ئاد قەۋمى

ئورنى Wikipedia
ئاد 

ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بۇلۇپ، ئۇلار ئوممان بىلەن ھەزرىمەۋت ئارىسىدا ياشايتتى، ئۇلار تارىختا ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەت بەرپا قىلغان خەلق ئىدى. ئۇلار ئېگىز بىنالارنى، كاتتا سارايلارنى سالغان ئىدى. قۇرئان كەرىمدە ئاد بىر قانچە جايدا تىلغا ئېلىنىدۇ، ئاد قەۋمى زېمىنىدا ھەقتىن باش تارتىپ، بىزدىن كۈچلۈك كىم بار، دەپ ھاكاۋۇرلۇق قىلدى، ئاللاھ تائالا ئاد قەۋمىنى، ئۇلارنىڭ كۇفرى ۋە زۇلمى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدى. ھۇد ئەلەيھىسسالام ئىمان ئېيتقان كىشىلەر بىلەن بىللە قەۋمىگە ئازاپ چۈشۈشتىن ئىلگىرى ھىجازغا ھىجرەت قىلغان، ئاد بەش تۈركۈمگە بۆلىنىدۇ:

1. دەسلەپكى ئاد بۇلۇپ، ئۇلار ئەھقاپتا ياشايتتى. ئۇلار مۇنقەزەر بولغان؛

2. ئىككىنچى ئاد يەمەندىن ئىراققىچە ھۈكۈمرانلىق قىلغان؛

3. سەمۇد بۇلۇپ، ئۇلار ھىجازدىن سىناغىچە ھۈكۈمرانلىق قىلغان؛

4. جۇرھۇملۇقلار بۇلۇپ، ئۇلار ھىجازدا ياشىغان؛

5. تەسىم ۋە جەدىس بۇلۇپ، ئۇلار يەمامدە ھۈكۈمرانلىق قىلغان.