ئاق پەتەك يۇلتۇز

ئورنى Wikipedia

يۇلتۇزلارنىڭمۇ بىز ئىنسانلارنىڭكىدەك يېشى(ئۆمرى) بولىدۇ. ئاسترونوملار تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى ياشلىق مەزگىلى، ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلى ۋە قېرىلىق مەزگىلىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا ئايرىيدۇ. ئاق پەتەك يۇلتۇز قېرىلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغان بىر تۈرلۈك تۇرغۇن يۇلتۇزدىن ئىبارەت.11

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :ئاق پەتەك يۇلتۇز


تەۋەلىكى :تۇرغۇن يۇلتۇز

ئىنگلىزچە نامى :White dwarf

ئالاھىدىلىكى :ئاق رەڭدە كۆرۈنىدۇ ، ھەجمى بىر قەدەر پاكار

زىچلىقى :1/10—10t/cm3

ماھىيەت :يورۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەن ، يۇقىرى زىچلىق , يۇقىرى تېمپېراتۇرا

يۇرۇقلىقى :240000000cd/m 2

سىرتقى تېمپېراتۇرىسى :تەخمىنەن ‫100,000‮ K

ئاق پەتەك يۇلتۇز ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئاق پەتەك يۇلتۇز دەپ ئاتىلىشى[تەھرىرلەش]

5پارچەئاق پەتەك يۇلتۇزئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى ئاجىز، ھەجىمى كىچىك، تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، زىچلىقى زور. ماسسىسى قۇياشتىن پەرقلەنمەيدىغان بىر دانە ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ «بويى» ئاران يەر شارىنىڭكىچىلىك كېلىدۇ. بويىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي، ئۇنىڭ زىچلىقىنىڭ چوڭلۇقى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. ئۇنىڭدىكى سېرىق پۇرچاقچىلىك چوڭلۇقتىكى نەرسىنىڭ ئېغىرلىقى بىر توننا كېلىدۇ. ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 10 مىڭ سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، شۇڭا ئۇ ئاق نۇر چىقىرىدۇ. ھەم «ئاق» ھەم «پەتەك» دېيىش بۇ خىل يۇلتۇزنىڭ ئەڭ ياخشى تەسۋىرى ھېسابلىنىدۇ.

تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ پەتەكلەر بار، ئۇلارنىڭ قامىتى ئادەتتە يەر شارىنىڭكىدىن كىچىك، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئاي شارىنىڭكىدىنمۇ كىچىك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، خۇددى قارا رەڭلىك بىر پارچە تۆمۈر قىزىغاندا ئاقۇش نۇر چىقارغىنىدەك، رەڭگى ئاقۇش بولۇپ كۆرۈنىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇلارنى ئاق پەتەك يۇلتۇزلار دەپ ئاتىشىدۇ.

ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ ئېغىرلىقى[تەھرىرلەش]

   ئاق پەتەك يۇلتۇزلار گەرچە «پەتەك» بولسىمۇ، لېكىن ئېغىرلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. يەر شارىنىڭ چوڭلۇقى بىلەن ئوخشاش بولغان بىر ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ ئېغىرلىقى قۇياشنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ كېلىدۇ. ئادەتتە ئاق پەتەك يۇلتۇزلار يەر شارىدىن نەچچە يۈز مىڭ ھەسسە، ھەتتا نەچچە مىليون ھەسسە ئېغىر بولىدۇ. سىرىئۇسنىڭ يۇلتۇزىنىڭ بىر دانە ئاق پەتەك يۇلتۇز ھەمراھى بار بولۇپ، دىيامېتىرى يەر شارى دىيامېتىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە، ئەمما ئېغىرلىقى يەر شارى ئېغىرلىقىنىڭ300 مىڭ ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى سەرەڭگە قېپىچىلىك بىر دانە «كىچىك تاش» نىڭ ئېغىرلىقىلا بەش توننا كېلىدۇ. ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ زىچلىقى ئەنە شۇنداق چوڭ، چۈنكى ئۇ ئالاھىدە ماتېرىياللاردىن تەركىب تاپقان.

مەنبە: ئىزدە قامۇسى