ئاممىۋى ساھە

ئورنى Wikipedia


ئىنگلىز تىلىدىكى ئاممىۋى ساھە(public shpere) دېگەن سۆز گېرمان تىلىدىكى Öffentlichkeit دېگەن سۆزدىن تەرجىمە قىلىنغان. بۇ سۆز ئاممىغا ياكى جامائەتكە ئۇچۇق ۋە ئاممىۋى دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

ئىنسانغا نىسبەتەن ئىككى خىل پائالىيەت سورۇنى بار. بىرى، شەخسىي ساھە؛ يەنە بىرى ئاممىۋى ساھە. ئۆيىمىز ياكى دوستلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىمىز شەخسىي ساھەيىمىزدە يۈز بىرىدۇ. ”ئاممىۋى ساھە“ بولسا، مەيدانلار، مەكتەپ، دوختۇرخانا، كۇچا، كۇتۇپخانا… دېگەندەك جامائەتكە ئورتاق بولغان يەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسان ھاياتىدىكى ئاممىۋى ساھە ۋە شەخسىي ساھەنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىشى پەقەت يېقىنقى زاماندا ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

”ئاممىۋى ساھە“ ھەققىدىكى تەتقىقاتلار 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرى ۋە 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈشكە باشلىغان ئىدى. ”ئاممىۋى ساھە“ ئۇقۇمى تۇنجى بولۇپ 1962-يىلى گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ ۋە جەمئىيەتشۇناس يۈرگىن خابېرماس(Jürgen Habermas[1]’s)نىڭ ”ئاممىۋى ساھەنىڭ قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشى“(The structural transformation of the public sphere) دېگەن كىتابىدا قوللىنىلغان ۋە شەرھلەنگەن. ئەمما، بۇ كىتاب 1989-يىلى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. چۈنكى، ئۆز ۋاقتىدا خابېرماسنىڭ ئاممىۋى ساھە ھەققىدىكى تەتقىقاتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئانچە تارتىپ كەتمىگەن ئىدى.

”ئاممىۋى ساھە“ ئانگېلۇس-ساكسۇن مەدەنىيىتىگە تەۋە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى ئەسىردە ئاممىۋى ساھە بۇ مەدەنىيەت تۈركۈمىگە تەۋە كىشىلەرنىڭ جامائەت پىكىرى(public opinion舆论 ) ۋە خەلق ھوقۇق(popular sovereignty人民主权) چۈشەنچىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى. ئانگېلۇس-ساكسۇن مەدەنىيىتىگە تەۋە كىشىلەر يېقىنقى زامان تارىخىدا، ئاممىۋى ساھەلەردە جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى تالاش-تارتىش قىلغان. بۇ ئارقىلىق ھازىرقى زامان مىللىي دۆلەتنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى. ئۇيغۇرلاردا چايخانا مەدەنىيتى مەۋجۇت بولغىنىدەك، ياۋروپالىقلار ئۈچۈن قەھۋەخانا ۋە ئاممىۋى مەيدان(广场)لار كىشىلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تالاش-تارتىش قىلىدىغان سورۇنىغا ئايلانغان ئىدى.

ئاممىۋى ساھە غەرب مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ باراۋەر، ئەركىن ھالدا ئۆزىنىڭ ئىدىيەلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە تالاش تارتىش قىلىش، دېموكراتىيەنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ كەلگەن ئىدى. ياۋروپا تارىخىدا، كىشىلەر قاچانكى، دېموكراتىيە ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردىن رازى بولمىسا، ئاممىۋى ساھەلەر(ئاممىۋى مەيدان، چوڭ كۇچا، تارىخىي ئورۇن…) قاتارلىقلاردا يىغىلىشىپ نامايىش قىلىشقان ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ھاكىمىيەت بىلەن خەلق ئارىسىدا ئاممىۋى ساھە ئارقىلىق قوش يۆنىلىشلىك مۇناسىۋەت قۇرۇلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپانىڭ دېموكراتىك ۋە ئەركىن سىياسىي مەدەنىيتى مىسلىسىز گۈللىنىشكە ئېرىشكەن. ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپادا ئىجتىمائىي جەھەتتىن پاراۋان، سىياسىي جەھەتتىن ئەركىن، مەدەنىيەت جەھەتتىن ئېچىۋېتىلگەن بىر ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاممىۋى ساھەنىڭ ئوينىغان رۇلى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى.

ئاممىۋى ساھە شەخسىي ئىنساننى جامائەت ئىچىگە سۆرەپ كىرگەن مۇھىم بىر فىزىكىلىق پۈتۈنلۈك(physical entity) ۋە ئۇچۇقلۇق(openness) ھېسابلىنىدۇ. غەرب تارىخىدا 19-ئەسىرلەرگىچە كەلگەن ۋاقىتلاردا شەخسىي ساھە بىلەن جامائەت سورۇنلىرى بىر-بىرىدىن ئايرىلمىغان ئىدى. بۇ دېگەنلىك، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى بىلەن شەخسىي ھاياتى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە ئىدى. بۇ تارىخقا كەلگۈچە زامانىۋى مەنىدىكى دۆلەت ۋە ئىقتىسادىي ئاپپاراتلار بارلىققا كەلمىگەن بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھايات سورۇنى ناھايىتى چەكلىك ئىدى. زامانىۋى مائارىپ پۇرسەتلىرى، ئىقتىسادىي پۇرسەتلەر ۋە ئۆزىنى ئىپادىلەيدىغان مەدەنىيەت مۇھىتلىرى كەمچىل ئىدى. بىراق، يېقىنقى زامان ئۆزگىرىشلىرى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئاممىۋى ساھە بىلەن شەخسىي ساھەنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاممىۋى ساھە ئانگېلۇس-ساكسۇن مەدەنىيتىدە ئون سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرى ئاستا-ئاستا بىخ سۈرۈشكە باشلىغان ۋە ئون توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بىلىنىشكە باشلىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئاممىۋى ساھەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى غەرب ئىقتىساد ۋە سىياسەت تارىخىدا بۇرژۇئازىيەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. چۈنكى، ئاممىۋى ساھەنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىجتىمائىي قاتلام بولسا، بايلار سىنىپى ئىدى.

ئاممىۋى ساھە غەرب تارىخىدا ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بىز قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپلىرىنىڭ بىر يەرگە توپلىشىۋېلىپ ئۇچۇق شەكىلدە باشقىلار بىلەن دىئالوگلاشقانلىقلىرىنى بىلىمىز. ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئىپتىدائىي ئاممىۋى ساھە دەل يۇنانلىقلار ئارىسىدا كۆرىلىدۇ. يۇنان پەيلاسوپلىرى ئۆزىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن شەخسىي يەرلەردە كوللېكتىپ مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ باراتتى. ئەمما، يۇنانلىقلاردىكى بۇ خىل ئەنئەنە كىيىنكى كۈنلەردە ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. ئانگېلۇس-ساكسۇن مەدەنىيتىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر زامانىدا(6-15) ئاممىۋى ساھە پەقەت ھاكىمىيەتنىڭ كۈچ كۆرسىتىش سورۇنىغا ئايلانغان بولۇپ، ئىلگىرى ۋاقىتتىكىدەك دىيالوگ شەكلىنى يوقاتقان ئىدى.

گېزىت قاتارلىق مەتبۇئا بۇيۇملىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئاممىۋى ساھەدىكى كىشىلەر پەقەت مەسىلىلەرنى ئوقۇيدىغان ۋە ئۆزى بىلەن مۇنازىرە قىلىدىغان ئەنئەنىنى يېتىلدۈرگەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا، پاسسىپ ئوقۇرمەن بارلىققا كەلدى. جەمئىيەتتە ئاكتىپ ھالدا دىئالوگىلىشىش ئازايدى.

غەرب تارىخىدا ئاممىۋى ساھەنىڭ ئەڭ مۇھىم بولسا، مەسىلىلەرگە بولغان تەنقىدىي روھنى يېتىشتۈرۈش ئىدى. تەنقىدىي روھ ئەڭ ئالدى بىلەن بۇرژۇئا ئائىلىرىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. كاپىتالىستلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئۆيلىرىدە ئىجتىمائىي مەسىلە، سىياسەت ۋە ئىقتىسادىي ھادىسىلەرگە قارىتا ئورتاق تونۇش ياكى مۇلاھىزە ئېلىپ باراتتى.

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئاممىۋى ساھەدە قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلىدى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا زامانىۋى مىللىي دۆلەت ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. زامانىۋى دۆلەت ھەممە ئىشلارغا چات كېرىيتتى. مەسىلەن، بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى، ئەمگەك كۈچى، پاراۋانلىق، ساغلاملىق، بىخەتەرلىك… دېگەندەك.

ئاممىۋى ساھە دەسلەپتە پەيدا بولغان چاغدا، دۆلەت ۋە ئىقتىسادنىڭ چەكلەش كۈچىدىن يىراق ئىدى. بىراق، مىللىي دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە كاپىتالىستىك ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن ئاممىۋى ساھە ئاساسەن يوقالدى. چۈنكى، بۇ چاغدا ئاممىۋى ساھە ئاللىقاچان دۆلەتنىڭ كونترول قىلىشىغا ئۇچرىغان؛ كىشىلەر ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان ئىدى.

ئاممىۋى ساھە جەمئىيەتتىكى يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى تەرىپىدىن راۋاجلاندۇرۇلغان دىيالوگ مەدەنىيتى بولغاچقا، ساۋاتسىزلارنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ قاتنىشالماسلىق ھادىسىسى كېلىپ چىققان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ئاممىۋى ساھەلەرگە كىرىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئەلۋەتتە.

بۈگۈنكى كۈندە، ئىنتېرنېت ئاممىۋى ساھەنىڭ يەنە بىر ئۆزگەرگەن شەكلىگە ئايلاندى. كىشىلەر ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ.

تارىختا ئانگېلۇس-ساكسۇن مەدەنىيتى راۋاجلاندۇرغان ئاممىۋى ساھە پەقەت مەلۇم بىر جۇغراپىيەلىك رايون بىلەن چەكلىنىپ قالغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت ھالقىغان ئاممىۋى ساھە ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ خىل خەلقئارالىق ئاممىۋى ساھەلەر يەرشارىلىشىش ۋە ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. كىشىلەر ئۆزى ياشاۋاتقان رايوندىكى جەمئىيەتنىڭ مەسىلىلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىن يىراق بىر رايوندىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تالاش-تارتىش قىلالايدىغان ۋە مۇنازىرە قىلالايدىغان بولدى. مەسىلەن، تەكلىماكاننىڭ بىر بۇرجىكىدە ياشاۋاتقانلار ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تالاش-تارتىش قىلالايدۇ. بۇ دەل، مەلۇم جۇغراپىيەلىك ئۇرۇن ئىچىدىكى مەسىلىلەرگە بولغان دىيالوگ مەدەنىيتىنىڭ ماكان ۋە زامان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان خەلقئارالىق مۇھىتلارغا يۆتكىلىشى ئىدى.

مەيلى ئىنتېرنېت بولسۇن ۋە مەيلى ئەمەلىي فىزىكىلىق ئاممىۋى ساھە بولسۇن، بۈگۈنكى كۈندە بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئىنتېرنېت ھېچقانداق شەكىلدە ئىشەنچلىك نەرسە ئەمەس. ئىنتېرنېت كىشىلەرنىڭ شەخسىي سىرلىرىنى ئەڭ ئوڭاي شەكىلدە تارقىتىدىغان مەۋھۇم مەيدان. چۈنكى، بۈگۈن كىشىلەر بارغان-كەلگەن يېرىدىن تارتىپ ھېس-تۇيغۇ ۋە ئويلىرىغىچە ئىنتېرنېتتا بەھرىلىنىدۇ.

سىياسەت بىلىملىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاممىۋى ساھەنىڭ تەرەققىياتى قاتنىشىچان دېموكراتىيە(participatory democracy)نىڭ تەرەققىياتىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچتۇر. تۈركىيەنى مىسالغا ئالايلى. تۈركىيە تارىخىدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھازىرغا قەدەر نەچچە قېتىملىق قانۇنىي خاراكتېردە ياغلىق چەكلەش ھادىسىسى يۈز بەردى. بۇ ئارقىلىق دىندار ئاياللار(ھىجاپلانغان ۋە ياغلىق چەككەن)نىڭ ئاممىۋى ساھە(مەكتەپ، خىزمەت ئورنى…) قاتارلىقلارغا كىرىشى چەكلەندى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە، ئا ك پ پارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تارىخىدىكى چەكلىمە پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلاندى. بۇ ئەلۋەتتە، تۈركىيە تارىخىدىكى دېموكراتىك ئاتموسفېرانىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى، ئەلۋەتتە.

ئۇيغۇرلار، چايخانىلاردا كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن دىئالوگلاشقان، پىكىرلەشكەن ياكى ئۇچۇر ئالماشتۇرغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئاممىۋى چايخانىلار زامانىۋى چايخانىلارغا ئۇرۇن بەردى. زامانىۋى چايخانىلارنىڭ بېزىلىشى كۆركەم، ئىستېمالى يۇقىرى بولغاچقا، پەقەت جەمئىيەتنىڭ يۇقىرىغا قاتلىمىغا تەۋە كىشىلەرلا چايخانا مەدەنىيتىدىن بەھرىلىنەلەيدۇ. بۇ نۇقتىدا زامانىۋى چايخانا مەدەنىيتىمىز پەقەت يۇقىرى ئىستىماللىق كىشىلەر ئۈچۈن ھازىرلانغان سورۇندىن ئىبارەت. بۇنداق بولغاندا، جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن قاتلاملىرىدىكى كىشىلەر بۇ خىل مەدەنىيەتتىن بەھرىلىنىش ھوقۇقى ئىقتىساد سەۋەبى بىلەن چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. زامانىۋى چايخانا مەدەنىيتىمىز ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادىي باراۋەسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ روشەن رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالماقتا. ئەلۋەتتە چايخانىلاردىن باشقا، يەنە ئىلمىي يىغىلىش، چاي ۋە مەشرەپ سورۇنلىرىمىزدىكى دىيالوگ ئەنئەنىسى ئاساسەن ئۈزۈلدى.

  1. Jürgen Habermas