ئاق تېرەك - كۆك تېرەك ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئويۇننى كۆپىنچە ھاللاردا ئايدىڭ كېچىلەردە ياشلار كۆپرەك ئوينايدۇ. ياشلار بىر يەرگە يىغىلىپ ئىككى كىشى <ئانا> بولۇپ تاللىنىپ ئەزا قوبۇل قىلىدۇ. قوبۇل قىلىنغان ئەزالار ئوغۇل - قىز تەڭ نىسبەتتە بولىدۇ ۋە ئىككىگە بۆلۈنۈپ قارىمۇ قارشى مۇسابىقىلىشىپ ئوينايدۇ. بۇ ئويۇندا ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ. بىراق، ئويۇندا ئادەم ئاز بولۇپ قالسا، ئويۇن تازا قىزىمايدۇ. مەيدان: ئادەتتىكى تۈز مەيدان بولۇپ ئۇزۇنلۇقى 20 - 30 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىككى تەرەپ ئەزالىرى بىر - بىرىگە قاراپ قاتار تىزىلىپ تۇرىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: ئىككى تەرەپ ئەزالىرى توغرىسىغا قاتار تىزىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، <ئانا> لار نۆۋەت بىلەن قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىدۇ. چاقىرغۇچى تەرەپ: ئاق تېرەك، كۆك تېرەك، بىزدىن سىزگە كىم كېرەك؟ دەيدۇ. ئىككىنچى تەرەپنىڭ <ئانا> سى: ئۆزى ئەقىللىق، قولى ئەپچىل، ھەر ئىشتا بەك ياخشى × × × كېرەك. دەيدۇ. ئىسمى ئاتالغان كىشى ئۆز توپىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئالىقانلىرىنى ئېچىپ تۇرغان قارشى تەرەپنىڭ خالىغان بىر ئەزاسىنىڭ ئالىقىنىغا بىرىنى ئۇرۇپ سېپىگە قاراپ قاچىدۇ. ئالىقىنىغا ئۇرۇلغان ئەزا ئۇرۇپ قاچقۇچىنى ئۆز توپىغا كىرىۋالغۇچە قوغلايدۇ، ئەگەر تۇتۇۋالسا، ئۆز توپىغا قوشۇۋالىدۇ. تۇتۇۋالالمىسا، قارشى تەرەپنىڭ توپىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. ئويۇن شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ. ئويۇننى تېخىمۇ قىزىتىش ئۈچۈن ئوغۇل - قىزلار بىر - بىرىنىڭ ئالىقىنىغا ئۇرۇشقا توغرا كەلسە بېيىت ئوقۇيد. قىز ئوغۇلنىڭ ئالىقىنىغا ئۇرۇشقا توغرا كەلسە، بېيىت ئارقىلىق يېڭىش تەلەپ قىلىنىدۇ. قىز ئوغۇلنىڭ ئالدىغا كېلىپ: قىز: بىزنىڭ ئۆيلەر كۈن چىقىشتا، تونالىغايمۇ سىز؟ ئالتۇن زەنجىرلىك ئىشكىنى، ئاچالىغايمۇ سىز؟ ئانامنىڭ كۆڭلى كەڭرىدۇر، يېشەلىگەيمۇ سىز؟ دادامنىڭ كۆڭلى ئەزىم دەريا، كېچەلىگەيمۇ سىز؟ يىگىت: سىزنىڭ ئۆيلەر سۇ بېشىدا، باقسا تېپىلار. ئالتۇن زەنجىر قىز ئىشىكى، تەپسە ئېچىڭلار. ئانىڭىزنىڭ كۆڭلى كەڭرىكەن. يەشسە يېشىلەر. دادىڭىزنىڭ كۆڭلى ئەزىم دەريا، كەچسە كېچىلەر. قىز: ئېرىق بىلەن ماڭساڭچۇ، بىدىلىكنى يول قىلماي، راست گېپىڭنى بەرسەڭچۇ، غېرىب كۆڭلۈمنى كۈل قىلماي. يىگىت: ئېرىق بىلەن ماڭ دەيسەن، ماڭسام ھەر تەرەپتە يول. دوستىن تولا دۈشمەن بار، يار ئۆزۈڭگە ئاگاھ بول. يىگىت قىزنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئېيتىدىغان بېيىت: تام تۆپىدە قوغۇن، ئىككىسى بىشەكشىرىن. يېنىمدا تۇرغان خېنىمنىڭ، لەۋرلىرى ئەجەپ شېرىن. قىز: ئالدىڭىزدا تۇرغاندىمىز، گۈل ئارىلاپ تۇرغاندىمىز. ئاتا - ئانىدىن كېچىپ، سىزنى دەپ كەلگەندىمىز. يىگىت: سىرلىق ساندۇق سىرى سىز، پەرىلەرنىڭ بىرى سىز. ئويناي دەيدۇ كۆڭلىڭىز. ئەمما قورقۇپ تۇرىسىز. قىز: سىرلىق ساندۇق سىرى بىز، قىزلارنىڭ پىرى بىز. ھېچنېمىدىن قورقمايمىز، يامان ئىشتىن نېرى بىز. يىگىت: ياغلىقىڭىز رەڭمۇ رەڭ، سەل سىلىقراق گەپنى دەڭ. لەۋلىرى سۈزۈك قىزچاق، ئالما بېرەي سويۇپ يەڭ. قىز: ئالمىڭىزنى يېمەيمەن، يېسەم مەيدەم ئاغرىيدۇ. يار ئۈستىگە يار تۇتسام، يارنىڭ كۆڭلى ئاغرىيدۇ. كۈلكە كۆتۈرۈلۈپ يىگىت يېڭىلگەن بولىدۇ. ئويۇن شۇ تەرىقىدە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئويۇننىڭ ئىككىنچى خىل ئوينىلىش ئۇسۇلىمۇ بار بولۇپ، قاتار تىزىلغان بالىلار بىر - بىرىنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇشىدۇ. ئاندىن بىرىنچى خىل ئويناش ئۇسۇلىغا ئوخشاش چاقىرىلغان ئەزا ئۆز توپىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ قوللىرىنى مەھكەم تۇتۇشۇپ تۇرغان قارشى تەرەپ توپىدىكى قايسى بىر ئەزانىڭ قولىنى توپتىن ئاجرىتىپ بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتسە، قولى بوشىتىلغان بالىنى ئۆز توپىغا ياندۇرۇپ كېلىدۇ. بۆسۈپ ئۆتەلمىسە، قارشى تەرەپ توپىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]