ئازات سۇلتان
ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ — ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﺗﮕﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺷﯘﺟﯩﺴﻰ, ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ, ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ, ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ ﯞﻩ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ, ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻟﯘﺷﯜﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ, ﺟﯘﯕﮕﻮ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ, ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﺎﺯﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ, ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ 7- ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﮪﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ, «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻪﻝ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ», «ﺗﺎﺭﯨﻢ», «ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ», «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮪﺮﯨﺮ ﮪﻪﻳﺌﯩﺘﻰ, «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ»ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻣﯘﮪﻪﺭﺭﯨﺮﻯ. ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ 1950-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. 1982-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﻧﻜﻪﻱ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ-ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ. ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ, ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ, ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ, ﭘﯩﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ, ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺷﯘﺟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. 1975-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. 1999-ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ. ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ: «ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ», «ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ», «ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﻪﺳﻰ» (ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ), ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ: «ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺩﻭﺳﺖ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯔ «ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺯﻭﻕ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ـ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ـ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻥ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﮪﺎﻻﺷﺘﺎ 1-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯩﺮﻭﺯﺍ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺮﺍﮔﯧﺪﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﺎﯓ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ 2-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ـ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻥ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﮪﺎﻻﺷﺘﺎ 3-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. «ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺮﻭﺯﺍ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﻩﯞﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﻩﯞﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. «ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ.