ئامېرىكا سېرىق تاش باغچىسى

ئورنى Wikipedia

ئامېرىكا سېرىق تاش باغچىسى پارتىلامدۇ، 2012 يىل راستمۇ؟ ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋايئومىڭ (Wyoming) شىتاتى بىلەن مونتانا (Montana) شىتاتىغا جايلاشقان سېرىق تاش دۆلەت باغچىسى (Yellowstone National Park، قىسقارتىپ سېرىق تاش باغچىسى دىيىلىدۇ) بولسا، مۇرەككەپ يەر ئاستى ھەركىتى، يەر ئاستى ئىسسىقلىقى بايلىقىغا ئىگە، نۇرغۇن ياۋايى ھايۋانلارنىڭ پادىشاھلىقى بولۇپ، 1872- يىلى قۇرۇلغان، دۇنيادىكى تۇنجى دۆلەت باغچىسى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇ جايغا كەڭ كۆلەمدە ئاھالە ئورۇنلاشتۇرۇشنى چەكلىگەن، سەۋەبى، بۇ جايدا يەر شارىدىكى ئەڭ زور، ئەڭ ۋەھشىي يانار تاغ يۇشۇرۇنۇپ ياتىدۇ، ئەگەر، بۇ جايدا چوڭ كۆلەمدە يانار تاغ پارتىلىسا، پۈتۈن ئامېرىكا، كانادالا ئەمەس، پۈتۈن يەر شارى بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

بۇ ئەتىراپتا ياشايدىغان ياۋا كالىلار، قىش پەسلىنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا سۇ ئىزدەپ ئۇزۇن يول مېڭىپ، يەر ئاستى ئىسسىقلىقى بىلەن چىقىۋاتقان زەھەرلىك سۇلارنى بىر مەزگىل ئىچىشكە مەجىبور بولىدۇ. ئالىملارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، سېرىق تاش باغچىسى ئاستىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى يانار تاغنىڭ پارتىلاش دەۋرى 600 مىڭ يىل بولۇپ، بەلكىم ئىنسانلارغا نىسبەتەن خېلى شۇمخەۋەر شۇكى، ئەڭ ئاخىرقى پارتىلاش بىلەن ئارىلىق 640 مىڭ يىل بولۇپ بولغان ئىكەن، مۇنداقچە ئېيىتقاندا، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى يانار تاغ بەلكىم ھازىر ھەركەتچان ھالەتكە ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىنكەن.

2004- يىلدىن باشلاپ، سېرىق تاش يەر ئاستىدىكى ماگما رېكورت بۇزۇش دەرىجىسىدىكى سۈرئەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ. پەقەت ئۆتكەن ئۈچ يىلدىلا، ھەر يىلى 7.8 سانتىمېتىرلىق سۈرئەت بىلەن كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. بۇ 1923 يىلى خاتىرلەش بار بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ تېز سۈرئەت.

ئەگەر پارتىلاپ قالسا، يەر يۈزىنى 3 مېتىر قېلىنلىقتا توپلانمىلارغا قاپلاش بىلەن، 1600 كىلومېتىر يىراقلىققىچە توزۇيدۇ. زەھەرلىك گازنىڭ تارقىلىشى بىلەن، پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمىدا ئادەم تۇرالمايدۇ. مىڭلىغان ئايرۇپىلانلار ئۇچالمايدۇ، ساناقسىز كىشىلەر ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشىدۇ. ئەگەر 600 مىڭ يىلدىن بۇيانقى يەنە بىر قېتىملىق پارتىلاش يۈز بېرىپ قالسا، ئالىملار بىشارەت بەرگەن دەھشەتلىك كۆرۈنۈشلەر مەيدانغا كېلىدۇ.

يوتا ئۇنۋېرستىتى يەر شارى فىزىكىسى پروفىسسورى روبېرت:«بىزنىڭ ئەڭ ئېنىق ئىسپاتىمىز شۇكى، يەر ئاستىدىكى ماگما قاتلىمى ئېرىگەن لاۋا بىلەن تولدى، بىراق بىز بۇ ھالەتنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىپ ئېتىلىپ چىقىدىغانلىقىنى ياكى ماگما ئېقىشتىن توختاپ، يانار تاغ ئېغىزى قايتا تارىيىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز» دىدى.

بىراق، ماتېرىيال كەم بولغانلىقتىن، كەڭ كۆلەمدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمىدى، ئاپەتنىڭ يۈز بېرىش ۋاقتىنىمۇ پەرەز قىلىشقا بولمىدى.

ئۆتكەن بىر- ئىككى يىلدىن بېرى، كۆك پىلانتىمىزغا تېزلىكتە ئالا قويماي يىلتىز تارتقان ئېنتىرنېت تورىدىن، يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى، لاتقا ئېقىن، كەلكۈن، بىنورمال يوقىرى تىمپىراتورا، قۇياش بورىنىنىڭ يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پەيدا قىلغان قۇتۇپ شولىسىسىمان كۆك رەڭلىك نۇر شولىسى ( بۇنداق شولىنى قۇم تاغ ئۈستى تەرەپتە مەنمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، روسىيەدە كۈندۈزى سۈرەتكە تارتىلغىنى بار، ئۆتكەن يىللىق تور قۇرتلىرى بۇ سۈرەتنى ساقلىۋالغان بولۇشى مۇمكىن)، قۇيۇن.... قاتارلىق ۋەقەلەرنى بەك كۆپ كۆرۈپ كەتتۇق، بۇنداق بىنورماللىقلار پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممە جايىدا يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ.

كىنو «2012- يىل» دىكى ئاپەتنىڭ ئاۋال قەيەردىن باشلانغانلىقى ئېسىڭلاردا بارمۇ؟ ئەلۋەتتە ئامېرىكا سېرىق تاش دۆلەت باغچىسىدىن! كۆرۈنۈشلەر كىشىلەرگە بىر پۈتۈن پىلانتنى ۋەيران قىلىدىغان بىر ئاپەتنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. بۇ كىنومۇ كىشىلەرگە بىر يۇشۇرۇن ئاگاھلاندۇرۇشمۇ؟