ئامازون

ئورنى Wikipedia

«ئامازون»[Amazon]6297209791 دۇنيادىكى [www.amazon.com] تۇنجى تور كىتابخانىسى، 1995 – يىلى ئېچىلغان. شۇ چاغدا ئۇنىڭ رىقابەتچىسى بولمىغاچقا، 1997 – يىلىغا كەلگەندە «ئامازون» نىڭ سېتىش سوممىسى 66 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

«ئامازون» كىتابخانىسىنى ئاچقان جېف بېزوۋس ئاكسىيە سودىسى [Bond Business] قىلىدىغان ئادەم بولۇپ، كومپيۇتېر تورى بارلىققا كەلگەندە، تور قانداق نەرسە سېتىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغاندۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىپ، ئاخىرى تورنىڭ كىتاب سېتىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: توردا 2 مىليارد 500 مىليون كىتاب بار كىتابخانا ئاچقىلى بولىدۇ، ئەمما رېئاللىقتا بۇنچىۋالا كۆپ كىتاب سىغىدىغان كىتابخانا ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.

جېف بېنزوۋس مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، ئۇنىڭ رىقابەتچىلىرىمۇ «ئامازون» كىتابخانىسىنىڭ سودا ئەندىزىسىدىن ئۆرنەك ئېلىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا جېف بېزوۋس باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى ساھەلەرنى ئاچتى. ئۇ «ھەمكارلىشىش ئەندىزىسى» [Cooperation Model] نى ياراتتى، تورغا چىقىدىغان ھەر قانداق ئادەم «ھەمكارلىشىش ئەندىزىسى» گە قاتناشسا، ئۆزلىرىنىڭ تور بېكەتلىرى ياكى تور بەتلىرىدە «ئامازون» كىتابخانىسىنىڭ «زەنجىرسىمان كىتابخانا» لىرىنى ئاچسا بولىدۇ، بۇ «زەنجىرسىمان كىتابخانا» لارغا كىتاب سېتىش سوممىسىنىڭ ٪15 ى بويىچە شىرىنكانە بېرىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئەندىزىنى باشقىلار دوراشقا باشلىدى. ئەمما جېف بېنزوۋس بۇ ساھەنىڭ باشلامچىسى بولغاچقا، يەنە يېڭى ساھەلەرنى ئاچتى. «ئامازون» كىتابخانىسىنىڭ بۇ سودا ئەندىزىسى توردا كىتاب ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەرنى تېز كۆپەيتتى. 1998 – يىلى «ئامازون» كىتابخانىسىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى 4 مىليونغا يەتتى، بۇنىڭ ٪64 ى سادىق ئوقۇرمەنلەرگە ئايلاندى. «ئامازون» كىتابخانىسى CD پلاستىنكىسى بازىرىغا كىرگەندە، «ئامازون» ئوقۇرمەنلىرى كۆپ بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن CD پلاستىنكىسى ساتىدىغان تور بېكەتلىرىنى تېزلا ئارقىدا قالدۇردى. «ئامازون» كىتابخانىسى تور كىنوخانىسىنى سېتىۋالدى. بۇ چاغدا «ئامازون» كىتابخانىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغانلارمۇ «ئامازون» كىتابخانىسىنىڭ نوقۇل ھالدىكى تور كىتابخانىسىدىن دۇنيا بويىچە داڭلىق توردا سودا قىلىدىغان شىركەتكە ئايلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمىدى.

بۇنىڭدىن باشقا «ئامازون» كىتابخانىسىنى ئېچىشقا دول ئىسىملىك بىر مەبلەغ سالغۇچى 8 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ ٪15 ىنى ئىگىلىگەن) مەبلەغ سالدى. ئۇ «ئامازون» كىتابخانىسىنىڭ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچىدى، «ۋال – مارت» تاللا بازىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچۇر تېخنىكىسى باشقۇرغۇچىسىنى، «پېدىئاتسىيە تېز يوللانمىسى» نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئارقا سەپ باشقۇرغۇچىسىنى «ئامازون» كىتابخانىسىدا ئىشلەشكە قايىل قىلدى. نەتىجىدە، «ئامازون» كىتابخانىسىنىڭ پېيى بازارغا سېلىنىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن دولنىڭ بۇ شىركەتتىكى پاي سوممىسى 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» دىن ئېلىندى