ئارۇز ۋەزىن

ئورنى Wikipedia

ئارۇز ۋەزنىلىك شېئىرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئۇيغۇر شېرىيىتىنىڭ قەدىمدىن بىرى داۋام قىلىپ كەلگەن، ئەنئەنىۋى، مىللى شېئىرى شەكىللىرىنىڭ بىرى بولغان ئارۇز ۋەزنىلىك شېئىرلارغا دائىر بىلىملەرنىڭ تور دۇنياسىدا يوق دىيەرلىك ئىكەنلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ، شېرىيەتكە قىزىقىدىغان ھەۋەسكارلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش يۈزىسىدىن بلوگىمدا «ئارۇز ۋەزنىلىك شېئىرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە» بېرىشنى توغرا تاپتىم. مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمگىگىم شېئىر يېزىشقا ھەۋەس قىلىدىغان شېرىيەت ھەۋەسكارلىرىغا ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنى چۈشۈنۈش، تەھلىل قىلىش، يېزىش جەھەتتە بەلگۈلۈك نەپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن. 

1. ئۇيغۇر شېرىيىتى ۋەزىن جەھەتتىن ئارۇز ۋەزنى ۋە باماق ۋەزنى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. 

بىزنىڭ ھازىر ئۈگەنمەكچى بولغىنىمىز ئارۇز ۋەزنى بولۇپ، «ئارۇز» سۆزىنىڭ تومۇرى «ئەرۇز»دۇر. بۇ «ئەن»، «كەڭلىك» دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كۆچمە مەنىسى بويىچە شېرىيەت مىزانى (ئۆلچىمى) دىگەنلىك بولىدۇ. 

شېئىر مىسرالىرىدىكى ئۈزۈك، سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاخىرلاشقان(ئۇزۇن، قىسقا) بوغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تەكرارلىنىپ كېلىپ، شېئىردىكى رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان شېرى سېستىما ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىر دەپ ئاتىلىدۇ. 

2. ئارۇز ۋەزنى 11- ئەسىردىن بورۇن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قوللۇنۇلۇشقا باشلىغان. مەسىلەن: 

11- ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» ئارقىلىق بىزگىچە يېتىپ كەلگەن شېئىر-قوشاقلار ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئارۇز ۋەزنىنىڭ ئاساسچىسى ئەرەپ ئالىمى خېلىل ئىبنى ئەخمەتنىڭ «كىتابۇل ئارۇز» ناملىق ئەسىرىدىن كېيىن، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ سەككاكى «ئىلىملەر ئاچقۇچى» (مۇفتاھۇل ئۇلۇم)، ئەلشىر ناۋائى«ۋەزىنلەر مىزانى» (مىزانۇل ئەۋزان) ناملىق ئەسەرلەرنى ئارۇز ۋەزنىدە يېزىپ، ئارۇز ۋەزىنى ئىلمىنى يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يۈكنەكى، لۇتفى، ناۋايى، خىرقىتى، زەلىلى، ئابدۇرېھىم نىزارى، موللا بىلال قاتارلىق مەشھۇر شائىرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان شېئىرى ئەسەرلىرىنى ئارۇز ۋەزنىدە يازغان. بۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېرىيىتىمىزدە ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار ئاز، بارماق ۋەزىندە يېزىلغان شېئىرلار نىسپەتەن كۆپ بولسىمۇ لېكىن ئۇيغۇر شېرىيەت تارىخدا ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ تۇتقان ئورنى چوڭ بولۇپ، ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنى يېزىش بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلارنى يېزىشقا قارىغاندا نىسپەتەن قىيىن. بەلگۈلۈك بىلىم-سەۋىيە، ئەمگەك تەلەپ قىلىدۇ. 

3. ئارۇز ۋەزنى تۆۋەندىكىدەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. 

1). ئارۇز ۋەزنى تىلىمىزدىكى ئۈزۈك ۋە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تەكرارلىنىشىدىن تۈزۈلىدۇ. شۇڭلاشقا ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ بارماق ۋەزىنلىك شىرلارغا قارىغاندا تۇراقلىرى رېتىملىق، ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بەزىدە ئاھاڭلىق شېئىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

2). ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردىكى سۆزلەر ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھەرقايسى بەھىرلىرىنىڭ ۋەزىن تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملار بويىچە مەلۇم قانۇنىيەتلىك تەرتىپتە مىسرالارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ. 

3). بارماق ۋەزنىدە يېزىلغان شېئىرلار تۇراقلارنى ئاساسى بىرلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ تۇراقلىرى بوغۇم ياكى سۆز بويىچە ئايرىلىدۇ. ئارۇز ۋەزنىلىك شېئىرلاردا بولسا تۇراقلار ۋەزىن ئۆلچىمى بويىچە ئايرىلىدۇ. بۇغۇم ياكى سۆز بويىچە ئايرىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. 

4). ئارۇز ۋەزنىلىك شېئىرلارنىڭ ئىنتۇناتسىيىسى رېتىمىنىڭ بىرخىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بىرىنچى مىسراسى قايسى ۋەزىن سىخمىسىدا يېزىلغان بولسا پۈتۈن شېئىر شۇ ۋەزىن سىخمىسىدا يېزىلىشى شەرت. 

4. ئۇيغۇر تىلىدا ئاخىرى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇم ئوچۇق بوغۇم دەپ ئاتالسا، ئارۇز ۋەزنىدە قىسقا بوغۇم دەپ ئاتىلىدۇ. بەلگۈسى( v ) . ۋە + تى + نى ، بەخ + تى، گۈل + گۈ + لىس + تان 

ئۇيغۇر تىلىدا ئاخىرى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇم يېپىق بوغۇم دەپ ئاتالسا، ئارۇز ۋەزنىدە ئۇزۇن بوغۇم دەپ ئاتىلىدۇ. بەلگۈسى(-) . بەخ + تى، گۈل + گۈ + لىس + تان، گۈ + زەل 

(ئىزاھ: قىزىل رەڭ قىسقا بوغۇم، يېشىل رەڭ ئۇزۇن بوغۇم.) 

يەنە مەسىلەن: 

  

جاھان رەنا | لىرى ئىچرە | بىلىمدەك بىر | گۈزەل يار يوق 

{v - - -} 

  

5. ئارۇز ۋەزنىدە بەزى ھاللاردا ئۇچۇق بوغۇملار ئۇزۇن بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى: 

1). ئۇرغۇ چۈشكەن بوغۇملار بىرئاز كۆتۈرۈلۈپ، سوزۇلۇپراق ئوقۇلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا بۇنداق ئۇرغۇلۇق ئوچۇق بوغۇملار ئارۇز ۋەزنىدە ئۇزۇن بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن: 

  

ۋەتەننىڭ باغ | رى پۈركەندى | جۇلا لىق شا | يى ئەتلەسكە 

{v - - -}  


2). ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان شېئىرلار ئارۇز ۋەزنىنىڭ قايسى بەھرىدە يېزىلغان بولسا، شۇ بەھىرنىڭ ۋەزىن تەلىۋى بويىچە بەزى ئۇرغۇسىز ئوچۇق بوغۇملارنىمۇ كۆتۈرۈپ، سوزۇپ، ئۇرغۇلۇق بوغۇم قىلىپ ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا كۆتۈرۈپ، سوزۇپ ئوقۇلغان ئوچۇق بوغۇم ئۇرغۇلۇق بوغۇمبولۇپ ئۇزۇن بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. 

1). ئارۇز ۋەزنىدە مىسرانىڭ ئاخىرىدا كەلگەن ئوچۇق بوغۇم ئۇزۇن بوغۇم بولىدۇ. ئارۇز ۋەزنىدە مىسرانىڭ ئاىىرىدا قىسقا بوغۇم كەلمەيدۇ. ھەتتا بەزى سۆزلەرگە ۋەزىن ئېھتىياجى بىلەن بىر بوغۇم قوشۇلۇپ قالىدۇ. 

ۋەتەننىڭ باغ | رى پۈركەندى | جۇلالىق شا | يى ئەتلەسكە 

{v - - -}    

يەنە مەسىلەن: 

بولمىغاي ئەر | دى جامالىڭ | مۇنچە زىبا | كاشى كى 

بولسا ھەم قىل | غاي ئىدىڭ كۆز | لەردىن ئىخپا | كاشىكى 

-   V   -    | -       -   V -   | -    -   V - | -   - V -

ئارۇز ۋەزنىنىڭ ئاساسى ۋەزىن تۈرلىرى

ۋەزىن دىگىنىمىز شېئىردىكى سۆزلەرنى مۇنتىزىم ئاھاڭغا سالىدىغان ئۆلچەم، قېلىپ دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

ئارۇز ۋەزنىدە ۋەزىندىن مىسرالار ھاسىل بولىدۇ. ۋەزىنلەرنىڭ مەلۇم قانۇنيەتلىك تەرتىپتە تەكرارلىنىشىدىن بەھىرلەر ھاسىل بولۇدۇ. ۋەزىن مىسرا ۋە بەھىرلەرنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسى بىرلىك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

ئارۇز ۋەزنىنىڭ 30 دىن ئارتۇق ۋەزىن تۈرى بار بولۇپ، بۇلار ئەرەپچە مەخسۇس نام بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىككى، بەزى شائىرلىرىمىز ئارۇز ۋەزنىنىڭ ۋەزىنلىرىدىكى ئۇزۇن بوغۇمنى «ناي» ياكى «لاي»بىلەن، قىسقا بوغۇمنى «نى» ياكى «لى» بىلەن ئىپادىلەپ، ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملارنىڭ ھەرخىل تەكرارلىنىشى بىلەن ھاسىل بولغان ۋەزىن سېخىمىسىنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا ئۇيغۇرچە ئىپادىلىگەن.

مەسىلەن:

پائىلاتۇن ۋەزنىنى «ناي نى ناي ناي» ياكى «لاي لى لاي لاي» دەپ، مۇستەپئىلۇن ۋەزنىنى «ناي ناي نى ناي» ياكى «لاي لاي لى لاي»، مەپئىيلۇن ۋەزنىنى « نى ناي ناي ناي» ياكى «لى لاي لاي لاي» دەپ ئىپادىلىگەن.

تىلىمىزدىكى چەت تىلدىن كىرگەن بىر قىسىم سۆزلەردىن باشقا سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ۋەزىنگە چۈشىدۇ. ھەم ۋەزىن ئۆلچىمى بويىچە ۋەزىنداش بولىدۇ. سۆزلەر ئۆز تەركىبىدىكى ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملارنىڭ ئورنىغا قاراپ ۋەزىن تۈرلىرىگە بۆلىنىدۇ. تۆۋەندە ئۇيغۇر شېرىيىتىدە كۆپرەك قوللۇنىلىدىغان ۋەزىن تۈرلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز. ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملارنىڭ سېخمىسىنى سىزىقچە ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى بويىچە بەرسەم توردا قالايمىقان كۆرنىۋالىدىكەن، شۇڭا «ناي نى» ۋە «لاي لى» شەكلى بىلەن بەردىم. توغرا چۈشەنگەيسىلەر.

1. پائىلاتۇن (-V--) ۋەزنى

1-، 3-، 4- بوغۇملىرى ئۇزۇن، 2-بوغۇمى قىسقا بوغۇم بولغان سۆزلەر پائىلاتۇن ۋەزنىگە كىرىدۇ. (ناي نى ناي ناي) ياكى (لاي لى لاي لاي)

مەسىلەن: قاغا- قۇژغۇن، گۈل-گۈلىستان، پەم پاراسەت، ئىتتىپاقلىق، سۇغا سالسام، ئوت يۇرەكلەر، ئىنتىزارلىق، ئاھ ئۇرارمەن، ئوتقا سالسام، دەرد ئەلەملەر، ئاينى ئالسام، يارنى كۆرسەم....

1. ياز كۈنى كۈن | دۈز قىزىق بول | غاي ھاۋا ئىس | سىقتا تار،

ھەر كۈنى ئاخ | شامنى كۆپ جان | خالىغاي بى | ئىختىيار


ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي

لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي


2. ئاھ ئۇرارمەن | ئاھ ئۇرارمەن | ئاھلىرىم تۇت | قاي سېنى

كۆز يېشىم دەر | يا بولۇپ بې | لىق لىرىم يۇت | قاي سېنى


ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي

لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي

ئەسكەرتىش: 2- مىسالدىكى 2- مىسرا، 2- تۇراق « يا بولۇپ بې» تا ئوچۇق بوغۇم 3، يېپىق بوغۇم 1 يەردە كەلگەن. ئۇنداقتا ئوچۇق بوغۇمنى قىسقا بوغۇم دىسەك، يېپىق بوغۇمنى ئوزۇن بوغۇم دىسەك پائىلاتۇن ۋەزنىگە چۈشمەيدىكەنغۇ؟ سىز شۇنداق ئويلىدىڭىز، شۇنداقمۇ؟ سىز خاتالىشىپسىز. بۇ پائىلاتۇن ۋەزنىگە چۈشىدۇ. چۈنكى بىرىنچى بوغۇمدىكى «يا» بوغۇمىنى ئەسلى سۆز «دەريا» بېلەن بېرىكتۈرۈپ تەلەپپۇز قىلساق، «يا» بوغۇمى سوزۇلۇپراق، ئۈنلۈكرەك ئېيتىلىدۇ. دىمەك بۇ بوغۇمغا ئۇرغۇ چۈشىدۇ. ئادەتتە ئارۇز ۋەزنىدە ئۇرغۇ چۈشكەن بوغۇملار ئۇزۇن بوغۇم بولىدۇ. شۇڭا بىز «يا» بوغۇمىنى ئۇزۇن بوغۇم دەيمىز. ئاخىرقى بوغۇم «بې» مۇ يۇقۇرىقىغا ئوخشاش. ئادەتتە ئارۇز ۋەزنىدە ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملاردىن باشقا يەنە ئۇرغۇلۇق بوغۇم ۋە ئۇرغۇسىز بوغۇملارغىمۇ ئالاھىدە ئېتبار بېرىلىپ، ئۇرغۇلۇق بوغۇ ئۇزۇن بوغۇم، ئۇرغۇسىز بوغۇم قىسقا بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ.

2. پائىلۇن ( - V -) ۋەزنى

1-،3- بوغۇملىرى ئۇزۇن، 2- بوغۇمى قىسقا بوغۇم بولغان سۆزلەر پائىلۇن ۋەزنىگە كىرىدۇ. (ناي نى ناي) ياكى (لاي لى لاي)

مەسىلەن: مېھرىبان، ئېھتىرام، مۆھتىرەم،قەھرىمان، كەمبەغەل، كەچقۇرۇن، تاڭسابا، مەرھابا، سىزغۇچۇم، كەپتىرىم، كەمپىرىم....

ئەي ئانا يەر | پاك مۇقەددەس | سەندە بىزنىڭ | جانىمىز،

سۆيگۈ مېھرىڭ | ۋە سۈتۈڭدىن | پۈتتى بىزنىڭ | قانىمىز.


ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي ناي | ناي نى ناي

لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي

بۇ مىسرالارنڭ ئاخىرقى تۇراق پائىلۇن ۋەزنىدە كەلگەن.

3. مەپائىيلۇن( V ---) ۋەزنى

1- بوغۇمى قىسقا، 2-3-4- بوغۇملىرى ئۇزۇن بوغۇم بولۇپ كەلگەن سۆزلەر مەپائىيلۇن ۋەزنىگە كىرىدۇ. (نى ناي ناي ناي) ياكى (لى لاي لاي لاي)

مەسىلەن:

ۋەتەنداشلار، قەلەمكەشلەر، ئۇلۇغ ئىنسان، ئۇغۇل قىزلار، تىيانشاندىن، كۆڭۈلچەكتىن، بۇ كۆلچەكتىن، ئۇلۇغلاردىن....

سەھەر سۈبھى | قۇياشىدەك | گۈزەل رۇخسا | رىغا باقسام،

نىمە ئارمان | ۋۇجۇدۇمنى | ئۇنىڭ پاك باغ | رىغا ياقسام.


نى ناي ناي ناي | نى ناي ناي ناي | نى ناي ناي ناي | نى ناي ناي ناي


4. مۇستەپئىلۇن (-- V -) ۋەزنى

1-،2-،4-، بوغۇملىرى ئۇزۇن، 3- بوغۇمى  قىسقا بوغۇم بولغان سۆزلەر مۇستەپئىلۇن ۋەزنىگە كىرىدۇ. (ناي ناي نى ناي) ياكى (لاي لاي لى لاي)

مەسىلەن: ئىنسانىيەت، ئۇستازىمىز، ھەققانىيەت، ئەستايىدىل، بولغان ئىدىم، كەلگەن ئىدىم، ياتقان يېرىم، بوستانلىرىم، تۇلپارلىرىم، ئۇستازلىرىم، بولغانلىرىم، كەلگەنسىرىم، تۇرغانسىرىم.....

ئارۇز ۋەزنىدە كۆپرەك قوللۇنىلىدىغان ۋەزىنلەرنى تۋەندىكى جەدۋەلدىن كۆرۈڭ.


      سىزىق بەلگىسى ئالماش چىقىۋالدى. شۇڭا سىزىق بەلگىسىنى سولدى ئوڭغا ئوقۇڭ. ۋەزىن نامى بىلەن ئاھاڭ ئىپادىسىنى ئوڭدىن سولغا ئوقۇڭ.                                                                                                     

                   ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە كۆپرەك ئۇچرايدىغان ئارۇز ۋەزنىنىڭ بەھىرلىرى  سىخمىسىرەتۋەزىن نامىسىزىق بەلگىسىئاھاڭ  ئىپادىسى1پائىلاتۇن--V-ناي نى ناي  ناي2پائىلۇن  (پائىلات)-V-ناي نى  ناي3پەئىلاتۇن--VVنى نى ناي ناي4پەئىلۇن-VVنى نى  ناي5مەپائىيلۇن---Vنى ناي ناي  ناي6مەپائىلۇن-V-Vنى ناي نى ناي7مەپائىل  (پەئۇلۇن)--Vنى ناي ناي8پەئۇل-Vنى ناي9مەپئۇل--ناي ناي10مەپئۇلۇن---ناي ناي ناي11مەپئۇلۇV--ناي ناي نى12مۇستەپئىلاتۇن--V--ناي ناي نى  ناي ناي13مۇستەپئىلۇن-V--ناي ناي نى  ناي14مۇپتەئىلۇن-VV-ناي نى نى ناي