ئالتاينىڭ شىنجاڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنىشى

ئورنى Wikipedia

ئالتاينىڭ شىنجاڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنىشى ( 1919 - يىل )

ئالتاي رايونى ئەسلىدە مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ قوبدۇ ۋەزىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى . 1913 - يىلى 9 - ئايدا ، چارروسىيە چىقارغان ئەسكەرلەر ئالتاينىڭ ئىش بېجىرگۈچى ئەمەلدارى تۇرۇشلۇق مىرزا مەسچىتى ( ھازىرقى ئالتاي شەھىرى )گە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى ۋە ئالتايدا ئاھالىلەرنى قانۇنسىز كۆچۈردى . شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى ئالتايدا ئىش بېجىرگۈچى ئەمەلدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، ئالتاي ۋىلايىتى قۇرۇپ ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى . ئالتاينىڭ شىنجاڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى خەرىتىسىگە ئاساس سېلىپلا قالماستىن ، يەنە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى كۈچلۈك قوغدىدى .