ئاشلەڭپۇڭ

ئورنى Wikipedia


ئاشلەڭپۇڭ پۇرچاق ئۇنى، تۇز، سۇ، ئاچچىقسۇ، تۇخۇم خۇرۇچى، سامساق قىيامى، كۈنجۈت قېتىقى، قىزىلمۇچ قىيامى، كۈدە ۋە قىلياشلار مۇۋپىق مىقداردا قاتارلىق ماتېرىياللاردىن تەييارلىندۇ.

 

كېرەكلىك ماتېرىياللار[تەھرىرلەش]

8پارچەئاشلەڭپۇڭپۇرچاق ئۇنى بىر كىلوگرام ، تۇز 100 گرام، سۇ بىر لىتىر، ئاچچىقسۇ 100 گرام، تۇخۇم خۇرۇچى 100 گرام، سامساق قىيامى بىر قوشۇق، كۈنجۈت قېتىقى بىر قوشۇق، قىزىلمۇچ قىيامى 20 گرام، كۈدە ۋە قىلياشلار مۇۋپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

1. قازانغا بەش لىتىر سۇ قۇيۇپ، تۇز سېلىپ قاينىتىمىز.

2. ئۇننى سوغۇق سۇغا تۆكۈپ ئىلەشتۈرۈپ، ئۇنى قايناق سۇغا ئاۋايلاپ تۆكۈپ، سۇس ئوتتا پىشۇرىمىز.

3. ئارىلاشمىدىن كۆپۈك چىقىشقا باشلىغاندا، ئۇنىڭغا ماي سۈركەپ قاچىغا قۇيىمىز. بۇ ئارىلاشما لەڭپۇڭ دەپ ئاتىلىدۇ.

4. ئارىلاشمىنى بىر سوتكا قويۇپ ئۇيۇتىمىز.

4. ئىنچىكە تارتىپ سوزۇلغان لەڭمەن پىلتىسىنى مايلاپ، تەخسىلەرگە 200 گرامدىن سالىمىز. ئۈستىگە ئىنچىكە قىلىپ قىرىپ چىققان لەڭپۇڭنى 150 گىرامدىن سالىمىز. ئۇنىڭغا ئاچچىقسۇ، تۇخۇم خۇرۇچى، سامساق قىيامى، كۈنجۈتلۈك قېتىق، قىزىلمۇچ قىيامى، كۈدە ۋە قىلياشلارنى قوشىمىز. يۇقىرىدىكى قىياملارغا ئالدىدا قايناق سۇ قۇيۇپ قويىمىز.

5. كۈنجۈتلۈك قېتىق، تۇخۇم خۇرۇچى، سامساق قىيامى، ماش پۇرچاق ئۇنى قېتىقلىرى تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللاردا تەييارلىنىدۇ :

كۈنجۈتلۈك قېتىق تەييارلاش ئۇسۇلى : 100 گرام كۈنجۈتنى قىزدۇرۇپ تەييارلانغان قۇرغاق تاۋىدا قورۇۋالىمىز، ئاندىن ھاۋانچىدا سوقۇپ، %3 لىك ئاچچىقسۇ بىلەن بىللە يۇمشىتىمىز. بۇ ئاشلەڭپۇڭنىڭ ئاساسلىق قوشۇلمىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

تۇخۇم خۇرۇچى تەييارلاش : 300 گرام ئۆسۈملۈك ماينى چۈچۈتۈۋېلىپ، ئۇنىڭغا 200 گرام باشپىياز سېلىپ قورۇۋالىمىز ھەمدە باشقا كۆكتاتلاردىنمۇ 100 گرامدىن قوشۇپ قويىمىز. تۇز ۋە مۇچلارنى مۇۋاپىق سېلىپ ، پەمىدۇر قىيامىدىن 100 گرام قوشۇپ قورۇيمىز. ئون دانە تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇنىڭغا تۇز سېلىپ ئېلەشتۈرۈۋالىمىز . پىيازنى ياخشى قورۇۋېلپ ، ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز. ئاندىن ئىلەشتۈرۈپ تەييارلىۋالغان تۇخۇمنى ئاستا قۇيىمىز. خۇرۇچ قاينىغاندىن كېيىن ئېلەشتۈرگەچ ئالدىن تەييارلىۋالغان سوغۇق سۇغا چىلانغان ماش ئۇنىنى تۆكىمىز. سۇس ئوتتا ئون مىنۇت قاينىتىپ، قاچىغا ئېلىپ سوۋۇتىمىز. 20 گرام كاپۇستىلارنى ئۇششاق توغراپ قورۇۋېلىپ تۇخۇم خۇرۇچىغا قوشىمىز. كۆكتاتلارنىڭ مىقدارى قورۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ماكەينىدىن خۇرۇچىغا قوشىمىز. ھەر بىر تەخسە لەڭپۇڭغا 3 – 2 قوشۇق خۇرۇچ قۇيىمىز.

سامساق قىيامى تەييارلاش : سامساقنى ئاقلاپ، ئاندىن ئۇششاق چاناپ پىيالىگە قۇيىمىز. 100 گرام ئۆسۈملۈك ماينى چۈچۈتۈۋېلىپ، ئۇنىڭغا قۇيۇپ ئىلەشتۈرىمىز. ئاندىن سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ قوشۇپ تۇرغۇزىمىز. ھەر بىر تەخسە لەڭپۇڭغا بىر قوشۇق سامساق قىيامى قۇيىمىز.