ئالفېرد نوبىل

ئورنى Wikipedia

نوبىل مۇكاپاتىنى ياراتقۇچى ئالىم (1833-1896) ALFRED NOBEL

ئالفېرد نوبىل


نوبىل مۇكاپاتى شىۋىتسىيەلىك داڭلىق خىمىيە ئالىمى نىترو گىلىتسىرىنلىق بومبىنىڭ ياراتقۇچىسى ئالفېرد نوبىل ئەفەندىنىڭ مەلۇم مىراسىنى مەبلەغ قىلىش ئاساسىدا قۇرۇلغان مۇكاپات بولۇپ ، ئالفېرد نوبىل ئەفەندى ھاياتىدا 355 تېخنىكا تۇرىدە كەشپىيات ياراتقان ھەم ياۋرۇپا قىتئەسى ، ئامېرىكا قىتئەسى قاتارلىق بەش چوڭ قىتئەدىكى 20 دۆۋلەتتە 100 يېقىن شىركەت ۋە زاۋۇد قۇرۇپ ، غايەت زور مەبلەغ توپلىغان . 1896 - يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىتالىيەدە ۋاپات بولغان ، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مەلۇم مىراسىنى ( 9 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى)مەبلەغ قىلىپ ، ئۇنى ئۆسۇمى بويىچە فىزىكا ، خىمىيە ، فىزىئولوگىيە ۋە تىببىي ئىلىم ، ئەدىبىيات ۋە تېنچلىق قاتارلىق 5 پەنگە بۆلۈپ تەسسىس قىلىپ بۇنى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىكى مۇشۇ ساھەلەردە ئىنسانىيەتكە ئالەمشۇمۇل تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە مۇكاپات قىلىپ تارقىتىپ بېرىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغان .

شۇنىڭغا ئاساسەن شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى 1900-يىلى 6- ئايدا رەسمىي ھالدا نوبىل مۇكاپاتىنى تەستىقلاپ يولغا قويغان ، ھەم 1901 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئالفېرد نوبىل ئەفەندى ۋاپاتىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنىدە تۇنجى قېتىملىق نوبىل مۇكاپاتىنى تارقاتقان ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە شىۋىتسىيە پايتەختى سىدگېرم ۋە نورۋىگىيە پايتەختى ئوسلۇدا داغدۇغۇلۇق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ .

1968 يىلى شىۋىتسىيە مەركىزىي بانكىسى بانكا قۇرۇلغىنىنىڭ 300 يىللىق خاتىرى يىلى تۇپەيلىدىن مەبلەغ چىقىرىپ نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتىنى قوشۇپ تەسسىس قىلغان ھەم ئۇنى < خاتىرە نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتى > دەپ ئاتىغان ، 1969 يىلىدىن باشلاپ قالغان بەش خىل مۇكاپات تۈرى بويىچە ئوخشاش ۋاقىتتا تارقىتىشنى باشلىغان ، ئۇنىڭ تاللاش پىرىنسىپى - ئىقتىسادى پەن-تەتقىقات ساھەسىدە ئالەمشۇمۇل قىممەتتىكى تۆھپە ياراتقان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ ھەم دەسلەپكى ۋاقىتلاردا تۆھپە ياراتقان كىشىلەر ئالدىن مۇكاپاتلىنىدۇ . 1990-يىلى ئالفېرد نوبىل ئەفەندىنىڭ مۇھىم جىيەن نەۋرىسى كىلاۋس ئەفەندى - نوبىل يەر شارى مۇكاپاتىنى قوشۇپ تەسسىس قىلىشنى ھەم بۇنى دۇنيا مىقياسىدا مۇھىت ئاسراشتا ئالاھىدە نەتىجە قازانغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان . بۇ مۇكاپات 1991 - يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنيا مۇھىت كۈنىدىن باشلاپ تۇنجى قېتىم تارقىتىلىشنى باشلىغان . ئالفېرد نوبىل ئەفەندىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ھېچقانداق دۆۋلەت ، مىللەت ، ئىجتىمائىي ئاڭ شەكلى ۋە دىننى ئېتىقادنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ ، نامزات تاللاشتا ياراتقان نەتىجىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىنىدۇ دەپ بىكىتىلگەن .

ھەر يىلى 9-ئايدىن كىيىنكى يىلى 1-ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ھەر قايسى تۈرلەردىكى مۇكاپاتقا تونۇشتۇرۇلغان كاندىدات نامزاتلار قۇبۇل قىلىنىدۇ ، تونۇشتۇرىلىدىغان كاندىداد نامزاتلار ئادەتتە 1000-2000 كىشىگىچە بولىدۇ . 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تونۇشتۇرۇلغان كاندىداد نامزاتلار شاللاپ تاللاش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش باسقۇچىغا كىرىدۇ ، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تىزىملىكى رەسمىي ھالدا ئېلان قىلىنىدۇ ، 12 -ئاينىڭ 10 -كۈنى ئالفېرد نوبىل ئەفەندى ۋاپاتىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىۋىتسىيە پايتەختى سىدگېرم ۋە نورۋىگىيە پايتەختى ئوسلۇدا داغدۇغۇلۇق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە شىۋىتسىيە پادىشاھى سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات تارقىتىدۇ .

نوبىل مۇكاپاتى -مۇكاپات كىنىشكىسى ، ئالتۇندىن ياسالغان مۇكاپات مىدالى ۋە مۇكاپات پۇل چىكىدىن تۈزۈلىدۇ . نوبىل مۇكاپاتى پۇل سوممىسى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا 31000-72000 ئامېرىكا دوللىرىغىچە ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا پۇل پاخاللىقى تۇپەيلى 60- يىللاردا 75000 ئامېرىكا دوللىرى 80 - يىللاردا 220000 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن .

ئالتۇندىن ياسالغان مۇكاپات مىدالىنىڭ ئېغىرلىقى يىرىم قاداق بولۇپ ، ساپ ئالتۇن 23 گرام ، دىئامىتىرى تەخمىنەن 6.5 سانتىمىتىر بولۇپ ، ئوڭ يۈزىگە ئالفېرد نوبىل ئەفەندىنىڭ يۇزەكى سۇرىتى ئويۇلغان . ئوخشىمىغان مۇكاپات تۈرىدىكى مۇكاپات مىدالىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى زىننەت بۇيىمى ئوخشاش بولمايدۇ .

ھەر بىر مۇكاپات كىنىشكىسىمۇ ئۆز-ئارا ئوخشىمىغان ئاساستا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا ياسىلىدۇ . ھەر قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ئادەم تەخمىنەن 1500-1800ئادەم ئەتراپىدا چەكلىنىدۇ ، مۇراسىمغا قاتناشقان ئەرلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ مىللىيچە كىيىمىنى ، ئاياللار چوقۇم كېچىلىك مۇراسىم كىيىمىنى كىيىش شەرت قىلىنىدۇ ، ئالفېرد نوبىل ئەفەندى 1891-يىلى ئىتالىيەدىكى سېنمورىيدىن بىر داچا سېتىۋالغان ، ئۇ ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا كۇنلىرىنى شۇ داچىسىدا ئۆتكۈزگەن ، بۇ داچا ئەتراپىدىكى ئىللىق ۋە قۇرغاق ھاۋارايى ئۇنىڭ سالامەتلىكە بەكمۇ پايدىلىق بولۇپ، ئۇ بۇ داچىسىنى < مېنىڭ كىچىك ئۇۋام > دەپ ئاتىغان ، شۇڭا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەم بىلىمگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش تۇپەيلى مۇراسىمدىكى بارلىق ئاق ۋە سېرىق گۈللەر چوقۇم ئىتالىيەدىكى سېنمورىيدىن ئېلىپ كېلىنىدۇ .