ئاقساراي (ئامىرىكا جۇمھۇر رەئىسىنىڭ تۇرالغۇسى)

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
ئاقساراينىڭ ئالدى كۈرۈنىشى

ئاقساراي ئامىرىكا فىدىراتىسىيە مەركىزى ھۈكۈمىتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى، شۇنداقلى ئامىرىكا جۇمھۇر رەئىسىنىڭ ئاممىۋى تۇرالغۇسى. بۇ يەردە دۇنيغان تەسىر كۈرسىتدىغان چوڭ چوڭ قارارلار چىقىرىلدۇ.

ئاساسى ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئاقساراي تەكشىلىك خەرىتىسى
دونلاد ترامپ ئاقسارايدا ھىندىستان باش ۋەزىرى مودىنى قارىشى ئالماقتا

قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى: يېڭچە كىلاسسىك

ئادىرىسى: غەربى شىمال پېنسىلۋانىيە كوچىسى 1600 نۇمۇر، ۋاشىڭتون د س، ئامىرىكا

پوچتا نۇمۇرى: 20500

ھازىرقى تۇرۇۋاتقان شەخىس: دونالد ترامپ

ياسىلىش تارىخى[تەھرىرلەش]

ئامېرىكىدىكى ئاقساراي كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان سارايلارنىڭ بىرى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ساراي ئۆتمۈش بىلەن رېئاللىقنى تۇتاشتۇرىدىغان سىرلىق ئىمارەت ، دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن تۈرلۈك مۇھىم قارارلار مۇشۇ يەردە ماقۇللانغان. ئامېرىكىنىڭ ئەينى چاغدىكى زۇڭتۇڭى جورجى ۋاشىنگتون 1792-يىلى زۇڭتۇڭ سارىيى سېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. زۇڭتۇڭ سارىيى ئۇنىڭ نەزىرىدە پۇقرالارنىڭ چاكىرى تۇرىدىغان تۇرالغۇ بولغاچقا، چوقۇم ئاددىي-ساددا، كەڭرى، مۇستەھكەم، كۆركەم، كىشىگە دۆلەتنىڭ كۈنسىېرى يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىكەن. ۋاشىنگىتون بۇ ھەقتە توققۇز لايىھەنى كۆرۈپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىرېلاندىيەلىك ياش ئىنژېنېر جامۇس خېبىننىڭ قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ياقتۇرغان. خېبىن ۋاشىنگتوننىڭ تەكلىپى بويىچە زۇڭتۇڭ سارىيىنى ئۈچ قەۋەتتىن ئىككى قەۋەتكە، توققۇز تۈۋرۈكنى كېڭەيتىپ 11 گە ئۆزگەرتكەن، ئەمما ۋاشىنگتون زۇڭتۇڭ سارىيىنىڭ پۈتۈشىنى كۈتۈپ تۇرالمىغان. ئۇ 1799-يىلى 14-دېكابىر ۋاپات بولغان، ساراي 1800-يىلى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان. ئەينى چاغدا يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭ جون ئادامىس ۋاقىتلىق پايتەختنى ۋاشىنگتونغا يۆتكەش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ ئۈچىنچى بولۇپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭى توماس جېففېرسون دېموكراتىيەنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولغاچقا، ئاقساراينى پۇقرالارغا ئېچىۋەتكەن، ھەر قانداق پۇقرا ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان.

ئامېرىكىنىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جامۇس مادىسون ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە، ئەنگلىيە-ئامېرىكا ئۇرۇشى پارتلىغان. ئەنگلىيە ئارمىيەسى 1814-يىلى 24-ئاۋغۇست شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىي دېڭىز قىرغىقىدىن ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ۋاشىنگتوننى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. زۇڭتۇڭ جېففېرسون ئەر-ئايال ئاقسارايدىن ئەڭ ئاخىردا ئايرىلغان. بۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سارىيىنىڭ تۇنجى قېتىم دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيە ئارمىيەسى سارايغا ئوت قويۇۋەتكەندە، بەختكە يارىشا يامغۇر يېغىپ، ساراينى ۋەيران بولۇشتىن ساقلاپ قالغان، بىراق تام ئىستا قارىداپ كەتكەن. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىنژېنېر خېبىن قايتىدىن تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ ساراي تېمىنى ئاق سىردا سىرلىغان. ساراي ئەسلىھەلىرىمۇ تەدرىجىي تولۇقلانغان، 1834-يىلى زۇڭتۇڭ سارىيىنىڭ سىرتتىن سۇ توشۇپ ئىشلىتىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەن، 1853-يىلى ئىسسىنىش ئەسلىھەسى ئورنىتىلغان، 1877-يىلى كۇتۇپخانا تەسىس قىلىنغان، 1882-يىلى لىفىت ئورنىتىلغان. زۇڭتۇڭ سيودور روزۋېلت 1902-يىلى ئاقساراينىڭ ئىش بېجىرىش رايونى بىلەن تۇرمۇش رايونىنى ئايرىۋەتكەن. ئۇ ھەيۋەتلىك ئاقساراينى ئامېرىكىنىڭ سىمۋولى قىلىشنى ئارزۇ قىلغان. كېيىن ئامېرىكىنىڭ مېيىپ زۇڭتۇڭى فىرانكلىن روزۋېلت 1933-يىلى دۇنياغا داڭلىق «ئېللىپس شەكىللىك زۇڭتۇڭ ئىشخانىسى»نى ياساتقان.

مەنبە[تەھرىرلەش]

جوڭگو ئۇيغۇرچە رادئىيو تورى http://www.uycnr.com/zl/gjhdq/201405/t20140515_785971.html