ئالتۇن شىتات قاتىلى

ئورنى Wikipedia
ئالتۇن شىتات
ئالتۇن شىتات قاتىلى تۇتۇش ئىلانى

2018-يىلى 72 ياشقا كىرگەن سابىق ساقچى ئەمەلدارى سىتى ئانجېلونىڭ 1976-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە بولغان جەرياندا، كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 12 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، 50 ئادەمگە باسقۇنچىلىق قىلغان "زەنجىرسىمان قاتىلىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش ۋەقەسى". بۇ ۋەقە 40 يىلغىچە ھەل بولمغان، ئەگەر ئامىرىكا تارىخىدە بولمىسمۇ، كالىڧورنىيە شىتاتى تارىخىدىكى ئەڭ تەس، ئۇزاق ۋاقىتتا ھەل بولمىغان، ئاھالىلەر ئارىسدا ۋەھىمە پەيدا قىلغان ۋەقە. بۇ ۋەقەنىڭ باش جىنايەتچىسى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا قولغا چۈشتى.

ئالتۇن شىتات
شەرقىي رايۇن باسقۇنچىسىنىڭ سىزما رەسىمى

نامى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە: ئالتۇن شىتات قاتىلى، شەرقىي رايۇن باسقۇنچىسى، يېرىم كىچىدىكى تىۋىشچى

ئىنگىلىزچە: Golden state killer, East area rapist , Original night stalker

جىنايتەچنىڭ ئاساسى ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئالتۇن شىتات
يېرىم كىچىدىكى تىۋىشچى

ئىگىزلىگى: 5 ڧۇت 10 ئىنگلىز چى

ئغىرلىقى: 170 قاداق ئەتىراپىدا

مۇكاپات سوممىسى؛ 50000 دوللار

زىيانكەشلىكە ئۇچىرغۇچىلار: 12 ئادەم ئۈلگەن، 50 تىن ئارتۇق ئادەم باسقۇنچىلىققا ئۇچىرغان، 120 قىتىمدىن ئارتۇق بۇلاڭچىلىق دىلوسى

جىنايەت ئۆتكۈزگەن ۋاقتى: 1978-1986

جىنايەت ئۆتكۈزگەن يەر: ئامىركىنىڭ كالىغورنىيە شىتاتى

دىلو ھەققىدە[تەھرىرلەش]

بۇ دېلو كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئەڭ چوڭ ۋەھىمىلىك دېلو دەپ قارالغان بولۇپ، 40 نەچچە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن پاش بولغان، جىنايەتچى ۋىيتنام ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، بىر بارمىقى زەخمىلەنگەن كونا ئەسكەر. ئۇ ئەسكەرلىكتىن قايتىپ كەلگەندىىن كىيىن، بىر مەزگىل ساقچىلىق قىلغان، لىكىن دۇكاندا پۇل تۈلەش جەريانىدا، ئىشىت يىمەكلىكى ۋە بولقىغا پۇل تۈلىمىگەنلىكى ئۈچۈن ساقچىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىلىپ تاشلانغان. 2018-يىلى ئۇ تۇتۇلغاندىن كىيىن، تەپتىشلار ئۇنىڭ ساقچى بۇلۇش جەريانىدا باسقۇنچىلىق، قاتىلىق قىلىشنى ئاللىبۇرۇرن باشلىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن.