ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى

ئورنى Wikipedia

1890-يىلىلا ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قىتئەسىدىكى17 دۆلەت بىرىنچى قېتىم خەلقئارا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا قىتئەسى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنى قارار قىلغانىدى. 1948-يىلى «ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ماقۇللىنىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتىلدى.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى


چەتئەلچە نامى :Organization of American States

قۇرۇلغان ۋاقىت :1890-يىلى

تەشكىلات ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى1890-يىلىلا ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قىتئەسىدىكى17 دۆلەت بىرىنچى قېتىم خەلقئارا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا قىتئەسى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنى قارار قىلغانىدى. 1948-يىلى «ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ماقۇللىنىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتىلدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي ئورگىنى ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى قۇرۇلتىيى بولۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى، دائىمىي كېڭەش، كاتىباتلار باشقارمىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى. 1991-يىلىغا كەلگەندە، ئەزا دۆلەت 34 كە يەتتى.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • تەشكىلات ھەققىدە
  • تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى
  • ئالاقىدار بايان
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى[تەھرىرلەش]

ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى: ئۆز قۇرۇقلۇقىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرالارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

ئالاقىدار بايان[تەھرىرلەش]

ئەمەلىيەتتە، بۇ تەشكىلات ئۇزاقتىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلدى. شۇڭا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ باراۋەرسىزلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىپ، جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.