ئالىم قۇربان

ئورنى Wikipedia

مول ھۇسۇللۇق رەسسام ئالىم قۇربان، 1968-يىلى شىنجاڭ باي ناھىيسىدە تۇغۇلغان. 1985- يىلدىن 1988- يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتىدا ئوقۇغان. 1988- يىلدىن 2010- يىلغىچە ئاقسۇ دارىلمۇئەلىمىن گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپىسىدا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن. 2010- يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنيەت يۇرتىدا كەسپي رەسسام بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. شىنجاڭ گۈزەل–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك گۈزەل سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى.

مول ھۇسۇللۇق رەسسام ئالىم قۇربان 1988- يىلدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا ماي بوياق ئىجادىيەت سېپىگە قۇشۇلغان. ھازىرغىچە مەملىكەت، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ھەر خىل گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن،« ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى »، «ئاپتور پورتېرېتى »، « ئۆتكەن كۈلەر »، « تۇخا سۇقۇشتۇرۇش»، « ياشانغان سەنئەتكار»، قاتارلىق ئەسەرلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 1- ، 2- ، 3- ، دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.بۇنىڭدىن باشقا ئۈچ پارچە رەسىمى چەتئەللىك سەنئەتكارلارنىڭ ياقتۇرۇپ ساقىلىشىغا مۇييەسەربولغان.

1999- يىلى « ياشانغان سەنئەتكار » ناملىق ئەسىرى مەملىكەتلىك كۆرگەزمىدە«ئاممىۋي يۇلتۇز » يۇلتۇز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2002- يىلى « يۇرتۇمدىكى قىزچاق »ناملىق ئەسىرى مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك ئامىمىۋى يۇلتۇز كۆرگەزمىسىگە تاللانغان. 2003- يىلى« ئانار » ناملىق ئەسىرى ئاپتونوم رايوننىڭ گۈزەل سەنئەت، فوتو – سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە  كۈمۈش مىدالغا ئېرىشكەن. 2005- يىلى « توغراق ۋەئادەملەر » نامىلق ئەسىرى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللقىنى تەبىرىكلەش ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە تاللانغان. 2007- يىلى « ئېگىزلىكتىكى قوشنام » ناملىق ئەسىرى شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ياش رەسساملار كۆرگەزمىسىگە تاللانغان. 2008- يىلى «سىرلىق خوتەن »ناملىق ئەسىرى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە« ئىلىم –پەن » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2009- يىلى « دولانلىقلار » ناملىق ئەسىرى « دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ60 يىللىقىنى خاتىرلەش شىنجاڭ ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمە »سىگە تاللانغان.2010- يىلى « يېڭىسالىقلار » نامىلىق ئەسىرى « ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ» ناملىق گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە تاللانغان. 2011 – يىلى « قاشتېشى تەرگۈچىلەر» ناملىق ئەسىرى « شىنجاڭ ماي بوياق ___ ھازىرقى زامان ماي بوياق ئەسەرلىرى » كۆرگەزمىسىگە تاللانغان. 2011-يىلدىن 2013- يىلغىچە ئىككى قارار مەركىزى گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتوتى ماي بوياق فاكۇلتېتىنىڭ 2- قېتىملىق ماي بوياق ئاسپىرانتلار سىنىپىدا بىلىم ئاشۇرغان.2013-يىلى مەملىكەتلىك ئۈچىنىچى نۆۋەتلىك « جۇڭگو غايىسى » ناملىق گۈزەل سەنئەت ئەسەرلەركۆرگەزمىسىدە «مۇنەۋەر ئەسەر » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مەنبە[تەھرىرلەش]

كۈنتاج تورى