ئالما سۈزۈش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

ئالما سۈزۈش ئويۇنى ئۇيغۇر مىللىتى ياشلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، بۇ ئاساسەن ياز پەسىللىرىدە دەريا - كۆللەردە ئوينىلىدىغان ئويۇن. بۇ ئويۇندا چوڭراق دەريا، چوڭراق ئۆستەڭ - كۆللەردە ئالمىنى سۇغا ئېتىۋېتىپ، ئارقىسىدىن قوغلاپ ئۈزۈپ بېرىپ ئوينايدىغان، سۇدا ئۈزۈش ماھارىتىنى ئۆستۈىدىغان، كۈچ ۋە تېزلىك تەلەپ قىلىدىغان ئويۇن. ئويناش ئۇسسۇلى: بۇ ئويۇندا بىر توپ ياشلار دەريا كۆللەردىكى سۇغا چۈشىدۇ ۋە بىر دانە ئالمىنى سۇنىڭ ئېقىشىغا قارىتىپ ئاتىدۇ ۋە مۇنداق قوشاق توقۇيدۇ: ئالما ئاتتىم دەرياغا، لەيلىمەيدۇ، چۆكمەيدۇ. سەن يارىمنىڭ ئوتلارى، يالقۇنلايدۇ، ئۆچمەيدۇ. قوشاق بىلەن تەڭ ئويۇنغا قاتناشقۇچى ھەممە كىشى تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ تاشلانغان ئالمىنى سۇدا ئۈزۈپ قوغلاپ بېرىپ تۇتىدۇ. تاشلانغان ئالمىنى كىم ئالدى بىلەن سۈزۈۋالسا، شۇ يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ. ئۇمۇ قوشاق بىلەن ئالمىنى ئېقىنغا قارىتىپ ئاتىدۇ. ئالماڭنى مەنمۇ ئاتتىم، سۇنىڭ ئېقىشىغا. يارنىڭ خەتلىرى تەگدى، يۈرەكنىڭ بېغىشىغا. بۇ ئويۇندا ئۇدا ئۈچ قېتىم ئالمىنى سۈزۈۋالغان كىشى ئويۇندا يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ. ئويۇن شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىۋېرىدۇ. بۇ ئويۇندا بىخەتەرلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]