاجىزلىتىۋېتىدۇ، بۇ ئادەمگىياھنىڭ ئۆسۈشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، ئادەمگىياھ چىرىندى ماددىلار بىر قەدەر مول بولغان قوڭۇر ئورمان توپىسىدا ئۆسۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. كەڭ يوپۇرماقلىق ئورماننىڭ ھەممىلا جايى ئادەتتە يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئورمان ئىچىدە كۆپ مىقداردىكى قۇرۇغان قالدۇق شاخ-يوپۇرماقلار دۆۋىلىنىپ، ئۇزۇن مەزگىللىك چىرىشنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ چىرىندى ماددىلار تۇپراقنىڭ تۈزۈلۈشىنى بىر قەدەر يۇمشاق ھالەتكە ئۆزگەرتكەن. بۇمۇ ئادەمگىياھنىڭ ئۆسۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان.

مېيخۇا ئادەمگىياھسى[تەھرىرلەش]

بۇلارنىڭ ئىچىدە مېيخۇا ئادەمگىياھسى ئەڭ چوڭ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 60-70 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن ئون سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن ئون سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن سەككىز سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 90-120 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، شۇڭا ئۇ «ئادەمگىياھلارنىڭ پادىشاھى» دەپ ئاتىلىدۇ.

سىرتقى كۈرىنىشى[تەھرىرلەش]

مېيخۇا ئادەمگىياھسى ئۇزۇن كانايسىمان بولۇپ، ئارقىسىدىكى گۆشلۈك تىكىنى ناھايىتى زور بولىدۇ، ھەر 3-11 گۆشلۈك تىكەننىڭ ئۇلى تۇتاشقان بولۇپ، مېيخۇا گۈلىنىڭ بەرگىسىگە ئوخشاپراق كېتىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «مېيخۇا ئادەمگىياھسى» دەپ ئاتايدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، تاشقى كۆرۈنۈشى ئاناناسقا ئوخشاپراق كەتكەنلىكى ئۈچۈن، «ئاناناس ئادەمگىياھسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئشلىتىش قىممىتى[تەھرىرلەش]

مېيخۇا ئادەمگىياھسى ناھايىتى چوڭ بولۇپلا قالماي، بەلكى گۆشى ئالاھىدە قېلىن ۋە يۇمشاق، ئۇ ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىن چىقىدىغان يېيىشكە بولىدىغان ئادەمگىياھلار ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى، شۇنىڭدەك جەنۇبىي ئوكياننىڭ ھەرقايسى قايلىرىدىن چىقىدىغان يېيىشكە بولىدىغان ئادەمگىياھلار ئىچىدىمۇ ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، مېيخۇا ئادەمگىياھسى، خۇاڭخەي، بوخەي دېڭىزلىرىدىن چىقىدىغان تىكەنلىك ئادەمگىياھلارغا ئوخشاش، ناھايىتى يۇقىرى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، سىل بولۇپ قان تۈكۈرۈش، قايتا ئىشلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان قان ئازلىق، بالىلارنىڭ ياخشى ھەزىم قىلالماسلىقى. تۇتقاقلىق، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىغا ئوخشاش كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان دورا ياسىغىلى بولىدۇ، چەتئەللەردىكى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، مېيخۇا ئادەمگىياھسىنىڭ تەركىبىدە ئادەمگىياھ توكسىنى بولۇپ، ئۇنىڭ تازىلانمىغان ئېرىتمىسى بەزى ساركوما ۋە راكنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلىيەلەيدىكەن.

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]