ئاقسۇ ئاي كۆلدىكى مەدەنىيەت ئىزلىر
ئاقسۇ ئايكۆلدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى
يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى
ئاقسۇ — تارىخى ناھايىتى ئۇزاق بىر قەدىمىي جاي. ئالاھازەل قىياس بۇنىڭدىن7000-6000 يىللار ئىلگىرى ئۇ يېڭى تاش قورال دەۋرىگە كىرگەن. بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرى ئاقسۇ بوستانلىقىدا ئەجدادلىرىمىز چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىنى ياراتقان ۋە شەھەر - قەسەبىلەرنى بەرپا قىلىپ، شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. تارىخىي قەيتلەر ۋە ئارخېلوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر ھازىر بۇنى داۋاملىق ئىسپاتلىماقتا. ئايكۆل قەدىمكى مەدەنىيەت رايونى ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەپسۇس، ئۇ تېخى ئاۋۋالقى ھالىتى بويىچە بىتەتقىق تۇرماقتا. بۇ ماقالە ئەنە شۇ سەۋەب تۈپەيلى يېزىلدى.
ئايكۆل ۋە «ئايكۆل» كەلىمىسىنىڭ تەگ تەۋەلىكى
بۈگۈنكى ئاقسۇ شەھىرىدىن ئاقسۇ - قەشقەر تاشيولى (تۆمۈريولى)نى بويلاپ كۈن ئولتۇرۇش تەرەپكە قاراپ تەخمىنەن 60 چاقىرىم يول يۈرسەك ئايكۆل دېگەن يەرگە كېلىمىز. ئايكۆل — ئاقسۇ شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا بولۇپ، خەرىتىدىكى ئورنى شەرقىي مېرىدىئان 97°93′-08°01′ بىلەن شىمالىي پاراللېل 04°22′-14°11′ ئارىلىقىدا. ئايكۆل بازىرى شەرقتە ئاقسۇ كونا دەرياسى، غەربتە كەلپىن ناھىيىسى، جەنۇبتا ئاۋات ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى، شىمالدا ھىنگان تاغ تىزمىلىرى ئارقىلىق ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئاقيار يېزىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى 94 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان ئەڭ كەڭ يېرى 32 كىلومېتىر كېلىدۇ.ئايكۆل — مىلادىيە 11 - ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» دېگەن كىتابىدا:«<ئۇچ>قا يېقىن بىر يەرنىڭ ئېتى» ① م.قەشقەرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984 - يىلى نەشرى 3 - توم، 186 - بەت. دەپ قەيت قىلىنغان تارىخى ئۇزۇن بىرقەدىمىي يۇرت. مەھمۇد قەشقەرى تىلغا ئالغان «ئۇچ» بۈگۈنكى ئۇچتۇرپان، «ئايكۆل» بولسا بۈگۈنكى ئايكۆلدۇر. بۇ يەرنىڭ مۇشۇنداق دەپ ئاتىلىپ قېلىشىغا نېمىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش تېخى ھازىرغا قەدەر ھېچكىمگە نېسىپ بولمىغان ۋە تېخىچە ئاق تۇرىۋاتقان بىر تەتقىقات تېمىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ «ئاي» ۋە «كۆل» دېگەن ئىككى ئۇيغۇرچە ئىسىمنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان خاس بىر ئىسىم ئىكەنلىكى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم. ئايكۆل — ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق مەشھۇر بىر قەدىمىي بازار، ئۇ يەردە ئاتاغلىق ئايكۆل مەۋلانەم مازىرى بار. بۇ مازار — ئايكۆل بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ شەرقى تەرىپىگە بىر كىلومېتىر يەردە بولۇپ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 08°80′10″، شىمالىي كەڭلىك 04°45′5″ قا جايلاشقان. ئۇ مىلادىيە 14 - ئەسىردىكى مەشھۇر ئىسلام ئالىمى خاجە ئەبۇھەفز كەبىرىنىڭ ئوغلى، كۇچادىكى مەۋلانا ئەرشىددىن خۇجىنىڭ ئاتىسى ھەزرىتى مەۋلانا جالالىددىن كىتىكىنىڭ قەبرىگاھىدۇر. «تارىخى رەشىدىي»، «چىڭگىزنامە» ۋە «ئايكۆل مەۋلانا تەزكىرىسى» قاتارلىق تارىخىي ۋەسىقىلەردە موڭغۇل نەسلىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئايكۆلدە جالالىددىن ھەزرەتكە مۇلاقات بولۇپ، مۇسۇلمان بولغانلىقىغا دائىر ۋەقەلەر سۆزلىنىدۇ. تۇغلۇق تۈمۈرخاننىڭ ئايكۆلدە مۇسۇلمان بولۇشى پۈتكۈل ئىسلامىيەت دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقە بولۇپ، ئۇ يۇقىرىقى كىتابلاردىن ئېلىنىپ تا ھازىرغىچە يېزىلغان شىنجاڭ تارىخى، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى، ئىسلام تارىخى ۋە ئۇيغۇر تارىخلىرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.«ئايكۆل» نامىنىڭ تەگ تەۋەلىكى ھەققىدە كىشىلەر ئارىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت بار: نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، بىر زامانلاردا مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇپ، رامىزان ئاخىرلاشقاندا، ئاسماندا ئاي كۆرۈنمەپتۇ. قائىدە بويىچە، ئاسماندا كۆرۈنگەن ئايغا قاراپ، ھېيت نامىزى ئۆتەيدىغان ۋاقىتقا ھۆكۈم قىلىدىكەن. بىر ھۆكۈما ئاي كۆرۈنمىدى، قانداق قىلىمىز؟ دەپ ئۆزىدىن سورالغان بىر سوئالغا: كۆلگە بېقىڭلار، كۆلدە كۆرۈنگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ جاۋاب بەرگەن. دېگەندەك قارىسا ئاي كۆلدە كۆرۈنگەن. شۇنىڭ بىلەن ھېيت نامىزى ئۆتەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ يەرنىڭ ئېتى «ئايكۆر» دېيىلىدىغان بولغان. كېيىنچە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «ئايكۆر» سۆزى «ئايكۆل»گە ئۆزگەرگەن. بۇ رىۋايەتنىڭ يەنە بىر خىل ۋارىيانتى بار: ئۇنىڭدا قەيت قىلىنىشىچە، قەدىمكى زامانلارنىڭ بىرىدە شۇ يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان روزى ھېيتى بولىدىغان كۈندە يېڭى ئاينىڭ كۆرۈنۈشىنى كۈتۈپ قاپتۇ. كىشىلەر رامىزاننىڭ 36 - كېچىسىدە ئاندىن كونا بازار مەۋلانەم مەسچىتى يېنىدىكى كۆلدىن يېڭى چىققان ئاينىڭ شولىسىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قان قىلىپ كېچىكىپ كۆرۈنگەن ئاينىڭ خاسىيىتى بىلەن روزا ھېيت نامىزىنى ئۆتەپتۇ. كېيىن كىشىلەر بۇ غەلىتە ھادىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ يەرنى «ئايكۆل» دەپ ئاتاپتۇ ① «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 26 - بەت، خەنزۇچە. «ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 166 - بەت، خەنزۇچە. . بۇ رىۋايەت قانچىلىك چىنلىققا ئىگە بولۇش - بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، بىز گېپىنى قىلىۋاتقان بۇ يەرگە «ئايكۆل»نىڭ قانداق قىلىپ نام بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە بىزنى مەلۇم ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. دېمىسىمۇ، «ئايكۆل» ئۆز ئىسمىدىن مەلۇم بولغاندەك مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەلىمىگە ئېلىنىشتىن بۇرۇنلا تۈرك يۇرتىدىكى مەشھۇر كۆللەرنىڭ بىرى ئىدى. مەھمۇد قەشقەرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ كول (KθL) بۆلۈكىدە ئايكۆلنى «اى كول» شەكلىدە يازىدۇ ۋە بارىسىغاندىكى ئىسسىق كۆل، قەشقەر تاغلىرىدىكى كورۇڭ كۆل، قوچقار باشى يېنىدىكى سىزىڭ كۆل، كۇچا بىلەن كۆڭۈت ۋە ئۇيغۇر چېگرىسىدىكى يۇلتۇز كۆل، ئىككى ئوگۇز چېگرىسىدىكى تەرىڭ كۆل قاتارلىق تۈرك شەھەرلىرىدىكى كۆللەر قاتارىدا تىلغا ئالىدۇ ھەم «بۇ كۆللەردىن ھەربىرىنىڭ ئەتراپى قىرىق ياكى ئوتتۇز پەرسەخ كېلىدۇ. تۈرك شەھەرلىرىدە بۇنداق كۆللەر كۆپ. مەن پەقەت ئىسلام شەھەرلىرىدىكى كۆللەرنىڭ چوڭلىرىنىلا كۆرسەتتىم» دەيدۇ ② مەھمۇد قەشقەرى:«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984 - يىلى 1 - ئاي 1 - نەشرى، 3 - توم، 186 - بەت. .ئايكۆلنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن، ھىجرىيە 747 (مىلادىيە 1347) - يىلى شەرقىي چاغاتاي خانى تۇغلۇق تۈمۈرخان يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكۈنىمىزدەك، ئوتتۇرا ئاسىيالىق ھەزرەتى مەۋلانا جالالىددىن كىتىكىنىڭ دالالىتىدە ئايكۆلدە ئىسلام دىنىغا كىرىپ مۇسۇلمان بولغان. «ئاقسۇ شەھىرى تەزكىرىسى» قاتارلىق يېقىندىن بېرى يېزىلغان بەزى كىتابلاردا ئاقسۇلۇقلارنىڭ مۇسۇلمان بولغان ۋاقتىنى ئەنە شۇ چاغدىن باشلايدۇ. بۇ بىر چوڭ خاتالىق. ئەمەلىيەتتە ئايكۆل (ئاقسۇ) خەلقى قاراخانىيلار دۆلىتى ۋاقتىدىلا ئىسلامىيەتكە مۇشەررەپ بولغانىدى. موڭغۇل ئىستېلاسى مەزگىلىدە ۋە سەئىدىيە خانىدانلىقى زامانلىرىدا ئايكۆل ناھايىتى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن بوپقالدى ۋە نۇرغۇنلىغان ھەربىي، سىياسىي، دىنىي ۋەقەلەرنىڭ سەھنىسىگە ئايلاندى. مىلادىيە 17 - ئەسىردە ھىندىستاندىكى سوپىزم ئىلاھىيەتشۇناسى ۋە دىنىي داھىي ھەزرىتى مۇجەددىد ئالف سانى ئىمام رەببانى شەيخ ئەخمەد فەرۇخى سىرھىندى (مىلادىيە 4261-4651)نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تەسەۋۋۇپچىلىق مەزھىپى 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئايكۆلگە تارقىلىپ ئايرىم بىر سىستېمىنى شەكىللەندۈردى. شىنجاڭدىكى تۇڭگانلارنىڭ خۇپىيە سۈلۈكى رىۋايەتلىرىدە «ئايكۆل سىستېمىسى» ئەلى ئاخۇن (تولۇق ئىسمى ھەزرىتى قۇتۇب ئەلفىل ئوسۇرى ۋەلىيۇل ئىشان مۇھەممەد ئەلى ئاخۇن شەيخ رەخمىتۇللا ئەلەيھى) ئىسىملىك دىن تارقاتقۇچىنىڭ ھىندىستاندىن ئايكۆلگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، مەدرىسە سالدۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە دىن تارقىتىشى بىلەن شەكىللەنگەن دېيىلىدۇ ① ھاجى نۇرھاجى:«شىنجاڭ ئىسلام تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1995 - يىلى 11 - ئاي 1 - نەشرى، 472 بەت، ئۇيغۇرچە. . 19 - ئەسىردە، يەنى ھىجرىيە 1222 (مىلادىيە 1807) - يىلى شۇ دەۋردىكى رېئالىزملىق ئەدەبىياتنىڭ داڭلىق ۋەكىلى، ئاتاغلىق شائىر، تارىخچى، تىلشۇناس موللا شاكىر (ۋاپاتى مىلادىيە 1868 - يىلى) ئايكۆلدە موللا تاھىر كارۇك لەقەملىك ئوقۇمۇشلۇق بىر كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. قەيىتلەرگە كۆرە، ئۇنىڭ دادىسى موللا تاھىر كارۇك، بوۋىسى شاربان مۇنىشى (كاتىپ)، چوڭ بوۋىسى مىرزا مۇزەففەرلەر ھاللىق، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئىدى. موللا شاكىر ھىجرىيە 1283 (مىلادىيە 1866) - يىلى چىڭ سۇلالىسى ۋە مانجۇ ئىستىبدات ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆتۈرۈلۈپ چىققان ھىجرىيە 1281 (مىلادىيە 1864) - يىلىدىكى راشىددىن خوجا باشچىلىق قىلغان كۇچا دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاتىغان مەشھۇر ئىپىك داستان «زەفەرنامە»نى 61 يېشىدا يېزىپ چىقتى. شائىر ۋە شائىرنىڭ بۇ ئۆلمەس ئەسىرى 19 - ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك ناماياندىسى سۈپىتىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يۇرتى بولغان ئايكۆل خەلقى ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىپ كەلمەكتە.ئايكۆل چىڭ سۇلالىسى زامانىسىدا ئونسۇغا تەۋە ئىدى. 1902 - يىلى بۇ يەردە ئونسۇغا قاراشلىق 19 كەنت تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 2 (1913) - يىلى ئاقسۇ ناھىيىسىگە قارام بولۇپ، بۇ يەردە ئايكۆل، ياڭئېرىق (بۈگۈنكى ئاۋات ناھىيىسىدە)، قوش قۇدۇق قاتارلىق بەش يېزا قۇرۇلغان. مىنگونىڭ 33 (1944) - يىلى بىر بازار، ئۈچ يېزا، 13 باۋ، 120 جيا قۇرۇلغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن باۋجيا تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا بەش يېزا 20 مەمۇرىي كەنت قارام بولغان. 1953 - يىلى ئاقسۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت مەمۇرىي رايونلارنى تەڭشىگەندە ئۇنى ناھىيىگە قاراشلىق 7 - رايون قىلىپ ئۆزگەرتكەن ھەم غالىبىيەت، پايناپ، سايئېرىق، خاڭگۇڭ ۋە ساجىڭزا قاتارلىق 5 يېزا ئۇنىڭغا تەۋە بولۇپ، ھەرقايسى يېزا - كەنتلەردە ئالىي كوپىراتىپ قۇرۇلغان. 1958 - يىلى خەلق كوممۇنىسى قۇرۇش يولغا قويۇلغاندا ئاۋۋالقى بۇ 7 - رايون 6 - رايون قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ۋە ھۆكۈمەت - كوپىراتىپ بىرلەشكەن ئايكۆل غالىبىيەت خەلق كوممۇنىسى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا 5 باشقۇرۇش رايونى، 20 ئىشلەپچىقىرىش دۈيى قارام بولغان. 1966 - يىلى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئايكۆل خەلق كوممىسىنىڭ چاچى دادۈيى ئايكۆلدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ ئاقسۇ ناھىيىسىگە قاراشلىق «شەرق قىزاردى» ناملىق چېگرا رايونغا ياردەمگە كەلگەن ياشلار مەيدانى بولۇپ قۇرۇلغان. 1969 - يىلى كوممۇنا باشقۇرۇش كومىتېتى «ئىنقىلابى كومىتېت»قا ئۆزگەرتىلگەن. 1971 - يىلى ئۇنىڭ «كوممۇنا» دېگەن نامى «جىنچاۋ خەلق كوممۇنىسى» (ئالتۇن كۆۋرۈك دېگەن مەنىدە)غا ئۆزگەرتىلگەن. 1984 - يىلى ئايكۆل يېزىسى ئايكۆل يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى بولۇپ قۇرۇلغان. «تارىخى رەشىدىي»نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىلار ئۇنىڭدا ئۇچرايدىغان «ئايكۆل»نى 拜古尔 شەكلىدە مۇقىملاشتۇرغان ھەم ئۇنىڭغا «ئۇ جاينىڭ ھازىرقى خەرىتىدىكى ئورنىدىن قارىغاندا ئېھتىمال ئاقسۇنىڭ يېنىدىكى ئويكول (Oikul) بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئىزاھات بەرگەن ھەمدە ئۇنى 愕依库尔 دېگەن خەت شەكلى بىلەن تۇراقلاشتۇرغان. ئارخىلوگ خۇاڭ ۋىنبى «تارىم ۋادىسىدا ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى» دېگەن كىتابىدا «ئايكۆل»نى 阿音柯尔 شەكلىدە يازىدۇ. بۇ ئالدىنقى تەرجىمىسىگە قارىغاندا كۆپ توغرا بولۇپ، «ئايكۆل» تەلەپپۇزىنى خەنزۇچىدا توغرا ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان تىرىشچانلىق بولسىمۇ، 1989 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن خەنزۇچە يېزىلىدىغان 阿音柯 دېگەن بۇ ئىسىم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزىنى ساقلىغان ھالدا 阿依库勒گە ئۆزگەرتىلدى ۋە مەنىسى خەنزۇچە «月亮湖» دەپ بېكىتىلدى. بۇ يېزا 1998 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بازار قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. ھازىر ئايكۆل بازىرى دەپ ئاتالماقتا.
«ئون بەش ئوتاق»قا «خاڭگۇڭ»نىڭ نام بولۇپ قېلىشى
ئايكۆل بازىرىنىڭ تەخمىنەن غەربىي تەرىپىدىن 35 چاقىرىم يىراقلىقتا بۈگۈنكى كۈندە «خاڭگۇڭ» دېيىلىدىغان بىر قەدىمىي يۇرت بار. بۇ يۇرتقا «خاڭگۇڭ» دېگەن ئىسىم قويۇلۇشىدىن ئاۋۋال ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئەلمىساقتىن بېرى قوللىنىپ كېلىنگەن نامى ئون بەش ئوتاق ئىدى. بەزى يازما خاتىرىلەرگە قارىغاندا، «خاڭگۇڭ» دېگەن بۇ نام ئون بەش ئوتاققا 1933 - يىلى (مىنگونىڭ 22 - يىلى)دىن باشلاپ قويۇلۇشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا «خاڭگۇڭ» دېگەن بۇ ئىسىمنى توپتوغرا 80 ياشقا كىردى دېيىشكە بولىدۇ.خاڭگۇڭ — كونا خاڭگۇڭ ۋە يېڭى خاڭگۇڭ دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. كونا خاڭگۇڭ (جۇغراپىيىلىك كوئوردىناتى شەرقىي مېردىئان 08°00′ بىلەن شىمالىي پاراللېل 04°94′نىڭ ئارىلىقىدا) بۈگۈنكى كۈندە ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق ئايكۆل بازىرىنىڭ بىر تەبىئىي كەنتى، يېڭى خاڭگۇڭ (جۇغراپىيىلىك كوئوردىناتى شەرقى مېردىئان 97°15′، شىمالىي پاراللېل 04°44′) بولسا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - دېۋىزىيىسىگە قاراشلىق ساجىڭزا مىللىي دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئەل ئارىسىدىكى نامى. ئەسلىدە بۇ يەردە كونا، يېڭى خاڭگۇڭ دەپ ئايرىلماي، بىردەل «خاڭگۇڭ» دەپلا ئاتىلاتتى. كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ھازىر كونا خاڭگۇڭ دېيىلىدىغان يەردە خاڭگۇڭ يېزىسى خاڭگۇڭ كەنتى تەسىس قىلىنغان. 1956 - يىلى يېزىلىق 1 - ئالىي كوپىراتىپ قۇرۇلغان. 1958 - يىلى خەلق كوممۇنىسى مەزگىلىدە خاڭگۇڭ 1 - دادۈي دەپ ئاتالغان. 1970 - يىلى ئايكۆل يېزىسىنىڭ 20 - دادۈي قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1978 - يىلى خاڭگۇڭ 1 - دادۈي دېگەن نام ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1984 - يىلى قايتىدىن خاڭگۇڭ كەنتى بولۇپ قۇرۇلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە «خاڭگۇڭ» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.ھازىر يېڭى خاڭگۇڭ دېيىلىدىغان ساجىڭزا مىللىي دېھقانچىلىق مەيدان 1958 - يىلدىن بۇرۇن ئاقسۇ ناھىيىسى ئايكۆل يېزىسىنىڭ 1 - ئىشلەپچىقىرىش دادۈيى ئىدى. 1958 - يىلى قىشتا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم «ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ پىلانى ئىچىگە كىرىپ قالغان جايلارنى ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا قوشۇۋېتىش توغرىسىدا قارار» ماقۇللىدى. شۇنىڭ بىلەن 1959 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ ئايكۆل يېزىسىغا قاراشلىق بۇ جاي يېزا ئىگىلىك 1 - دىۋىزىيىگە قوشۇۋېتىلىپ غالبىيەت 1 - باش مەيدان شۆبە مەيدان دەپ ئاتالدى. 1975 يىلى بىڭتۇەن ئەمەلدىن قالغاندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللىي دېھقانچىلىق مەيدان دەپ ئۆزگەرتىلىپ بەزىدە يېڭى خاڭگۇڭ شۆبە مەيدان دەپمۇ ئاتالدى. 1982 - يىلى يېزا ئىگىلىك 1 - دىۋىزىيە مىللىي دېھقانچىلىق مەيدان دەپ ئۆزگەرتىلدى. 1997 - يىلى يېزا ئىگىلىك 1 تۇەن (مەيدان)گە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ 1 - تۇەن ساجىڭزا مىللىي دېھقانچىلىق مەيدان دەپ ئاتالدى، ھازىرمۇ شۇنداق دەپ ئاتالماقتا. بۇ يەردە يېڭى خاڭگۇڭ (97°75′, 44°44′)، بەشئېرىق (97°95′, 04°64′)، سايئېرىق (97°95′, 04°64′)، سامساق (97°85′, 04°54′)، يېڭىئېرىق (97°75′, 04°44′) دېگەن تەبىئىي كەنتلەر بار. مەن كەمىنە قەلەم ئىگىسى مۇشۇ يۇرتنىڭ سامساق دېگەن كەنتىدە چوڭ بولغانمەن.«خاڭگۇڭ» دېگەن نام 1966 - يىلى نەشر قىلىنغان «ش ئۇ ئا ر خەرىتىلىرى توپلىمى» (يېڭى يېزىقچە)دا، «Huang hong»، 1981 - يىلى نەشر قىلىنغان «ش ئۇ ئا ر يەر ناملىرى توپلىمى»دا «黄宫» (Huang hong) شەكلىدە قەيت قىلىنىدۇ. «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلار تەزكىرىسى» (1988 - يىلى)، «ئاقسۇ شەھىرى تەزكىرىسى» (1991 - يىلى)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى «يېزا ئىگىلىك 1 - دېۋىزىيە تەزكىرىسى» (1994 - يىلى)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - دىۋىزىيە «1 - تۇەن تەزكىرىسى» (2001 - يىلى) قاتارلىق خەنزۇچە مەنبەلەرنىڭ ھەممىسىگە بىردەك «黄宫» دەپ قوبۇل قىلىنغان.«خاڭگۇڭ» نامىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشى خۇددى مەن كەمىنە قەلەم ئىگىسى كىچىك يۈسۈپ 30 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يۇرت ئاقساقاللىرىغا سوئال قويۇپ ئۇنىڭ مەنىسىنى سورىغاندەك سورىشىدۇ. بەزىلەر خاڭگۇڭدا مەتقۇربان، مەتتوختى، مەتسىدىق دەپ ئىسىم قويىدىغان كىشىلەر جىق. خوتەندە «ھاڭگۇي» دەيدىغان بىر جاي بار. ئېھتىمال خاڭگۇڭلۇقلار خوتەننىڭ ئەنە شۇ ھاڭگۇي دېگەن يېرىدىن كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەنلەر بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن بۇ يەرنى ئۆزلىرىنىڭ خوتەندىكى يۇرتىغا ئوخشىتىپ «ھاڭگۇي» دەپ ئاتىغان بولسا، كېيىنچە تەلەپپۇزدا ئۆزگىرىش بولۇپ «ھاڭگۇي» سۆزى «خاڭگۇڭ»غا ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دېسە، يەنە بەزىلەر «خاڭگۇڭ» دېگەن بۇ نام مانجۇلار زامانىسىدا پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ كۆپىنچە يېڭىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئېچىلغان بوز يەرلەرگە نام بولۇپ كېلىدۇ. ئۈرۈمچىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان «ئەرگۇڭ»، «سەنگۇڭ»، «تۇگۇڭ» دېگەندەك يەرلەر بار. شېڭ سىسەي دەۋرىدە بۇ يەر ناملىرىنىڭ ئاخىرىدىكى «宫» خېتى «工»غا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن، دەيدۇ.«خاڭگۇڭ» نامىنىڭ تەگ تەۋەلىكى ھەققىدە يېقىنقى مەزگىللەردە يېزىلغان بەزى كىتابلاردا مۇنداق بايانلار بار:«رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئامبال خۇاڭ دارىن خەلق ئىشچىلىرىنى باشلاپ كېلىپ بوز يەر ئېچىپ، ئۆستەڭ چاپقۇزغان، ئۆستەڭ (خۇاڭگۇڭ ئۆستىڭى) (黄工梁 )دەپ ئاتالغان، كېيىنچە ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ يەرنى خۇاڭگۇڭ كەنتى (黄工村 )دەپ ئاتىغان. كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە بۇ يەر ‹黄宫 ›دەپ يېزىلىدىغان بولغان» ① «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 29 - 30 - بەتلەر، خەنزۇچە. يەنە رىۋايەت قىلىنىشىچە، 1933 - يىلى (مىنگۇنىڭ 22 - يىلى) ئاقسۇنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى خۇاڭ مىنفۇ بۇ يەرگە ئادەم ئەۋەتىپ ئۆستەڭ چاپقۇزۇپ، سۇ باشلاپ بوز يەر ئاچقان. كېيىنكىلەر خۇاڭ ئەمەلدارنىڭ بۇ تۆھپىلىرىنى خاتىرىلەپ بۇ يەرنى «خۇاڭگۇڭ» (黄工) دەپ ئاتىغان، كېيىنچە 黄宫 بولۇپ قالغان ② «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى» 303 - بەت، خەنزۇچە. . تارىخىي قەيتلەرگە قارىغاندا، بۇ يەردە گېپى بولۇۋاتقان خۇاڭ مىنفۇنىڭ ئەسلىي ئىسمى خۇاڭ خۇچىڭ (1999-1901) بولۇپ، ئۇ 1939 يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن شىنجاڭغا خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن، كېيىن شېڭ سىسەي تەرىپىدىن ئاقسۇ مەمۇرىي رايوننىڭ باشلىقى بولغان ① يۇقىرىقى كىتاب 434 - بەت. . بەزىلەر بۇ يەرنىڭ «خاڭگۇڭ» دېگەن ئېتى ئىلگىرى 荒工 دەپ يېزىلاتتى، بۇ چىڭ سۇلالىسى زامانىسىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدۇ ② «ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 189 - بەت، خەنزۇچە. . شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - دېۋىزىيە «1 - تۇەن تەزكىرىسى»دىكى قەيتلەرگە قارىغاندا، رىۋايەت قىلىنىشىچە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، يەنى مىلادىيە 1883 - يىلى خۇاڭ (黄) فامىلىلىك بىر ئامبال بىز گېپىنى قىلىۋاتقان بۇ يەرگە ئادەم باشلاپ كېلىپ، ئېرىق چېپىپ، سۇ باشلىغانىكەن. بۇ چاغدا كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ ئۇنى «黄公» (خۇاڭ ھەزرەت) دەپ ئاتاشقانىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ نام بۇ جايغا نام بولۇپ قالغانىكەن. كېيىنچە بارا - بارا ئۇنىڭدىكى «公» خېتى «宫»غا ئۆزگىرىپ ھازىرقى 黄宫 بولۇپ تۇراقلاشقانىكەن ③ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - دىۋىزىيە «1 - تۇەن تەزكىرىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996 - يىلى 9 - ئاي 1 - نەشرى، 29 - بەت، خەنزۇچە. .«ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى» بىلەن «1 - تۇەن تەزكىرىسى»دە قەيت قىلىنغان «خۇاڭ دارىن» بىلەن «خۇاڭ ھەزرەت»نىڭ بۇ جايغا سۇ باشلاپ تېرىقچىلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى رىۋايەت ئوتتۇرىسىدا گەرچە 57 يىل (يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق) ۋاقىت پەرقى بولسىمۇ، ئېرىق چېپىپ چۆلگە سۇ باشلىغانلىقى بىر پاكىت سۈپىتىدە ئويلىنىشىمىز ئۈچۈن ئالدىمىزغا قويۇلماقتا. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي مەيلى نېمە دېيىلىشىدىن قەتئىنەزەر، بىز گېپىنى قىلىۋاتقان «خاڭگۇڭ»غا ئىتنىك نام بولۇپ سىڭىپ كىرگەن. «خۇاڭ» (黄) توغرىسىدا ئوبدانراق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىسا، بۇ جاينىڭ ھەقىقىي نامى تارىخ ئالدىدا توغرا نامايان بولمايدۇ.
تارىختىكى «ئوتاق» ھادىسىسى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە
ئالدىنقى ماۋزۇدا بۈگۈنكى كۈندە «خاڭگۇڭ» دەپ ئىستېمال قىلىنىۋاتقان يۇرتنىڭ قەدىمدىن تارتىپ تاكى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە «ئونبەش ئوتاق» دېيىلىدىغانلىقىنى، كېيىن ئۇنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن «خاڭگۇڭ»غا ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى كۆردۇق. ھازىر ئۇ يۇرتقا ئانچە يىراق بولمىغان يەردە «توققۇز ئوتاق» دېگەن بىر مەھەللە بار. ئۇ سايئېرىق بىلەن ئونبەش ئوتاقنىڭ ئارىلىقىدىكى ئېقىن (جىلغا)نىڭ غەربى، «تاشتا»نىڭ شەرقى، ئاق تىكەننىڭ جەنۇبى، «ھاسا»نىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. شەرقىي چېگرىسى «ئەشمە»دۇر. «توققۇز ئوتاق» — بىر تەبىئىي كەنت، ئۇنىڭ ئايكۆل بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي بىلەن بولغان ئارىلىقى 15 كىلومېتىر، ئاھالىسى «ھاسا» كەنتىنىڭ 5 - ئەترىتىگە تەۋە بولۇپ، 1998 - يىلىدىكى ستاتىستىكىغا قارىغاندا، نوپۇسى 494. «ئەشمە»نىڭ جەنۇبىدا «بەش ئوتاق»، «تۆۋەنكى سەككىز ئوتاق»، «يۇقىرىقى سەككىز ئوتاق» دېگەن يەرلەر بار. بەش ئوتاق — ئىلگىرى ئاۋات ناھىيىسىنىڭ ياڭئېرىق يېزىسىغا تەۋە 9 - كەنت بولۇپ، ھازىر ئاۋات ئايۋاغ يېزىسى (بۇرۇنقى ئايكۆل يېزىسى)نىڭ 14 - كەنت 1 - ئەترىتى يەنى تۆۋەنكى ئىلەك دۈچۈن ئېرىقىنىڭ بويىدا. سەككىز ئوتاق — ئىلگىرى ئاۋات ناھىيىسىنىڭ تام توغراق يېزىسىدا بولۇپ، 1 - دادۈي تۆۋەنكى «سەككىز ئوتاق»، 7 - دادۈي يۇقىرىقى «سەككىز ئوتاق» دېيىلەتتى. ھازىر بۇ جاي ئاۋات ناھىيىسىنىڭ دولان يېزىسىغا قارايدۇ. ئىلگىرى يۇقىرىقى - تۆۋەنكى دەپ ئايرىلمايتتى. «دادۈي» دېگەن گەپ پەيدا بولغاندىن كېيىن ئاشۇنداق ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇرۇنقى «دادۈي» ھازىر كەنت، بۇرۇنقى «شودۈي» ھازىر ئەترەت، دېيىلىدۇ.يۇرتىمىزدىكى «ئوتاق» نامى بىلەن ئاتالغان جايلار يالغۇز ئايكۆلدىكى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، مەكىت ناھىيىسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسىدا «ئون ئوتاق»، مارالۋېشى ناھىيىسىدە «قالماق ئوتاق» دېگەن يۇرتلا بار. بۇ ناملارنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ تۇرۇشى بىزگە ئۇزاق تارىخىي ھادىسىلەرنى ئەسلىتىدۇ.«ئوتاق»نىڭ ئەسلىي تاۋۇشى «ئوتاغ» بولۇپ، ھۇنچىدە «ئوتوۋ» (otow)، تۈركىيچىدە «ئوتاغ» (otag) دېيىلەتتى، ئۇنىڭ مەنىسى «قونالغۇ» دېگەنلىك ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئوخشاشلىق تۈپەيلىدىن «ھۇن تىلى»نى بەزى ئالىملار «موڭغۇل تىلى» دېسە، كۆپچىلىك ئالىملار «تۈركىي تىلى» دېيىشىدۇ ① ئىمىن تۇرسۇن:«تارىمدىن تامچە» 148 -، 149 - بەتلەر، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى. .تارىخ قەيتلەرگە كۆرە، «ئوتاق» (ئوتاغ) سۆزى ھۇنلاردا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بىر «ئوتاغ» (ئوتاۋ) ئون ئۆيلۈكنى كۆرسىتەتتى. ھۇن تارىخىغا ئائىت كىتابلاردا يېزىلىشىچە، مىلادىيە 2 - ئەسىردىن 4 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغىچە بولغان زامانلاردا ھۇنلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى كەڭ يايلاقتا يىراقتىن قارىغاندا، ياپيېشىل ئوتلاقلار ئىچىدە گويا غازنىڭ ئاپئاق تۇخۇمىدەك كۆرىنىدىغان مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ئوتاغ (ئوتاۋ)لار كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. كۆك تۈركلەر دەۋردىمۇ ئەھۋال ھۇنلار دەۋرىدىكىگە ئوخشاشلا داۋاملاشتى. مەلۇم بولۇشىچە، قاراخانىيلار دەۋرىدە «ئوتاغ» بىر چېدىرنى كۆرسىتەتتى. مەھمۇد قەشقەرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» كىتابىدا:«ئوتاغقا ئۆپكەلەپ سۈگە سۆزلەمەدۈك» (ھەمراھلىرىغا ئاچچىقلاپ، قوشۇنغا گەپ قىلمىدى)، يەنى ھەمراھلىرىغا ئاچچىقلاپ ئەسكەرلەرگە گەپ قىلمىدى، دېگەن ماقالنى تىلغا ئالىدۇ ② م.قەشقەرى:«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 3 - توم، 288 - بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى. . مەھمۇد قەشقەرى بۇ يەردە «ئوتاغ»نى «چېدىر» دېگەن مەنىدە قوللىنىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا «ئوتاغ» بار يەردە ئەسكەر بار. يەنى «ئوتاغ» — ئەسكەر تۇرىدىغان جاي. تەتقىقاتچىلار قاراخانىيلار تارىخىنىڭ ئانا مەنبەسى بولغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»دىكى يۇقىرىقى قەيتلەر، شۇنداقلا «قۇتادغۇبىلىك»دىكى «ئەگەر ساڭا ھايل ياكى ئون ئوتاغ باشلىقلىقى تېگىپ قاسا، مال دۇنيا تارقىتىپ، قىلىچ، ئوقيانى قولۇڭغا ئال» ③ يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«قۇتادغۇبىلىك» 4139 - بېيىت، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى. دېگەن قەيتلەرگە ئاساسەن، قاراخانىيلار دۆلىتىدە ئەڭ كىچىك ئەسكىرىي قىسىم «ئوتاغ»، ئۇنىڭ باشلىقى «ئوتاغ باشى» دەپ ئاتىلاتتى. «ئوتاغ»دىن كېيىن «ھايل» دېگەن بىر ئەسكىرىي بىرلىك بولۇپ، كوماندىرى «ھايل باشى» دېيىلەتتى. ئۇنىڭدىن قالسا «ئون ئوتاغ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قىسىم كېلەتتى. بىر «ئوتاغ»دا سەككىزدىن ئونغىچە ئەسكەر بولاتتى. ئوتاغلار توپلىنىپ، ھايل ۋە ئون ئوتاغلارنى، ھايل ۋە ئون ئوتاغلار بىرلىشىپ ئارمىيىنى تەشكىل قىلاتتى، دەپ ھۆكۈم چىقىرىشىدۇ ④ رىشات گەنج:«قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلات»، 1990 - يىلى ئۈرۈمچى نەشرى. 414 -، 421 - بەتلەر، ئۇيغۇرچە، ئەزىزوۋ قاسىم:«ئۇرۇش ۋە قوماندان»، 1993 - يىلى ئۈرۈمچى نەشرى، 96 - 99 - بەتلەر، ئۇيغۇرچە. . ئەمما بىز بۈگۈنكى كۈندە «ئون ئوتاغ»دىن باشقا يەنە «بەش ئوتاغ»، «سەككىز ئوتاغ»، «توققۇز ئوتاغ» ۋە «ئونبەش ئوتاغ»لار ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇۋاتىمىز. قاراخانىيلارنىڭ ئەسكىرىي بىرلىك تۈزۈمى بويىچە بىر «ئوتاغ»دا سەككىزدىن ئونغىچە ئەسكەر بولىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، ئۇنداقتا بىز ھازىر بايقاۋاتقان بەش، سەككىز، توققۇز ۋە ئونبەش ئوتاقلاردا 50، 80، 90، 100 ۋە 150دىن ئەسكەر تۇرغان بولىدۇ.تارىخىي قەيتلەرگە كۆرە، «ئوتاق» ئاتالغۇسى موڭغۇل ئىستېلاسى دەۋرىدە «غ» تاۋۇشىنىڭ «ق»غا ئالمىشىشى بىلەن «ئوتاق» دېيىلىدىغان بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، چىڭگىزخان مىلادىيە 1206 - يىلى ئۆز قەبىلىلىرىنى ئون مىڭ، مىڭ، يۈز تۈتۈن بويىچە تەرەپ - تەرەپكە تارقىتىۋەتتى، ئۇلار پاسىللارنى ئاساس قىلغانىدى. 15 - ئەسىردىن كېيىن «ئولۇس» تەدرىجى ھالدا ئون مىڭ تۈتۈننىڭ ئورنىنى، «ئوتاق» بولسا مىڭ تۈتۈننىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. ئويرات موڭغۇللىرىدا 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئاندىن «ئوتاق» دېگەن بۇ ئىجتىمائىي تەشكىلات مەيدانغا كەلدى. ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئۇلۇس، ئوتاق ۋە ئايماق قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ ھەم ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي تەشكىلات، ھەم ھەربىي ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى ئىدى.«ئوتاق» كەلىمىسى روسىيىلىك ۋىلادېمىروف (в.я.владнмнрцов)نىڭ قارىشىچە، سوغدى تىلى بولۇپ، مەنىسى دۆلەت، ئەل دېگەنلىك. 1992 - يىلى نەشر قىلىنغان «ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، «ئوتاق» — دۆلەت، زېمىن دېگەن مەنىگە ئىگە بولۇپ، كېيىنچە بۇ ئىسىم ھەر خىل شەكىللەر بىلەن تۈركچە، موڭغۇلچە، توڭگۇسچە يەرلىك شېۋىلەردە «ئورۇن»، «مەيدان»، «سورۇن»، «جاي»، «رايون»، «دىيار»، «مەھەللە» دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان بولغان. ھازىرقى زاماندىكى بەزى موڭغۇللارنىڭ يەرلىك تىلىدا «ئوتاق» — يېڭىدىن ئېچىلغان ھەربىي كەنتىنى كۆرسىتىدۇ. روسىيىلىك موڭغۇلشۇناس كوستوكوۋنىڭ «قالماقلارنىڭ تارىخى ۋە ستاتىستىكىلىق ماتېرىيالى» دېگەن ئەسىرى بىلەن نېبورسىننىڭ «خوشۇت ئۇلۇسىدىكى قالماقلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتىدىن ئومۇمىي بايان» دېگەن ئەسىرىدىكى قەيتلەرگە كۆرە، «مەلۇم بىر جايدا زېمىن تۇتۇپ ئولتۇراقلاشقان ۋە كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق قىلىدىغان بىر جەمەتكە تەۋە ئايل (Ayil)لار گۇرۇھى» (ئويراتلار) ياكى ۋولگا بويىدا ئولتۇراقلاشقان ئويراتلارنىڭ «يات قوۋملاردىن ئايرىلىپ تۇرۇپ، بىر ئۇرۇق - قەبىلىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا چارۋىچىلىق قىلىدىغان يېرى <ئوتاق> دېيىلىدۇ» ① «ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» خەنزۇچە 266 - بەت، بۇ ھەقتە ۋ.يا.ۋېلادېمىروفنىڭ «موڭغۇللارنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈم تارىخى» 155 - بەت. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1980 - يىلى خەنزۇچە نەشرىگە قارالسۇن. . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، «ئوتاق»دىن ئىبارەت بۇ بىر ئىجتىمائىي تەشكىلات ئويراتلارنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىدى.ئوتاق — ئويراتلارنىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي بىرلىكى بولۇپ، ئۇلار بەلگىلىك بىر تەۋەلىك ئىچىدە كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق قىلاتتى ھەمدە چارۋا باقىدىغان يەرلىرى ئوخشاشمىغان «ئايل»لاردىن تەشكىللىنەتتى. «ئايل» (ھايل) قانداشلىقنى ئاساس قىلغان بولماستىن، بەلكى چارۋىچىلىق قىلىدىغان يەرلىرىنى بىرلىك قىلغان يېقىن - يورۇقلىرىنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىللىنەتتى. شۇڭا، «ئوتاق» — چوقۇم كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق قىلىدىغان يەرلەرنىڭ بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلاتتى. «پاسىل» — «ئوتاق»نى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر شەرتى بولۇپ، «ئوتاق»لىشىپ، كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق قىلمايدىغان بىرمۇ موڭغۇل بولمايتتى. ئۇرۇش مەزگىلىدە، ھەربىر «ئوتاق» بەلگىلىمىگە ئاساسەن 1000 ئەسكەر چىقىراتتى. شۇڭا، بەزىدە «قوشۇن» (خوشىقۇ) دەپمۇ ئاتىلاتتى ۋە «قوشۇن» بىلەن «ئوتاق» دائىم ئارىلىشىپ كېتەتتى. يىغىنچاقلىغاندا، «ئوتاق» — ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىشلار بىرلىشىپ كەتكەن تەشكىلات ئىدى.بەزى تارىخىي مەنبەلەردە «ئوتاق» بىلەن بىللە «ئەنگە»، «ئايماق»، «ئايل» ۋە «قوتان» ئاتالغۇلىرى تەڭ ئۇچرايدۇ. «ئەنگە» موڭغۇلچە بولۇپ «تارمىقى»، «بىر قىسمى»، «قوشۇن» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە. «ئوتاق» بىلەن «ئەنگە»نىڭ خاراكتېرى ئاساسەن ئوخشاش، پەرقى «ئوتاق» خانغا تەۋە، «ئەنگە» ۋەلىئەھدلەرنىڭ قول ئاستىدا بولىدۇ. مەسىلەن، جۇڭغارلارنى ئالساق، «ئوتاق»چىلارنىڭ كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق قىلىدىغان يېرى ئىلى ۋادىسى ئەتراپى بولسا، «ئەنگە»لەرنىڭ كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق قىلىدىغان يېرى «ئوتاق»چىلاردىن ئېشىپ قالغان قالدۇق جايلار ئىدى. «ئايماق» بىلەن «ئوتاق»نىڭ پەرقى شۇكى، «ئايماق» بىرلىككە كەلگەن يېقىن قوۋملەردىن تەشكىللىنىدۇ. «ئوتاق» بولسا ئوخشاشمىغان قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىللىنىدۇ. بىر «ئوتاق» بىرقانچە «ئايماق»دىن شەكىللىنىدۇ، ھەتتا بەزىدە بىرلا «ئايماق»دىن تەشكىللىنىشىمۇ مۇمكىن. قىسقىسى، «ئايل» ياكى «قوتان»دىن «ئايماق» شەكىللىنىدۇ، «ئايماق»دىن «ئوتاق» دىن «ئۇلۇس» تەشكىللىنىدۇ، «ئۇلۇس» — ئەل ياكى دۆلەت دېمەكتۇر.«تارىخى رەشىدىي»نىڭ «قەشقەرنىڭ فەتھى قىلىنىشى» دېگەن بۆلىكىدە «قارا ئوتاغ» دېگەن ئاتالغۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدا سۇلتان سەئىدىخاننىڭ مىرزائابابەكرىنى يېڭىپ قەشقەرنى فەتھى قىلغان ۋەقەلىرى سۆزلىنىپ كېلىپ:«بەزى قارا ئوتاغلاردىن كەلگەن ئەمىرلەر ئالات (قورال - ياراغ) ۋە گۈللۈك ھېجىر لوڭقىلارنى تەقدىم قىلغاندىن باشقا يەنە كىپەك ئالتۇن - ئەنجان مەن تەقدىم قىلدى. ئۇ چاغدا بىر ئەنجان مەنى 64 چارەك ئېغىرلىقتا بولۇپ، بىر چارىكى 400 مىسقال كېلەتتى» دېيىلگەن ① مىرزا ھەيدەر كۆرەگان:«تارىخى رەشىدىي» 2 - توم 249 - بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983 - يىلى 6 - ئاي 1 - نەشرى، خەنزۇچە. . بۇنىڭدىن يەكەن سەئىدىيە خانلىقى مەزگىلىدە «ئوتاغ» ھادىسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، «ئوتاغ»نىڭ ھەربىي بىرلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەربىي قوماندانلار بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس. مىلادىيە 1640 - يىلى تۈزۈلگەن «موڭغۇل ئويرات قانۇنى»غا كۆرە، جۇڭغار خانلىقى ئۇلۇس، ئوتاق، ئايماق ۋە ئايل قاتارلىقلارغا بۆلۈنگەن. بەزى تارىخچىلار ھۇن، تۈرك دەۋرلىرىدىكى «ئوتاغ»دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن جۇڭغارلار دەۋرىدىكى «ئوتاق»نى خاتا ئىستېمال قىلىپ «ئۆتۈك» شەكلىدە تىلغا ئالىدۇ ② ئەنۋەر بايتۇر:«شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى» ئۇيغۇرچە نەشرى 1231 - بەت. . بەزى يەر ناملىرى تەتقىقاتچىلىرى «ئۆتەك» شەكلىدە قوبۇل قىلىدۇ ③ قۇربانجان ئابلىمىت نوروزى:«يەر ناملىرى ئىلمى» ئۇيغۇرچە نەشرى 215 - بەت. . يەنە بەزى ماتېرىياللاردا، مەسىلەن، «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى»دە «ئوتاق» توپتوغرا خاتا ھالدا «ئورتاق» شەكلىدە ئۇچرايدۇ ④ يۇقىرىقى كىتاب 472 - بەت. . «ئايل» كەلىمىسىگە كەلسەك، تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەسلىي شەكلى «ھايل» بولۇپ، ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ ھۇن، تۈرك دەۋرىرىدىكى قەدىمىيلىكى بىلەن قاراخانىيلار تارىخىنىڭ ئانا مەنبەلىرىدىن بولغان «قۇتادغۇبىلىك» ئارقىلىق مەلۇم. يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتۈلگىنىدەك، «ھايل» كەلىمىسى «قۇتادغۇبىلىك»تە «ئوتاغ»نىڭ كەينىدە، «ئون ئوتاغ»نىڭ ئالدىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قاراخانىيلار تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۇنى «ئوتاغ»دىن كېيىنكى بىر ھەربىي بىرلىك بولۇپ، كوماندىرى «ھايل باشى» دېيىلەتتى، قاراخانىيلاردىكى ھايل بېشىنىڭ قول ئاستىدا قىرىق - ئەللىك كىشى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشىدۇ ⑤ رىشات گەنج:«قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى». 416 - 418 - بەتلەر. ئۇيغۇرچە نەشرى، ئەزىزوۋ قاسىم:«ئۇرۇش ۋە قوماندان»، 97 - بەت، ئۇيغۇرچە. . بۇ سۆز كېيىنچە ئويراتلار بىلەن قىرغىزلار «ئايل» شەكلىدە، قازاقلارغا «ئاۋۇل» شەكلىدە، بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇرلارغا «ئائىلە» شەكلىدە ئۆزلەشكەن بولۇشى مۇمكىن.
«ئەشمە» ۋە ئۇنىڭ تارىخى
رىسالىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا ئايكۆلدىكى «توققۇز ئوتاق»نىڭ شەرقىدە «ئەشمە» بار، دېدۇق. «ئەشمە» — مۇشۇ جايدا تەبىئىي شەكىللەنگەن، شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ سۇزۇلغان بىر ئۇلۇغ كۆلنىڭ نامى. ئۇ قەدىمدىن تارتىپ جانلىق تىلىدا «ئەشمە» دېيىلىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى يازما مەنبەلەردىن «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى»دە:«ئەشمە كۆلى — ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرى بىلەن ئاۋات ناھىيىسى يېڭئېرىق يېزىسىنىڭ تۇتىشىدىغان جايىدا، ئۇيغۇرچە ئەشمە دېيىلىدۇ. مەنىسى بۇلاق كۆل دېگەنلىك. ئۇ ئايكۆل كۆلى، سايئېرىق كۆلى ۋە خاڭگۇڭ كۆلى قاتارلىق بىرقانچە كۆللەرنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان. ئىلگىرى خاڭگۇڭ كۆلىلا بار ئىدى. كېيىن يېزا ئىگىلىك بىرىنچى دېۋىزىيە غالىبىيەت ئۆستىڭىنىڭ چېپىلىشى ۋە 1 -، 2 - تۇەن (مەيدان)نىڭ بوز يەر ئېچىپ دېھقانچىلىق قىلىشى بىلەن يەر ئاستىدا يىغىلىپ قالغان سۇلار قوشۇلۇپ ھازىرقى چوڭ كۆلگە ئايلانغان» ① «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 2000 - يىل نەشرى 364 - بەت، خەنزۇچە. دېيىلسە، «ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى»دە:«ئەشمە كۆلى — ئايكۆل بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا بولۇپ، ئايكۆل كۆلى، سايئېرىق كۆلى، خاڭگۇڭ كۆلى ۋە يېزا ئىگىلىك 1 - دېۋىزىيە 1 -، 2 - تۇەن (مەيدان) كۆلى قاتارلىق كۆللەرنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇنىڭ سۈيى ئاچچىق بۇلاقتىن كېلىدۇ. <ئەشمە> ئۇيغۇرچە بولۇپ مەنىسى يەر ئاستىدىن چىقىپ يىغىلىپ قالغان سۇ دېگەنلىك» دېيىلىدۇ ② «ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 2001 - يىل نەشرى 282 - بەت، خەنزۇچە. . شۇ جۈملىدىن «ئايكۆل»نى بۈگۈنكى ئايكۆل مەۋلانەم مەسچىتى يېنىدىكى ئاي كۆرۈنگەن كۆل دېگەن مەنىدە چۈشەنگەندىن كۆرە، ئاۋاتنىڭ يېڭىئېرىق دېگەن يېرىگىچە بولغان يەرلەردە تەبىئىي شەكىللەنگەن كەڭ دېڭىز دېگەن مەنىدە چۈشەنگەن تۈزۈك. دەرۋەقە، ئۇ ئاقسۇ شەھىرى بىلەن ئاۋات ناھىيىسىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان، تاغ ئالدىدىكى كەلكۈن چۆكمە تۈزلەڭلىكى بىلەن ئاقسۇ دەريا دىلتىسى ئارىلىقىدىكى ساسلىقتا ئاراللىرىنى قۇم دۆۋىلىرى ئايرىپ تۇرىدىغان چوڭ - كىچىك 12 كۆلنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان بىر تەبىئىي چوڭ دېڭىزدۇر. ئۇ خەرىتىدە بەئەينى ھىلال ئايغىلا ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا قەدىمكى زاماندا ياشىغان ھەيۋەتلىك تۈركلەر كۆز يەتكۈسىز ئېگىز - ئېگىز تاغ چوققىلىرىنى ئېتىزلىقنىڭ «قىر»لىرىغا ئوخشاتقىنىغا ئوخشاش، بۇ كۆللەرنىمۇ شەكىل تۈزۈلۈشىنىڭ ھىلال ئايغا ئوخشىغانلىقىغا قاراپ «ئايكۆل» دەپ ئاتىغان. «ئەشمە» بولسا ئۇنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردىكى باشقىچە ئاتىلىشى ياكى سۈپەتلىنىشىدۇر.«ئەشمە»نىڭ كۆلىمى ھەققىدە يازما مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار ھەر خىل. بەزى ماتېرىياللاردا «ئەشمە»نىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1333 گېكتاردىن ئارتۇق دېيىلسە ③ «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 364 - بەت. ، بەزى ماتېرىياللاردا ئومۇمىي كۆلىمى 14 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دېيىلگەن ④ «ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 282 - بەت. . يەنە بەزى ماتېرىياللاردا ئومۇمىي كۆلىمى 05.11 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دېيىلگەن ⑤ «دېھقانچىلىق 1 - دىۋىزىنىڭ دېھقانچىلىق رايونلارغا بۆلۈنۈشى»، 1987 يىلى 1 - ئاي نەشرى 221 - بەت، خەنزۇچە. . بەزى ماتېرىياللاردا ئۇنىڭ سۇ كۆلىمى 171 مىڭ مو بولۇپ، ئۇنىڭدىن ساجىڭزا رايونىغا تەۋە بولغىنى 54 مىڭ 800 مو كېلىدۇ، دېيىلگەن ⑥ «دېھقانچىلىق 1 - دىۋىزىيىدىكى تۇەن (مەيدان) ۋە تۇەن (مەيدان)لارنىڭ ئۇنىۋېرسال دېھقانچىلىق رايونلىرىغا بۆلۈنۈشى» 1985 - يىلى 10 - ئاي نەشرى، 121 - بەت، خەنزۇچە. . بەزى ماتېرىياللاردا، ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق كۆلىمى 41 مىڭ 200 مو كېلىدۇ ⑦ «ئاقسۇ شەھىرى تەزكىرىسى» 1991 - يىلى 11 - ئاي نەشرى 106 - بەت، خەنزۇچە. دېيىلسە، يەنە بەزى ماتېرىياللاردا دېھقانچىلىق 1 - دىۋىزىيىگە قاراشلىق بولغىنى 30 مىڭ مو كېلىدۇ ① «دېھقانچىلىق 1 - دىۋىزىيىسىنىڭ دېھقانچىلىق رايونلارغا بۆلۈنۈشى» 1987 - يىلى 1 - ئاي نەشرى 221 - بەت، خەنزۇچە. ، دېيىلگەن.«ئەشمە»نىڭ ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن كىچىك ئارال ۋە قومۇشلۇقلار بار. بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە سۇنىڭ ئورنىدا كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. سۇ ۋە ئوت - چۆپلەر مول، ياشايدىغان سۇ قۇشلىرىنىڭ تۈرىمۇ كۆپ. سۇ تەركىبىدە ئازراق تۇز ماددىسى بولغاچقا، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قۇلايلىق. بېلىق «ئەشمە»نىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتىدۇر. «ئەشمە»نىڭ چوڭقۇرلۇقى ئىككى - تۆت مېتىر كېلىدۇ، سايئېرىقنىڭ كونا پەيشەنبە بازىرىنى ياڭئېرىقنىڭ يەكشەنبە بازىرىسىغا «ئەشمە»نى توغرا كېسىپ ئۆتىدىغان بىر ھارۋا يولى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. «ئەشمە»دە يەنە ئارخئېلوگ خۇاڭ ۋىنبى ئەپەندى «خەنگۇڭ قەدىمىي شەھىرى» بىلەن بىللە «تۆگە قوتان قەدىمىي شەھىرى» دەپ تىلغا ئالغان قەدىمكى ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت رايونىدىن تارىخچى مىرزا ھەيدەر كۆرەگان «تارىخى رەشىدىي» دېگەن كىتابىدا «ئاربات» دەپ تىلغا ئالغان بۈگۈنكى ئاۋات ناھىيىسىنىڭ يېڭئېرىق يېزىسىغا بارىدىغان ئۇلاغلىق ۋە پىيادە يولۇچىلار ئۈچۈن سېلىنغان بىر قەدىمىي ياغاچ كۆۋرۈك بار. ئۇنى يەرلىك خەلقلەر «سېسىق كۆۋرۈكى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ كۆۋرۈك كونا خاڭگۇڭ ئەشمىسى بىلەن يېڭى خاڭگۇڭ ئەشمىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىر، كەڭلىكى ئىككى - ئۈچ مېتىر كېلىدىغان بىر تەبىئىي قانالغا سېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ سۈيىدە قىش - ياز مۇز قاتمايدۇ.«ئەشمە»نىڭ سۈيى تۇزلۇق، شۇ مەنىدىن ئۇنى بەزىلەر تۇز كۆل دەپمۇ ئاتايدۇ، ئۇنى تۇز كۆل دېيىشنىڭ سەۋەبى ئۇ يەردىن كۆك تۇز چىقىدۇ. نامەلۇم بىر مۇئەللىپ تەرىپىدىن ھىجرىيە 372 (مىلادىيە 994) - يىلى يېزىلىپ، ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى گۇزگاندا قۇرۇلغان پارگۇن خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئەبۇھارىس مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەدكە تەقدىم قىلىنغان «ھودۇدۇلئالەم» (ئالەمنىڭ چېكى) دېگەن كىتابنىڭ «دېڭىز - ئوكيانلار ۋە دېڭىز قولتۇقلىرىنىڭ ئورنى» دېگەن بابىدا:«ئونىنچى تۇزلۇق كۆل - تۇز كۆك - كۆك تۇز (Tauz-kuk) قارلۇقلار چېگرىسى ئىچىدە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 10 يول، كەڭلىكى توققۇز يول كېلىدۇ، تۇز چىقىدۇ، قارلۇقلارنىڭ يەتتە قەبىلىسى ئاش تۇزىنى مۇشۇ كۆلدىن ئالىدۇ» دېيىلگەن ھەمدە بۇ تۇز كۆلنىڭ توشقان دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. «ھودۇدۇل ئالەم»دە قەيت قىلىنغان بۇ تۇز كۆلنى بەزىلەر ئىسسىق كۆلنىڭ غەربىدە دېسە، بەزىلەر ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىدىكى تىكەس دەرياسى بىلەن كىگەن دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدا دەيدۇ، بەزىلەر قەشقەرنىڭ شەرقىي شىمالىدا، دېيىشىدۇ. مېنىڭچە، بۇ تۇز كۆل مۇشۇ رىسالىمىزدە گېپى بولىۋاتقان «ئەشمە»نىڭ ئۆزىدۇر. يەنە شۇ كىتابنىڭ 15 - باب 13 -، 15 - پاراگرافلىرىدا بىنجۇل (بۈگۈنكى ئاقسۇ) بىلەن ئۇش قارلۇقلارنىڭ دائىرىسىدە، دېيىلگەن. جاڭ چىشياڭ ۋە جۇ شجۇەن ئەپەندىلەر «تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ 9 - ئەسىردىن 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە جايلىشىشى ۋە يۆتكىلىشى» ناملىق ئەسىرىدە يۇقىرىقى مەنبەلەرگە ئاساسەن، «توشقان دەرياسى» ۋە ئۇش بىلەن بۈگۈنكى ئاقسۇ ئەتراپلىرىدىمۇ قارلۇقلارنىڭ بارلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ» دەيدۇ ② «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1984 - يىلى 4 - سان، ئۇيغۇرچە، 127 - ۋە 140 - بەتلەر. .مىلادىيە 11 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 12 ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ياشىغان ئاتاغلىق جۇغراپىيە ئالىمى، تېۋىپ، زوئولوگ ۋە تارىخچى ئوتتۇرا ئاسىيالىق شەرەف ئەل زامان تاھىر مەرۋەزى (0211-6401) ئۆزىنىڭ «تەبىئەتۇل ھايۋان» (ھايۋانلارنىڭ تەبىئىتى) دېگەن كىتابىنىڭ تۈركلەر ھەققىدىكى بابىدا تۈركلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ غەربكە كۆچۈشى، ئۇلارنىڭ تارقىلىشى، ئۆرپ - ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، پەرقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ:«تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان ئەڭ يىراق يەر ئۇچ بىلەن قەشقەر يايلاقلىرى ئارىلىقى ئىكەن... قارلۇقلار توققۇز قەبىلە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچى چىگىللەردۇر» دەپ يازغان ① «ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ماتېرىياللىرى» ژۇرنىلى 1984 - يىلى 3 - سان، خەنزۇچە، 44 - ۋە 45 - بەتلەر. . مەرۋەزى خۇراساننىڭ ئەينى دەۋرىدىكى ئەڭ مەشھۇر، مەدەنىيەتلىك، باي شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان مەرۋى شاھ جاھاندا تۇغۇلغان، 11 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 12 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان سالجۇق ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىدىن سۇلتان مەھمۇد (3901-2901)، سۇلتان رۇكىنىددىن بەركيارۇق (4011-3901)، سۇلتان مەھمۇد تاپار (8111-5011) ۋە سۇلتان مۇئىزىددىن سەنجەر (7511-8111)لەر زامانىسىدا خارەزمدە ئوردا تېۋىپى بولغان. ئۇنىڭ تۈركلەرنىڭ ئەڭ شەرقتىكى چېگرىسىنىڭ ئۇچتۇرپان ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قەيتلىرى بىزنىڭ بۇ تەتقىقاتىمىز ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.«ھودۇدۇل ئالەم»دە يەنە بىزنىڭ بۇ تەتقىقاتىمىز ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك بولغان بىر خەۋەر بار. ئۇنىڭدا «ئون بىرىنچى تۇز كۆل بولسا ئايسكۆك (Ayskuk) كۆلى بولۇپ، چىگىللار بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ئارىسىدا... بارخۇن شەھىرى مۇشۇ كۆل بويىغا جايلاشقان» دېيىلگەن. ئەپسۇس، بۇ خەۋەردىكى ئايسكۆك دېگەن كۆل نامى بىلەن «بارخۇن» دېگەن شەھەر نامىنىڭ تەلەپپۇزىدا گۇمان باردەك قىلىنىدۇ. «ھودۇدۇل ئالەم» ئەڭ دەسلەپ پارس تىلىدا يېزىلغان. 1892 - يىلى روسىيىلىك شەرقشۇناس تومانسىكىغا ئۇنىڭ گۇلياياگانى دېگەن بىر پىرسىيىلىك دوستى بۇ كىتابنىڭ بۇخارادىكى بىر كىتابپۇرۇشتىن سېتىۋالغان پارس تىلىدا يېزىلغان بىر قوليازما نۇسخىسىنى تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، بۇ كىتابنى پارسچىدىن روسچىغا تۇمانسىكى ئۆزى تەرجىمە قىلغان، 1932 - يىلى منورىسكى روسچىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان. كېيىن ئىنگىلىزچىدىن خەنزۇچىغا ۋاڭ جىژلەي تەرجىمە قىلغان. 2001 - يىلى ئابلەت نۇردۇن خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. بىزنىڭ ھازىر كۆرۈۋاتقىنىمىز خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى. مېنىڭچە، «ھودۇدۇل ئالەم»نىڭ مۇئەللىپى تىلغا ئالغان بۇ ئىككى جاي ئەسلىدە «ئايكۆل» ۋە «بارخان» بولغان بولسا، كېيىنچە زامانلارنىڭ ئۆتۈشى ھەم تەرجىمىدىن تەرجىمىگە كۆچۈش جەريانىدا بۇ ئىسىملار ئۆزگىرىپ ھازىرقىدەك مەنىسىنى ئۇققىلى بولمايدىغان يەر جاي نامىغا ئۆزگىرىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. «ھودۇدۇل ئالەم»دە قەيت قىلىنغان ۋە تامامەن «ئايكۆل» بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئايسكۆك دېگەن كۆلنى ۋاڭ جىژلەي ئەپەندى شۈ سۇڭنىڭ «غەربىي يۇرت سۇ يوللىرى خاتىرىسى» دېگەن كىتابىدىكى قەيتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئىسسىقكۆل دەپ بېكىتىدۇ. ۋاڭ جىژلەينىڭ شۈ سۇڭنىڭ كىتابىدىن ئېلىپ بايان قىلىشىچە، ئىسسىقكۆلنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 100 چاقىرىم، جەنۇب - شىمال كەڭلىكى 120 چاقىرىم، تار جايلىرى 80 چاقىرىمدىن ئارتۇق كېلىدۇ. ئەمما، «ھودۇدۇل ئالەم»دىكىسى ئۇنداق چوڭ ئەمەس، بەلكى ئۇزۇنلۇقى 30 يول، كەڭلىكى 20 يول. «ئايسكۆك» دېگەن كۆلنىڭ «ئۇزۇنلۇقى 30 يول، كەڭلىكى 20 يول» ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بايان «ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى»دە «ئەڭ ئۇزۇن يېرى 20 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ يېرى ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ» دېيىلگەن ھازىرقى ئايكۆلدىكى «ئەشمە»نىڭ چوڭلۇقىغا يېقىن تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئەشمە»نىڭ ئايكۆل قىسمى يەرلىك خەلقنىڭ تىلىدا «كۆك ئەشمە» دېيىلىدۇ. پارس تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق قائىدىسى بويىچە «ئەشمە كۆك» دېيىلىدۇ. «ئەش» (Ays) پارسچىدە «اش» دەپ يېزىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن «ھودۇدۇل ئالەم»دە قەيت قىلىنغان ئايسكۆك دېگەن كۆل چوقۇمكى خەلقنىڭ جانلىق تىلىدا «كۆك ئەشمە» (ئەشمە كۆك) دەپ تەلەپپۇز قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى «ئەشمە»نىڭ نەق ئۆزىدۇر. ئەمدى «ھودۇدۇل ئالەم»دە قەيت قىلىنغان «بارخۇن» دېگەن شەھەرگە كەلسەك، ئۇ تامامەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «ا»نىڭ «ۇ»غا ئۆزگىرىپ كېتىشى بىلەن پەيدا بولغان ئۇقۇشماسلىق بولۇپ، «بارخان»نىڭ بۇزۇپ قىلىنغان ئىستېمالىدۇر. مەلۇمكى، «بارخان» — ئاقسۇنىڭ قەدىمكى «قۇم» دېگەن تۈركچە نامىنىڭ ئەرەبچە ئاتىلىشى. ئۇ بەزىدە «بارمان»، بەزىدە «باخۋان»، يەنە بەزىدە «پالۋان» دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» كىتابىدا بېرىلگەن دائىرىلىك خەرىتىسىدىكى «بارمان» دېگەن يەر نامى كۇچا بىلەن ئۇچنىڭ شىمالىي جەنۇب ئارىلىقىغا توغرا كەلگەن. بىز بۇنىڭغا ئاساسەن «بارمان» (ئىلگىرىكى بارخان)نىڭ ھازىرقى كۇچا بىلەن ئۇچتۇرپان ئارىلىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. مەھمۇد قەشقەرى:«يۇڭۇ — ‹بارمان› شەھەرچىسىگە ئاقىدىغان بىر دەريانىڭ نامى. بۇ شەھەرنى ئافراسىيابنىڭ ئوغلى شۇ دەريانىڭ بويىغا قۇرغان. قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى <بارماك> بولۇپ، شەھەر شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان» دەيدۇ ① م.قەشقەرى:«دىۋان لۇغاتىت تۈرك» 3 - توم 503 - ۋە 504 - بەتلەرگە قارالسۇن. .12 - ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ئەرەب جۇغراپىيۇنى ئەبۇ ئابدۇللا ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى جەئفەر ئەل ئىدىرىسى ھىجرىيە 548 (مىلادىيە 1154) - يىلى يونان جوغراپىيۇنى پىتولىمى ۋە ئەرەب جۇغراپىيۇنى مەسئۇدىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى، شۇنداقلا پالېرمولۇق نوئمانلارنىڭ پادىشاھى لومىرⅡنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا جۈملىدىن جۇڭگوغىچە كېلىپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ ئېلىپ بارغان ئۆلچەپ سىزغۇچىلارنىڭ توپلىغان 1 - قول ماتېرىيالىغا ئاساسەن يازغان «كىتاب نوجات ئەل مۇشاق فى قراق ئەل ئافاق» (ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل شادلىقى) دېگەن دۇنيا جۇغراپىيىسى ھەققىدىكى تەزكىرە كىتابىدا «قۇچا»، «باخۋان»، «پالۋان» ياكى «بارمان» نامىنى ئالغان ئاقسۇ ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭدا مۇنداق بايانلار بار:«يەكەن شەھىرىنىڭ 16 كۈنلۈك چېتىدىكى غەربىي شىمالدا بولغان <بارمان> ياكى <باخۋان> بولسا توققۇز ئۇيغۇر (ئوغۇز) شەھەرلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ يەردە توققۇز ئۇيغۇر (ئوغۇز) خاقانى ئائىلىسىدىن بىرسى ئولتۇرىدۇ. بۇنىڭ ساقچى قىسىملىرى، كۈچلۈك سېپىل قورغىنى بار. ئۇ شەھەرنىڭ بازارلىرىدا تۆمۈردىن ھەر خىل، ھەر تۈرلۈك ئاجايىپ - غارايىپ نەرسىلەر ياسىلىدۇ. باشقا سانائەتمۇ بۇ يەردە كۆپ. شەھەرنىڭ چۆرىسىدە تۈركلەرنىڭ ئېكىنزارلىقلىرى، يايلاقلىرى، دەريالىرى بار. تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى چىنغا ئەۋەتىدۇ، تىبەتكىمۇ چىقىرىدۇ، شەھەرلىرى بەك ئاۋات. بۇ شەھەردە ئېلىم - سېتىم ئىشلىرىغا بەك كەڭرى يول قويۇلغان، ئىمارەتلىرى بەك كۆپ.» ② «شىنجاڭ گېزىتى» 1948 - يىلى 24 -، 25 -، 26 نويابىر سانلىرى. بۇ ھەقتە «شىنجاڭ خەلق ئەدەبىياتى تەتقىقات خەۋەرلىرى» 1985 - يىللىق 1 - سان 47 -، 48 - بەت، ئۇيغۇرچە. تاتار ئالىمى ئەخمەد زەكى ۋەلىدى توغان «قەدىمكى كۇچالىقلارنىڭ مەدەنىيىتى» دېگەن ئەسىرىدە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، «ھودۇدۇل ئالەم» ۋە ئەرەب جۇغراپىيۇنى ئەبۇل قاسىم ئۇبەيدۇللاھ بىننى ئابدۇللاھ ئىبنى خۇردادبېھ (تەخمىنەن 219-028)نىڭ مىلادىيە 848-448 - يىللىرى يازغان «كىتابەل مەسالىك ۋەل مەمالىك» (يوللار ۋە ئەللەر تەزكىرىسى) دېگەن كىتابىدىن مەلۇمات ئېلىپ، ئاقسۇ - كۇچا يولىدا تۆمۈر كانلىرىنىڭ كۆپلۈكى، بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ھىندى راھىبلىرى بىلەن سوغدىلىق سودىگەرلەردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يەرلىك تۈركلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە «بىر زاماندا بۇ يەرلەرنى ساياھەت قىلغان ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ، كۇچادىكى تۈركلەر تىلىدىن مىساللار كەلتۈرىدۇ. ئاقسۇ، يەنى بارمان توغرىسىدا بۇ شەھەرنىڭ كاشىغەردەك بەك قەدىمىي تۈرك شەھىرى ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا، بارمان — ئافراسىيابنىڭ ئوغلى. پىرداۋسى بولسا ئۇنىڭ ئىنىسى. قەدىمكى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ <بارمان> ئاتىلىشى ئافراسىياب ئوغلىنىڭ ئىسمى بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىق يېرى بار» دەيدۇ ③ يۇقىرىقىغا ئوخشاش. .زامانىمىزنىڭ ئىران قان سىستېمىسىدىكى فرانسىيىلىك شەرقشۇناسى ۋە ئاتاغلىق تارىخ ئالىمى ئەلى مەزاھىرى (1991-4191) ئۆزىنىڭ 1983 يىلى نەشر قىلىنغان «يىپەك يولى: جۇڭگو پارس مەدەنىيەت ئالاقىلىرى تارىخى» دېگەن كىتابىدا ئىران سەيياھى ئەسەدۇللا، شۋېتسىيىلىك ئارخىئلوگ سېۋىن ھىدىندىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئەفراسىياپنىڭ قەشقەر بىلەن ئۇچتۇرپان ئارىلىقى، شۇنداقلا كۇچا توڭگۇز بېشى قەدىمكى شەھىرى ئۇدۇلىدىكى ئەفراسىياپ شەھىرى دېيىلىدىغان يەر بىلەن بۈگۈنكى كۈندە يانتاق شەھىرى دېيىلىدىغان يەرنى ئۆزىگە قارارگاھ قىلغانلىقىنى يازىدۇ ①ئەلى مەزاھىرى:«يىپەك يولى: جۇڭگو - پارىس مەدەنىيەت ئالاقىلىرى تارىخى»، جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى 1993 - يىلى نەشرى 334 - بەت، خەنزۇچە. .يۇقىرىقى قەيتلەرگە كۆرە، ئاقسۇنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، رىۋايەتتىكى ئافراسىياب زامانلىرىغىچە بارىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بىز «ئايكۆل» ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى بولغان «ئەشمە»نىڭ مىلادىيەدىن خېلى بۇرۇنلا ناھايىتى گۈللەنگەن مەدەنىيەت رايونى بولۇپ، تۈركلەر تارىخ سەھنىسىگە چىققان زامانلاردىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئېكىنزارلىقى ۋە يايلىقىغا ئايلانغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. ئايكۆلدە ھازىر «كۆل» ۋە «تېكىن» ناملىق يۇرتلار بار. بۇ بىزگە ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىكى «كۆل تېكىن»نى ئەسلىتىدۇ. بۇ ئۇرخۇن ۋادىلىرىدىن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە غەربىگە كۆچكەن شەرقىي شىمال تۈركلىرىنىڭ چوڭ كۆچۈش دولقۇنىدا مۇشۇ زېمىندا تۇرۇپ ماكانلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرسە كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئايكۆل ۋە «ئەشمە» بويلىرىدا بۇددا دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولغان «چوقتا»، «تاشتا»، ئەرەب تىلى ئىستېلاسى دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولغان «ھاسا» ۋە «پايناپ» نامىدىكى يۇرتلار بار. بۇنىڭدىن بىزنىڭ «ئايكۆل» ۋە «ئەشمە» ئالاھىدە ئېكولوگىيىلىك رايوننىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت قاتلىمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلمىگىمىز تەس ئەمەس.ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئەۋلاد ئارخىئولوگى خۇاڭ ۋىنبى ئەپەندى ئەسەرلىرىدە گەرچە «ئەشمە»نى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، «ئەشمە» بويلىرىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزى توپلىرىنى تەكشۈرگەندە ئاقسۇ دەرياسىنىڭ قەدىمكى زاماندا بىز «ئەشمە» دەۋاتقان مۇشۇ كۆل بويىدىكى «تۆگە قوتان» قەدىمكى شەھەر خارابىسى يېنىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ «تارىم ۋادىسىدىكى ئارخىئولوگلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى» دېگەن كىتابىدا:«شور قۇدۇقنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى شەھەر خارابىسى ئاق توپىدىن قاڭداپ ياسالغان بولۇپ، ئاقسۇ دەرياسىنىڭ مۇشۇ يەردىن ئۆتىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. ئاقسۇ دېگەن سۆز سۈيى ئاق دېگەنلىك. شۇڭا، شور قۇدۇق قىزىل دەرياسى بىلەن ئاقسۇ دەرياسىنىڭ قوشۇلغان جايى. گەرچە بىز ئاقسۇ دەرياسى بىلەن قىزىل دەرياسىنىڭ قوشۇلغان جايىنىڭ ئورنىنى تاپالمىغان بولساقمۇ، ئەمما ئېقىپ ئۆتكەن يەرلىرىدىن كۆزەتكىنىمىزدىن قارىغاندا، ئىككى دەريانىڭ قوشۇلغان جايى چوقۇم مۇشۇ ئەتراپتا» دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ ② خۇاڭ ۋىبنى:«تارىم ۋادىسىدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى»، پەن نەشرىياتى 1958 - يىلى 4 - ئاي 1 - نەشرى 62 - بەت، خەنزۇچە. . دېمىسىمۇ رىسالىمىزدە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ھازىرقى «ئەشمە» تۇنجى ئاقسۇ دەرياسىنىڭ ئورنى بولۇپ، <يايدى> تەرەپكە سۇ بارىدىغان ئېقىن ئىزلىرىنىڭ بەزىسى ئويمانلىق جىلغا سۈپىتىدە، بەزى جايلىرى كەڭ لايلاتما سۈپىتىدە ھازىرمۇ روشەن بىلىنىپ تۇرىدۇ. دەريا ئىزلىرىنىڭ تۇپراقلىرى قۇم ۋە قىزىل سۇ لايلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، زەي سۇلىرى چىقىپ تۇرىدۇ. <يايدى> — كەلپىن ناھىيىسىدىكى چىلان يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شورلۇق، ئۇ قەدىمدە تۇنجى ئاقسۇ دەرياسىنىڭ سۈيى بېسىپ، ئۇزۇن مۇددەتكىچە سۇ ئاستىدا تۇرۇپ قېلىپ لاي - لاتقىلار بىلەن تىنىپ كەتكەچكە، ئەڭ بۇرۇن بوستانلىققا ئايلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئۇ جاينى سۇ يايغان جاي دېگەن مەنىدە <يايدى> دەپ ئاتىغان. بۇ تارىم بوستانلىقىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئەڭ بۇرۇن گۈللەنگەن ئورۇن بولۇپ، قەدىمكى يىپەك يولى ئاقسۇ دەرياسىنىڭ قەدىمكى ئورنىنى بويلاپ دەل مۇشۇ جايلاردىن ئۆتەتتى. <يايدى> دېگەن جايدا يەنە <تەڭ> دەيدىغان بىر جايمۇ بار. بۇرۇنقى قاتناش يولىنىڭ ئاقسۇ تەرەپتىكى مەلۇم ئۆتىڭى مارالۋېشىنىڭ چاۋاغ ئۆتىڭى بىلەن شۇ جايدا تەڭ بولغاچقا، ئۆتەڭنىڭ نامىنى <تەڭ> دەپ ئاتىغان. بۇ جايلار قەدىمكى دەۋرلەردە دەريا سۇلىرى ئېقىپ تۇرغان، دەريا بويلاپ سېلىنغان قاتناش يولىرىدا كارۋانلار مېڭىپ تۇرغان، كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە، كىشىلەرگە ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدىغان بىر جاي بولسىمۇ، ئاقسۇ دەرياسىنىڭ شەرق تەرەپكە كۆچۈپ، ھازىرقى يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ سۆگەتئېرىق بىلەن ئاقىدىغان بولۇپ قالغان مەزگىللىرىدىن باشلاپ قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىغان. ھازىر <يايدى> دېگەن جاي شورلۇققا ئايلىنىپ، قەدىمكى توغراقلارنىڭ كۆتەكلىرىمۇ شور ئاستىغا كۆمۈلۈپ، چىرىمدانغا ئايلىنىپ كەتكەن. بىلىش مۇمكىنكى، ئۇ جايلارنىڭ قاقاسلىشىپ كەتكىنىگە ناھايىتى ئۇزاق ئەسىرلەر بولغان. سۇ قۇرۇلۇش ئېنژېنىرلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئاقسۇ دەرياسىنىڭ ھازىرقى <ئەشمە> دېيىلگەن تۇنجى ئورنىنى باشلاپ، ئىككىنچى ئورۇنغا كۆچكەن ۋاقتى مىلادىيەنىڭ ئالدى - كەينىدىكى دەرۋلەر بولۇپ، ئىككى مىڭ يىلچە ئۆتكەن دەپ قارىلىدۇ» ① مۇھەممەد ئوسمان:«ئاۋات ناھىيىسىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى». بۇ ھەقتە «ئاۋات تارىخىي ماتېرىياللىرى» 1 - توپلام 54 -، 56 - بەتلەر، ئۇيغۇرچە. ئۇنداقتا «ئەشمە» قانداق قىلىپ بۇ تاشلاندۇق دەرياغا خاس ئىسىم بوپقالىدۇ؟ تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، «ئەشمە» كەلمىسى «ئەش» بىلەن بىر تۇغقاندۇر. 1990 - يىلى نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە، «ئەش» دېگەن ئىسىمغا «بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن چۈشىدىغان ھەمراھى» دەپ تەبىر بېرىلسە، «ئەش» دېگەن ئىسىمدىن ياسالغان «ئەشمە» دېگەن سۈپەت سۆزىگە «ئېشىپ ياسالغان، ئېشىپ تورلانغان، پىششىق» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن ② «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» مىللەتلەر نەشرىياتى 1990 - يىلى بېيجىڭ نەشرى 1 - توم 275 - 276 - بەتلەر. . دەرۋەقە، يېڭى تۆرەلمە — بالا ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا بالىياتقۇ ئىچىدە بىر شىلىمسىمان قان ئىچىدە تۇرىدۇ، بۇ نەرسە بوۋاققا ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ۋە «ئەش» دېيىلىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا «ئەش» كەلىمىسى «ئاقىلغا ئۆز ئەقلى ئەشلىككە يارار» (320 - بېيىت) شەكلىدە قەيت قىلىنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستانىنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن سەھىپىلىرىدە ئادەمنىڭ ساپاسى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئەش»نىڭ ياخشى بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھالدا «ئانا ئالسا يوشۇرۇنچە ئوغرى سۇ، ئوغۇل تۇغسا ئەلگە بولۇر ئاپەت ئۇ» (5768 - بېيىت) دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ دېگىنى «بالا ياخشى ئاتا - ئانىدىن تۆرەلسۇن، ئانىنىڭ قورسىقىدىكى چېغىدا ئوبدان قۇۋۋەتلىنىپ ئوزۇقلانسۇن، ھارام قوشۇلۇپ قالمىسۇن» دېگىنى. «ئەش» تۆرەلمىنى تويۇندۇرىدىغان مەنبە بولغاچقا، ئۇنىڭ ساپ، تازا، ھالال، ياخشى بولۇش - بولماسلىقى تۆرەلمىنىڭ ياخشى - يامان خۇيلۇق بولۇشىغا، ساغلام، بېجىرىم ياكى تۇغما نۇقسانلىق بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالا «ئەش»سىز دۇنياغا كۆز ئاچمايدۇ، شۇڭا «قۇتادغۇبىلىك»دە ئۇچرايدىغان «ئەش» كەلىمىسىگە كىتابنىڭ ئاخىرىغا بېرىلگەن 67 - نومۇرلۇق ھاشيىدە «يولداش، ھەمراھ» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. ئۇيغۇر تىلىدا ئەشمە چاچ، ئەشمە يىپ، ئەشمە قۇيماق دېگەن سۆزلەر بار. بۇ ئېشىپ ياسالغان سۈنئىي چاچنى، ئېشىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يىپنى ۋە خېمىردىن ئېشىپ ياغدا پىشۇرۇلغان ساڭزا - قۇيماقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا يەنە لەغمەن ئەشمەك، يىپ ئەشمەك، تانا ئەشمەك، ئارغامچا ئەشمەك دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بار. بۇ يەردىكى «ئەشمەك» — سۈپەت بولۇپ، ئايلاندۇرماق، بۇرىماق، پىششىقلىماق، ئىگىرمەك مەنىلىرىدە كېلىدۇ. تىلىمىزدا يەنە «يىپ ئەشتۈرمەك» ۋە «يىپ ئەشتۈرۈلدى» دېگەن سۆزلەر بار، ئۇنىڭ ئالدىنقىسى «ئەشمەك» پېئىلنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى، كېيىنكىسى بولسا «ئەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى. گېئولوگىيە ئىلمىدە دانچىلار دىئامېتىرى 0.1-0.11mm، يەنى ئادەتتىكى قۇم بىلەن سېغىز ئارىلىقىدا بولىدىغان، مىنېرال تەركىبى ئادەتتىكى قۇم بىلەن ئوخشاش بولغان بىر خىل قۇم «ئەشمىقۇم» دېيىلىدۇ. ئۇ ھازىرقى زاماندىكى چۈكۈندىلەر تەركىبىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. دانچىلار دىئامېتىرى 0.1-0.10mm بولغان ئەشمە قۇملارنىڭ ئۆزئارا يېپىشىپ چىڭىشى نەتىجىسىدە شەكىللىنىدىغان ئۇۋاق چۆكۈندى جىنس «ئەشمىقۇم تاش» دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ مىنېرال تەركىبى قۇم تاش بىلەن ئوخشاش، بىراق تەركىبىدە تۇراقلىق مىنېراللار سەل كۆپرەك بولىدۇ.1981 - يىلى ئېلىمىزدە نەشر قىلىنغان «پارسچە - خەنزۇچە لۇغەت»دە «ئەش» (اش)گە:«قويۇلدۇرۇلغان سۇيۇقلۇقنىڭ ئومۇمىي نامى، پاتلىماق، يىپ پاتلىماق، يېپىشقاق، شىلىمشىق، يېپىشتۇرماق، سۇۋىماق، چاپلىماق، شىرنىلىك سۇ، شىرنىلىك سۇيۇقلۇق، سېرىق سۇ، سىرغىتما» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. ئۇنىڭدىكى قەيتلەرگە كۆرە، پارسچىدا «اش» شەكلىدە كەلگەن بۇ ئىسىم ئۇيغۇرچىدىكى «ئەش»دىن پەرقلىق ھالدا بىرىنچىدىن ئاش - تاماق مەنىسىدە، يەنە ئىسسىق سۇ، قايناقسۇ، كۆكتات شورپىسى، سۇيۇق ئۇماچ دېگەن مەنىلەردە كۆپرەك كەلسە، ئىككىنچىدىن كۆلدە جامىكان باغلاپ كەتكەن لەشكە ئوخشاش شىلىمشىق بىر نەرسىنى كۆرسىتىدۇ ① «پارسچە - خەنزۇچە لۇغەت»، سودا نەشرىياتى 1981 - يىلى نەشرى 29 -، 30 - بەتلەر. بۈگۈنكى جەنۇبىي تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا «ئەشمەكار» دېگەن سۆز بار. بۇ سۆز ئۇيغۇرچىدىكى «ئەشمە» بىلەن پارسچىدىكى «كار»دىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ مەنىسى — غوزىدىن يىپەك سۈزگۈچى دېگەنلىك. شۇنىڭغا ئاساسەن يېپەكچى كاسىپلار «ئەشمەكار» دېيىلىدۇ. قەشقەر، يەكەنلەردە «ئەشمەكار كوچىسى»، «ئەشمەكار مەھەللىسى» دېگەن جايلار بار. ناۋادا مۇشۇ كۈنلەردە غوزىدىن يىپەك سۈزگۈچى «ئەشمەكار»لارنى كۆرىمەن دېگۈچىلەر قەشقەردىكى ئاپاق خوجا ساياھەت رايونىغا بارسا ئۇنى كۆرەلەيدۇ.بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيىسىدە «قۇدۇق ئەشمە»، «ئەشمە» ۋە «ئەشمە ئېقىن» دېگەن يەرلەر بار. «قۇدۇق ئەشمە» ئاللىقاچان چۆلگە ئايلىنىپ كەتكەن. «ئەشمە» بولسا ھازىر بىر يېزا، بۇ يېزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۈرۈمچى - قەشقەر تاشيولى كېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدە كۆل، كۆلچەكلەر بار، زەيلىك ۋە توغراقلىقلار كۆپ. يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى بىر يېزىمۇ «ئەشمە» دېيىلىدۇ. كەنتنى دادۈي دەيدىغان زامانلاردا ئۇ يېزىنىڭ 2 - دادۈيى «يۇقىرى ئەشمە»، 3 - دادۈيى «تۆۋەن ئەشمە» دەپ ئاتالغانىدى.تىلشۇناس مۆمىن ئابدۇللا تۈزگەن «تۈركچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت»دە «ئەش» (es)گە «جۈپ، جورا، دوست، ھەمراھ، رەپىقە»، «ئەشمە» (esme)گە «قۇدۇق»، «ئەشلىك» (eslik)گە، «جۈپ، جورا، ھەمراھ»، «ئەشسىز» (essiz)گە، «جورىسىز، يالغۇز، يېگانە» دەپ تەبىر بېرىلگەن ② مۆمىن ئابدۇللا:«تۈركچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1989 - يىلى 11 - ئاي 1 - نەشرى 272 - ۋە 273 - بەتلەر. .خۇلاسە كالام، «ئەشمە» ئاقسۇ دەرياسىنىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئىزى بولۇپ، دەريا بۇرۇنقى بۇ ئورنىدىن شەرققە قاراپ يۆتكەلگەندىن كېيىن، تاشلىنىپ قالغان ھەم دەريانىڭ ھەمراھى دېگەن مەنىدە «ئەشمە» دەپ ئاتالغان. شۇڭا، ئۇ ئاقسۇ دەرياسىنىڭ ھەمراھى ھەم چۆلدىكى قۇدۇق، شۇنداقلا يېپىشقاق، شىرنىلىك لەشسىمان كۆل بولۇپ، ئۆزگىچە بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە پەۋقۇلئاددە ئېكولوگىيىلىك سۇ رايونىنىڭ نامىدۇر.