ئاق سۆڭەك ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

ئاق سۆڭەك ئويۇنى - ئۇيغۇر ياشلىرى ئايدىڭ كېچىلەردە ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇن. بۇ ئويۇننىڭ كۆزنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى، يۈگۈرۈش تېزلىكىنى ئاشۇرۇشتا رولى چوڭ بولۇپ، قارىمۇ قارشى ئوينىلىدىغان بىر خىل پائالىيەتتۇر. ئۇيغۇرلار دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتى بەكمۇ ئاز بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئويۇن ئايدىڭ كېچىلەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئوينىلىۋېرىدۇ. كۆپىنچە توي - تۆكۈنلەردە توينى مۇبارەكلەپ، توي بولغان ئۆيگە يىغىلىپ تۈن يېرىمىگىچە غەزەل ئېيتىشىپ ئولتۇرۇش قىلىدۇ. بالىلار بۇنداق توي - تۆكۈن سورۇنىغا قاتنىشىشقا سازاۋەر بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئايدىڭ كېچىدە ئاق سۆڭەك ئويۇنى ئوينايدۇ. ياشلار ۋە بالىلار مەھەللىلەر بويىچە مەلۇم بىر جاينى ئۆز ئارا پۈتۈشۈپ خالىغان ئايدىڭ كېچىلىرى بۇ ئويۇننى ئويناۋېرىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 15 سانتىمېتىر، توملۇقى بىر سىقىم كېلىدىغان سۆڭەك ياكى ئاق ياغاچ ناھايىتى سىلىق قىلىپ ياسىلىدۇ. ئويۇننى باشلاشتا ئاۋۋال قىز - ئوغۇل ئارىلاش ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ. ئاندىن ئاق سۆڭەكنى ئېلىپ قېچىپ كېلىش ئورنى بېكىتىلىدۇ. ئىككى تەرەپتىن بىردىن ئىككى كىشى چەك ئالىدۇ. ياكى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق ئاق سۆڭەكنى ئېتىش ھوقۇقىنى تالىشىدۇ. ئېتىش ھوقۇقى بەلگىلەنگەندىن كېيىن، ئېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان تەرەپنىڭ بىر ئەزاسى ئاق سۆڭەكنى ئالدى تەرەپكە قارىتىپ كۈچەپ ئاتىدۇ. كىرىۋېلىش رايونىدا توپلىشىپ تۇرغان ئىككى تەرەپنىڭ ئەزالىرى ئاق سۆڭەك ئېتىلغان تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈشۈپ بارىدۇ. ۋە ئۇنى ئىزدىشىدۇ. بۇ جەريانىدا قايسى تەرەپتىن بولسۇن ئاق سۆڭەكنى تېپىۋالغان ئەزا <ئاق سۆڭەك> دەپ ۋارقىرايدۇ - دە، ئېلىپ قاچىدۇ. خۇپىيانە، ئاۋازسىز ئېلىپ قېچىشقا بولمايدۇ. ئېلىپ قاچقان ئەزا قارشى تەرەپكە ئۆزىنى تۇتقۇزماي، قېچىش رايونىغا كىرىۋالسا، شۇ تەرەپ ئۇتقان بولىدۇ. ئەگەر ئاق سۆڭەكنى ئېلىپ قاچقان ئەزانى قېچىش جەريانىدا قارشى تەرەپ ئەزالىرى قوغلاپ تۇتۇۋالسا، قاتتىق تالىشىش باشلىنىپ ئاق سۆڭەكنى بىر - بىرىدىن تالىشىدۇ. ئەگەر تالىشىش جەريانىدا قايسى تەرەپ تاتىۋالسا يەڭگەن بولىدۇ ھەمدە ئاق سۆڭەك ئېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. تالىشىش داۋامىدا بىر - بىرىگە پاس بېرىشكە ياكى ئۆز تەرىپىدىكى يۈگۈرۈكلەرگە بېرىۋېتىشكىمۇ بولىدۇ. ئاخىرىدا، قايسى تەرەپنىڭ ئەزالىرى ئاق سۆڭەكنى ئېلىپ قېچىش رايونىغا كۆپ ئېلىپ كىرىۋالسا، شۇ تەرەپ يەڭگەن بولىدۇ. بۇ ئويۇندا ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ. ئويۇن ۋاقتى بەلگىلەنمەيدۇ. ئىككى تەرەپ قاچان ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالىسا، ئويۇن شۇ چاغدا ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئويۇننى ئويناش جەريانىدا بەلگىلەنگەن قائىدە تەرتىپلەرگە رىئايە قىلىنىدۇ. خالىغانچە بىر - بىرىنىڭ قولىنى تولغاش، قايرىش، كىيىملىرىنى تارتىپ يىرتىش قاتارلىق قوپال ھەرىكەتلەرنى ئىشلەشكە بولمايدۇ. ئەگەر بۇنداق ھەرىكەتلەر يۈز بەرسە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئاق سۆڭەك ئويۇنىنىڭ ئىككىنچى بىر خىل ئوينىلىش ئۇسۇلىمۇ بار بولۇپ، بۇنىڭدا ئاق سۆڭەكنى تېپىۋالغۇچى ئەزا خۇپىيانە ئېلىپ قاچىدۇ. بەلگىلەنگەن ئېلىپ قېچىلىدىغان رايوندا، ھەر تەرەپتىن بىردىن ئىككى <ئانا> تۇرىدۇ. ئاق سۆڭەكنى ئېلىپ قاچقان ئەزا قارشى تەرەپكە ئۆزىنى تۇتقۇزماي قېچىپ كىرىۋېلىش رايونىدىكى ئانىغا بېرىدۇ. ئېلىپ قاچقۇچى كويلىغا كىرىشكە بولمايدۇ. ئانىسى كويلا ئىچىدىن چىقماي تۇرۇپ ئەزالىرى بەرگەن ئاق سۆڭەكنى ئالىدۇ ھەمدە قارشى تەرەپنى بىر قېتىم ئۇتقان ھېسابلىنىپ ئاق سۆڭەكنى ئېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. ئاق سۆڭەك توغرىسىدا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ <تۈركىي تىللار دىانى> دا <ياغاچتىن چىقىدىغان تاغاق سۆڭىكىگە ئوخشاش تارشا. بۇنىڭ ئۇچىنى ياندۇرۇپ، كېچىسى كىشىلەر بىر - بىرىگە ئېتىپ ئوينايدۇ> دېيىلگەن. بۇ ھەقتە مۇنداق قوشاق بار. <ئوغۇل - قىزلار توپلىشىپ، تەتۈرسىگە قارىشار. تۆت ئىلىك ئاق سۆڭەكنى، يىراقلارغا ئېتىشار. تۇيدۇرماستىن قېچىشىپ، كويىلىغا تېز بېرىشار. تۇتۇۋالسا قاچقاننى، بەس - بەس بىلەن تالىشار.>  بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئاق سۆڭەك ئويۇنى ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدا Ⅺ ئەسىردىلا پەيدا بولغان بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بۇ ئويۇننىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئويۇن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ."[1]


    ئاق سۆڭەك ئويۇنى كىچىك بالىلار ئايدىڭ كېچىلەردە ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇن بولۇپ، ئاساسەن ئۆزنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، يۈگۈرۈش تېزلىكىنى ئاشۇرۇشتا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 15سانتېمىتىر، توملۇقى بىر كۆرسەتكۈچ بارماقچىلىك كېلىدىغان ھەم سىلىقلانغان سۆڭەك ياكى ئاق ياغاچىنى ئويۇن مەيدانىغا كەلتۈرىدۇ. ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئىككى تەرەپكە تەڭ نىسبەتتە بۆلۈنىدۇ، ئاندىن ئاق سۆڭەكنى ئېلىپ قېچىش ئورنى بېكىتىلىدۇ. ئىككى تەرەپتىن بىرى چەك تارتىشش شەكلىدە ياكى باشقا بىر ئۇسۇلدا ئاق سۆڭەكنى ئېتىش ھوقوقىنى تالىشىدۇ. ئېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان تەرەپنىڭ بىر ئەزاسى ئەق سۆڭەكنى ئالدى تەرەپكە كۈچ بىلەن ئاتىدۇ. كىرىۋېلىش رايونىدا تۇرغان ئىككى تەرەپنىڭ ئەزالىرى ئاق سۆڭەك ئېتىلغان تەرەپكە يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى ئىزدەيدۇ. ئاق سۆڭەكنى تېپىۋالغان بالا ‹‹ئاق سۆڭەك ››دەپ ۋارقىراپ ئۇنى ئېلىپ قاچىدۇ. ئېلىپ قاچىدۇ. ئېلىپ قاچقان ئەزا قارشى تەرەپكە ئۆزىنى تۇتقۇزماي قېچىش رايونىغا كىرىۋالسا ، شۇ تەرەپ ئۇتقان بولىدۇ. ئەگەر ئاق سۆڭەكنى ئېلىپ قاچقان ئەزانى قارشى تەرەپ ئەزالىرى قوغلاپ تۇتۇۋالسا ، سۆڭەكنى ئېلىپ قاچقان ئەزانى قارشى تەرەپ ئەزالىرى قوغلاپ تۇتۇۋالسا ، سۆڭەكنى قاتتىق تالىشىش باشلىنىدۇ . بۇ جەرياندا قايسى تەرەپنىڭ ئادىمى بولسۇن، ئاق سۆڭەكنى يۇلۇپ ئېلىپ قېچىش رايونىغا كىرىۋالسا، شۇ تەرەپ يەڭگەن بولىدۇ ھەم ئاق سۆڭەك ئېتىش ھوقوقىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ ئويۇندا ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ. مۇسابىقە ۋاقتى بەلگىلەنمەيدۇ، ئىككى تەرەپ كېلىشىپ قاچان ئاخىرلاشسا بولىۋېرىدۇ.

   ئاق سۆڭەك ئويۇنىنى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاجىك بالىلىرى ئوينايدۇ. بۇ ئويۇننىڭمۇ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا: ‹‹ياغاچتىن چىقىدىغان، تاغاق سۆڭىكىگە ئوخشاش تارشا، بۇنىڭ ئۇچىنى ياندۇرۇپ، كېچىسى بالىلار بىر – بىرىگە ياندۇرۇپ ئوينايدۇ››دېيىلگەن.

   قىرغىزلارنىڭ 9–ۋە 10–ئەسىرگە مەنسۇپ ‹‹ماناس داستانى ››دىمۇ بۇ ھەقتە مۇنداق قوشاق بار:

   ئوغۇل – قىزلار توپلىشىپ،

   تەتۈرسىگە قارىشار.

   تۆت ئىلىك ئاق سۆڭەكنى،

   يىراقلارغا ئېتىشار،

  تۇيدۇرماستىن قېچىشىپ،

  كويلىغا تېز بېرىشار.

   دېمەك، ئاق سۆڭەك ئويۇنى ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا تولىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى. بۇ ئويۇن ھازىرمۇ رايونىمىزدىكى بىر قىسىم جايلاردا ئوينىلىپ كەلمەكتە.[2]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
  2. مۇھەررىر : قەيـسەر ؛مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 11- 03 17:10؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-11/03/content_124764.htm؛