ئاففانلار
اففانلار ئاففانىستاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئاففانلار ئەمەلىيەتتە پۇشتۇلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئاساسەن ئاففانىستاننىڭ شەرقى يەنى ھىندىقۇش تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاففانلار ئومۇمىي نوپۇسى 12 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 47 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، ھازىر پاكىستان تەۋەسىدە 1 مىليوندەك ئاففان بار. ئاففانلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - پامىر تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە دەرى (ئاففان) تىلىنى قوللىنىدۇ. ئاففانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز قىسمى (ئاساسەن تۆرىلەر) شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاففانلارنىڭ 71 پىرسەنتى دېھقانچىلىق بىلەن، 20 پىرسەنتى يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا بۇغداينى ئاساس قىلغان ھالدا، ئارپا، شال، كۆممىقوناق، كېۋەز، قىزىلچا ۋە پۇرچاق تېرىلىدۇ، چارۋىچىلىقتا قوي، كالا، ئات بېقىلىدۇ. ئاففانلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادىدىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى نەچچە ئەسىر داۋامىدا سۇلايمان تاغلىق رايونىدىن ھىندى دەرياسى ۋادىلىرىغا كۆچۈپ كەلگەن پارس تىلىدا سۆزلىشىدىغان كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر ئىدى. ئۇلار دەسلەپ سۇلايمان تاغلىق رايونىدا ياشاپ، Ⅹ - Ⅺ ئەسىرلەرگە كەلگەندە، كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي تېرىقچىلىق تۇرمۇشىغا كۆچكەن ھەمدە ھازىرقى ئاففانىستاننىڭ غەربىي شىمالىي ۋە شەرىقى جەنۇبىي رايونىغا كېڭەيگەن، ئۇلار تەرەققىيات داۋامىدا، تاجىك، ھىندى، ۋە تۈرك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى قوبۇل قىلىپ، ئاففانىستاندىكى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ئاففانلار ئاساسەن دۇرانىنلار ۋە غىلزايلاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارماققا بۆلۈنىدۇ. ئاففانلار بۇغداي بىلەن كۆممىقوناقنى ئاساسىي ئوزۇق، قوي گۆشى بىلەن كۆكتاتلارنى قوشۇمچە يېمەكلىك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مىللىي غىزالىرىدىن - شورپا بىلەن تونۇر كاۋىپى بىر قەدەر مەشھۇر. ئاففانلار مەۋلۇد، قۇربان ھېيىت، روزا ھېيىت، ۋە ئاشۇرا، مىراج، قەدرى كېچىسى قاتارلىق دىنىي بايراملىرىدىن باشقا يېڭى يىل يەنى باھار بايرىمى (نورۇز) نى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ، ئادەتتە بۇ بايرام مىلادى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى باشلىنىپ 15 كۈندەك داۋام قىلىدۇ. ھېيىت - ئايەم كۈنلىرى تېكە (ئۆچكە) ئۈسۈشتۈرۈش، ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى، كۈچ سىنىشىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئاففانلار مەرد، مېھماندوسىت كېلىدۇ. ئۆيىگە كەلگەن مېھماننى ئاۋۋال چاي، ئاندىن چىلىم (تاماكا)، ئاخىرىدا غىزا بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. ئاففانلارنىڭ چىلىمى ئادەتتە مىس ياكى ئەينەكتىن ياسىلىدۇ، بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە 4 - 5 ئادەم تاماكا تارتىشقا بولىدىغان نەيچىلىرى بولىدۇ. ئاففانلار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا <ئەسسالامۇ ئەلەيكوم>دەپ سالام بېرىدۇ، بەزىدە ئوڭ قولىنى ماڭلىيىغا تەككۈزۈپ تازىم قىلىشىدۇ. ئاففانلار ئاق رەڭنى مۇقەددەس، ئۇلۇغ بىلىدۇ، شۇڭا ھەر يىلى تۇنجى قار ياغقان چاغدا ئۇنى <قۇتلۇق قار>، <خاسىيەتلىك قار> دەپ قاراپ، قارلىق تاشلاش (ئاففانچە <بارخى>دەپ ئاتىلىدۇ) ئادىتى بار. ئاففانلار مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرى ئانچە راۋاج تاپمىغان بولۇپ، ساۋاتسىزلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.