ئالقات

ئورنى Wikipedia

جىغان مىۋىسى ئالقات دەپ ئاتىلىدۇ، ئالقات ئادەتتە ئارپا ئالقىتى ۋە قوناق ئالقىتى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.ئارپا ئالقىتى 8- ئاينىڭ بېشىدىن تارتىپ پىشىشقا باشلايدۇ، قوناق ئالقىتى 9-ئايدا پىشىدۇ.ئالقاتنىڭ كۆرۈنىشى سارغۇچ، قىزىل مارجانغا ئوخشاش بولۇپ، شېخىدا غۇژمەك بولۇپ ئۆسىدۇ.ئالقات كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا شىپالىق رولىغا ئېگە بولغاچقا، كىشىلەر ئالقات شەربىتى ۋە ئالقات مۇرابباسى تەييارلاپ ئىستېمال قىلىدۇ.

ئالقات مۇرابباسىنىڭ رەڭگى سارغۇچ، تەمى چۈچۈمەل كېلىدۇ، ئانچە قويۇق بولمايدۇ.ئالقات مۇرابباسى ھەر كۈنى بىر-ئىككى قوشۇقتىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ، قان تومۇر قېتىشىشى كېسىلىگە شىپا بولىدۇ:كۆز تورلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ:ئاشقازاننى ياخشىلاپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ.