ئالىقان بىلەن ئىتتىرىش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

ئالىقان بىلەن ئىتتىرىشىش ئويۇنى ئۇيغۇر ياشلىرى يەكمۇ يەك كۈچ سىنىشىدىغان ئويۇن. ئويناش ئۇسۇلى: بۇ ئويۇن ئىككى خىل ئوينىلىدۇ. بىرىنچى خىلى، بەسلەشكۈچى ئىككى كىشى 80 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئارىلىق قويۇپ، قارىمۇ قارشى تۇرۇشىدۇ. ئاندىن ئىككى قول ئالىقانلىرىنى ئۆز ئارا چاپلاپ تىرەيدۇ. مۇسابىقە باشقۇرغۇچى ئىتتىرىشىش ئىشارىسى بەرگەندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن تۇرۇش ئارىلىقىدىن ئاجراتماي، ئۆز ئارا ئىتتىرىشىپ بىر - بىرىنى ئۆز ئورنىدىن قوزغىۋىېتىشكە تىرىشىدۇ، ئىتتىرىپ قوزغىۋەتكەن ئادەم يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى خىلى، ئىككى كىشى 80 سانتىمېتىر ئارىلىق قويۇپ، قارىمۇ قارشى تۇرىدۇ. ئويۇن باشقۇرغۇچى ئىتتىرىشىش ئىشارىسى بەرگەندىن كېيىن، بەسلەشكۈچىلەر بىر - بىرىنىڭ ئالىقانلىرىغا ئالىقانلىرىنى چاپلاپ ئىتتىرىشىشنى باشلايدۇ. ئويۇندا كۈچلۈك، چېچەن، ئىنكاس قايتۇرۇشچانلىقى تېز بولغان ئادەم پۇرسەتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر كېلىدۇ. ئۇ قارشى تەرەپ ئۆزىنى كۈچىنىپ ئىتتىرگەندە، ئالىقىنىنى تېزدىن تارتىۋالىدۇ - دە، قارشى تەرەپ كۈچىنىش ئىنېرتسىيىسىنى كونترول قىلالماي قوزغىلىپ كېتىدۇ ياكى بولسا قارشى تەرەپ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالماي تۇرغاندا ئارقىغا ئىتتىرىۋېتىپ، ئورنىدىن قوزغىۋېتىدۇ. بۇنىڭدا مەيلى ئالدىغا قوزغىۋەتسۇن، ياكى كەينىگە قوزغىۋەتسۇن، ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتكەن بالا يېڭىلگەن بولىدۇ. كوماندا بېرىلمەستىن بۇرۇن ئىتتىرىشنى باشلاشقا ياكى قارشى تەرەپنى تۇتۇۋېلىپ ئالدى - كەينىگە تارتىپ ئىتتىرىشكە بولمايدۇ. بۇنداقتا نەتىجىسى ئىناۋەتكە ئېلىنمايدۇ. بىرلا قېتىم ئىتتىرىشىش ياكى ئۈچ قېتىم ئىتتىرىشىش ئارقىلىق يېڭىش - يېڭىلىشنى بەلگىلەش مۇسابىقىدىن بۇرۇن بەلگىلىنىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]