ئاسترونومىيىلىك قاراشلار

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ئاسترونومىيىلىك قاراشلار

بىپايان يايلاقتا كۈندۈزى مال، كېچىسى مال ساقلاش بىلەن، كەڭ يېزا - قىشلاقلاردا سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ، ئېتىز - ئېرىق، تېرىم - يىغىم ئىش بىلەن بەند بولۇپ ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىز دائىم تەبىئەتنىڭ، بولۇپمۇ، ھاۋارايىنىڭ ھەرخىل ۋەھىمىلىرىدىن خالىي بولالمىغان. ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ئاساسىدا تەكرار كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇنداق ۋەھىمىلەرنىڭ بەزى ئاسمان جىسىملىرىدا پەيدا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكىنى ۋە ئۇنىڭ مەلۇم قانۇنىيەتكە باغلىنىشلىقىنى ھېس قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەجدادلىرىمىز كۈن، ئاي ۋە بەزى يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ چىقىش - پېتىش قاتارلىق ئۆزگىرىش ھەرىكىتىنىڭ دەۋر قىلىش ۋاقتىنى (بۇرجلۇق ۋاقتىنى) ھېسابلاپ ئېنىقلاپ چىققان ۋە شۇ ئاسمان جىسىملىرىنى پەرقلەندۈرۈپ ئۇلارغا ئايرىم - ئايرىم ئات قويغان. شۇ ئاساستا يىل، پەسىل، ئاي پەرقلىرىنى تېپىپ چىقىش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەت مەزگىللىرىنى بەلگىلىگەن، ئادەتتە ھاۋارايىدا بولىدىغان ئۆزگىرىشنى ئالدىن تەخمىن قىلالايدىغان بولغان، خەلق ئىچىدە مۇنداق خەۋەر قىلىدىغانلار <مۇنەججىم> نامى بىلەن مەشھۇر. 

مۇنەججىملەرنىڭ ھۆكىمە: ئەگەر ئۈكەر (ھۈكەر) (<تۆمۈر قوزۇق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) كۆپىيىپ، ئايغا يېقىنلىشىپ ماڭسا (ھەرىكەتلەنسە) شۇ ئايدا بوران - چاپقۇن ئاز بولىدۇ؛ يەرگە يېقىنلاشسا، كۆكلەم يېقىنلىشىدۇ؛ سۇغا يېقىنلاشسا، يامغۇر - يېشىن كۆپ بولىدۇ؛ قۇرغاق يەرگە يېقىنلاشسا، قۇرغاقچىلىق، تاغقا يېقىنلاشسا، پىژغىرىم ئىسسىق بولىدۇ؛ ئۈكەر ياتسا(كۆرۈنمىسە) تومۇز كىرىدۇ، ئۈكەر تۇغسا، (قايتا چىقسا)، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى توختاپ دان تۇتىدۇ، مېۋىلەيدۇ. ئادەتتە 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7 - ئاينىڭ بېشىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا ئاسمان بوشلۇقىدا ئۈكەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ، بۇ ھالەت تەخمىنەن قىرىق كۈن داۋاملىشىدۇ. بۇ خەلق ئىچىدە <ئۈكەر پاتتى> ياكى <يەرگە چۈشتى> دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئەجدادلىرىمىز ئۈكەردىن كېچىسى يول يۈرگەندە كومپاس ئورنىدا پايدىلىنىپ كەلگەن. ئۇلار ئۈكەرگە قوشنا ئىككى يۇلتۇزنىڭ خۇسۇسىيىتىگە قاراپ بىرىنى <بېلىق يۇلتۇز> يەنە بىرىنى <قوزا يۇلتۇز>؛ ئەڭ ئېگىزدىكى ساتوردىن يۇلتۇز تۈركۈمىنى <ئاقار يۇلتۇز>؛ مېركۇرىي يۇلتۇز تۈركۈمىنى سۈمبىلە (<بۇغداي بېشى>) دەپ ئاتىغان، مۇنەججىملەرنىڭ ھۆكىمى بويىچە: بېلىق يۇلتۇز غۇۋالاشسا، قىش ئاخىرلىشىدۇ، قوزا يۇلتۇز ئۆرلىسە كۆكلەم باشلىنىدۇ؛ تارازا يۇلتۇز تۇغۇلسا، ئىسسىق يېنىشقا باشلاپ، تاڭ سالقىنلىشىپ ئارپا، بۇغداي پىشىدۇ. سۈمبىلە تۇغسا، كۈن كۈزگە تايايدۇ، قىشنىڭ تەييارلىقى باشلىنىدۇ. <سۈمبىلە يېمى، قىشنىڭ غېمى> دېگەن بۇ ماقال شۇ ئادەت ئاساسىدا چىققان. مۇنەججىملەرنىڭ ھۆكىمى بويىچە، كۈن قوتانلاپ خۇنۇكلەشسە قار ياغىدۇ، ئاي قوتانلاپ خۇنۈكلەشسە ئوچۇق كۈن بولىدۇ، يېڭى ئاي تىڭ چىقسا، شۇ ئاي ئىچىدە ھۆل - يېغىن، بوران - چاپقۇن كۆپرەك بولىدۇ، كۆڭۈلسىز ۋەقەلەرمۇ كۆپرەك سادىر بولىدۇ؛ ئۇدۇل چىقسا، كۈن ئوچۇق بولىدۇ؛ كونا ئاينىڭ چىقىشى، يېڭى ئاينىڭ بېشىدا ھاۋارايىدا يا مۇنداق، يا ئۇنداق ئۆزگىرىش بولىدۇ، مۇنەججىملەر بۇنى <توقال> دەپ ئاتايدۇ. بۇنداق ئەھۋال باش ئەتىياز، كەچ كۈزدە كۆپرەك سادىر بولىدۇ. <ئاينىڭ بېشىدىن قورقماي، بەشىدىن قورق> دېگەن ماقال ئەجدادلىرىمىزنىڭ شۇ تەجرىبىسى ئاساسىدا كېلىپ چىققان.

ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەجرىبىسىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، تومۇز مەزگىلىدە كۈن قاتتىق ئىسسىپ كەتسە قىش ئوتتۇرىسىدا قاتتىق سوغۇق بولىدۇ. شەبنەم چۈشسە، كۈن كۈزگە تايايدۇ. قىراۋ كېچىكىپ چۈشسە، كۆكلەممۇ كېچىكىدۇ. مۇنەججىملەرنىڭ يۇقىرىقىدەك ھۆكۈملىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن توغرىلىقى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان. 

ئەجدادلىرىمىزدا باشقا مىللەتلەردىكىگە ئوخشاش ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھاۋارايىغا بولغان تەسىرىگە قارىت ئۇلارنى ياخشىلىق - يامانلىققا سىمۋول قىلىش ئەقىدىسى كېلىپ چىققان. كۈن، ئاي توغرىسىدا ناھايىتى ئوبرازلىق رىۋايەتلەر توقۇلغان. ئەجدادلىرىمىز كۈننى يەر يۈزىدىكى بارلىق ھاياتلىقنىڭ، ئاينى تۈن چىرىغىنىڭ سىمۋولى؛ مارىسنى، جۈملىدىن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى يامانلىققا ( ئۇ چىققاندا ھەرخىل بالايىئاپەت بولىدۇ دپ قارىلىدۇ)؛ ۋېنرا (چولپان) نى شادىيانىلىققا؛ مېركۇرىي (سۇ يۇلتۇز) نى پاراۋانلىققا؛ پۇپېتىر (ئوت يۇلتۇز) نى بەخىتكە؛ مىرىخ (شامال يۇلتۇز) نى شادىيانىلىققا؛ مېركۇرىي (سۇ يۇلتۇز) نى پاراۋانلىققا؛ يۇپېتىر ( ئوت يۇلتۇز) نى بەخىتكە؛ مىرىخ (شامال يۇلتۇز) نى پالاكەتچىلىككە؛ ئاتارود (سۇ يۇلتۇز) نى باياشادلىققا سىمۋول قىلغان ۋە مۇشۇ ئاساستا ھاۋادا بولغۇسى ئۆزگىرىشكە روھىي ھازىرلىق كۆرۈپ ئادەتلەنگەن. ئاي، كۈن توغرىسىدىكى رىۋايەتتە مۇنداق ھېكايە قىلىنىدۇ: 

<ئەلمىساقتا كۈن بىلەن ئاي قوشكېزەك ئىكەن، كىچىكىدىن ئايرىلماي چوڭ بولغانىكەن. ئۇلار پەرىزاتتىنمۇ چىرايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن چوڭ بولغانسېرى چىراي تالىشىپ قىزغىنىشىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئىككىسى >سەندىن مەن چىرايلىق< دەپ جودالىشىپ، ئاچچىقلىرىغا پايلىماي يۈزلىرىگە قوغ چېچىشىپتۇ، كۈن شۇئان يۈزىنى سۈرتۈۋاپتۇ، يۈزى ۋاللىدە ئېچىلىپ بۇرۇنقىدەك نۇر چاقناپتۇ، ئاي ئالاقىزادىلىكتە يۈزىنى شۇئان سۈرتەلمىگەنكەن، يۈزى داغلىشىپ پارقىرىماس بولۇپ قاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ئاداۋەتلىشىپ كۈن ئالدى بىلەن كۈندۈزى ئاسمانغا چىقىپ كېتىپتۇ، ئاي ئارقىسىدىن كېچىسى چىقىپتۇ. كۈن كۈندۈزنى، ئاي كېچىنى يورۇتىدىغان بولغانىكەن>. ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايە - چۆچەكلىرىدە قىز - ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئاي بىلەن كۈنگە ئوخشىتىلىپ <ئاي دېسە، ئاغزى بار، كۈن دېسە، كۆزى بار> دەپ تەسۋىرلىنىدۇ، روشەنكى، بۇنىڭغا ئاشۇ رىۋايەتنىڭ روھى سىڭدۈرۈلگەن. 

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ ساددا ئاسترونومىيىلىك قارشى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆزىتىش ئەمەلىيىتىدىن كەلگەن ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان.